قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىسلىقدۆڭدە ياڭرىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيى

2018-11-08 18:46:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسىنىڭ بەشتوغراق يېزىسىدا بىر باي كەنت بار، بۇ كەنتنىڭ ئاھالىلىرى چىلان تېرىشقا تايىنىپ بېيىدى. ئۇلار باي بولۇپلا قالماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىدى.
لوپ ناھىيەسىدىن ئايرىلىپ شەرقى شىمالغا قاراپ 35 كىلومېتىر ماڭغاندا، ھەممىلا يەرنىڭ چىلان دەرىخى بىلەن قاپلانغانلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ. ئىسلىقدۆڭ كەنتىگە كىرىشىڭىزگىلا، ھەممە ئائىلىنىڭ ھويلىسىغا چىلان كۆچىتى تىكىلگەنلىكىنى كۆرىسىز. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە قاتار- قاتار كەتكەن چىلان دەرەخلىرى بار بولۇپ، بۇ يەردىكى چىلان دەرەخلىرى يول بويىدىكى دەرەخلەرگە ئايلىنىپ قالغانىدى.
70 نەچچە ياشلىق شى خېشەن جياڭسۇ تەلەپپۇزىدا مۇنداق دېدى: «بىز چىلان ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ بېيىدۇق، يېنىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنىڭمۇ چىلان ئۆستۈرۈشىگە ياردەم قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق، ئۇلارمۇ بىز بىلەن بىللە چىلان ئۆستۈرۈپ بېيىدى. بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ چىلىنى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە ئەڭ ياخشى».
بۇ قۇملۇقتا نېمە ئۈچۈن كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاتلىق چىلانلار چىقىدۇ؟ ھېكايىنى 50 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتنى ئەسلەپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. «ئەينى يىلى نەنجىڭ، سۇجۇ ۋە چاڭجۇدىكى مىڭدىن ئارتۇق زىيالىي ياش دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، بۇ يەرگە كېلىپ چېگرا رايوننىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەردى. ئۇ چاغدا بۇ يەر بىر پارچە قۇملۇق ئىدى، بۇ يەرگە كەلگەن تۇنچى كۈندە، تۇرىدىغان ئۆيىمىزمۇ يوق ئىدى. ھازىر بۇ يەردە يەرلىكنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى لوپ ‹خۇڭچى› دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇلدى».
بۇلارنى سۆزلەپ بېرىۋاتقىنى گو جىنفەن بولۇپ، 1965- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى ئىسلىقدۆڭ كەنتىگە كەلگەن. بۇ يىل ئۇنىڭ بىلەن بۇ يەرگە ئەمگەككە قاتناشقىلى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېشى 50 تىن ئاشقان جياڭسۇلۇق زىيالىي ياشلار بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسلىقدۆڭ كەنتىگە  كېلىپ، ئەينى يىللاردىكى تۇرمۇش، خىزمەت ئورنىنى كۆرۈپ، يېرىم ئەسىر بۇرۇنقى كونا دوستلار جەم بولۇشتى.
80 نەچچە ياشلىق دۆلەتنىياز ئابلا ئەينى يىلى بوز يەر ئېچىشقا كەلگەن جياڭسۇلۇق زىيالىي ياشلارنىڭ تۇغقان يوقلاپ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى. ئۇ ئەينى يىللاردىكى دوستى سوۋغا قىلغان خاتىرە دەپتەر ۋە خاتىرە سۈرەتنى ئېلىپ، بالدۇرلا يول بويىدا كونا دوستىنىڭ كېلىشىنى كۈتتى. بوۋاي مۇنداق دېدى: «50 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئوتتۇرىمىزدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇھەببىتى بۇ يەردە يىتىز تارتتى، ئۇلارنى ناھايىتى سېغىندىم». گوجىنفەن مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا بىز بۇ يەرگە كەلگەندە ئالدى بىلەن ئۆي سالدۇق. بىز يۇلغۇن شاخلىرى بىلەن تام قوپۇرۇپ، ئۈستىنى لاي بىلەن سۇۋىدۇق، لاي قۇرىماي تۇرۇپلا كۆچۈپ كىردۇق. بىز تۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن، قۇم بارخانلىرىنى تۈزلەشكە باشلىدۇق، قۇم بارخانلىرىنى تۈزلەپ بولۇپ، سالا ئېتىز بەرپا قىلىپ، جەمئىي 1 مىڭ 800 مودىن كۆپرەك يەر ئاچتۇق».
  بۇ بىر توپ مەدەنىيەتلىك، بىلىملىك ياشلار شۇ جايدىكى ئامما بىلەن بىللە تاماق يەپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياشلىق باھارىنى تەقدىم قىلدى. كېيىن نەنجىڭدا ئولتۇراقلاشقان ۋاڭ زۇڭرېن ئىسلىقدۆڭ كەنتىدە يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ كەتتى، بىز يەنە ئىككىنچى يۇرتىمىزغا قايتىپ كەلدۇق، بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەينى يىللاردىكى ئىشلارنى ئەسلەپ قالدىم، ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ ھەممىسى قۇملۇق ئىدى، ھازىر بىر پارچە بوستانلىق بىنا قىلىنىپتۇ، ئۆزگىرىش ناھايىتى زور بوپتۇ. نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ھازىر بۇ يەر ناھايىتى ياخشى قۇرۇلۇۋېتىپتۇ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپتۇ». 
بىر چەتتە تۇرغان شۈي تيەنمېي كەينىدىنلا: «ئىككىنچى يۇرتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ ئىنتايىن خوشال بولدۇم، بۇ يەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى، ھەر يىلى مول ھوسۇل ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى. ئەمدىلا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىق ئورنىدىن دەم ئېلىشقا چىققان لى دېجېن مۇنداق دېدى: «كەنتىمىز زىيالىي ياشلارنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى روھىغا ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىپ كەلدى.  ئەينى يىلى ئۇلارنىڭ بۇ يەردە بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىشتەك ئىجادىي روھىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، ئۇلارنىڭ ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئىتتىپاقلىشىشتەك چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، بۇلتۇر مەخسۇس زىيالىي ياشلار چىلانچىلىق كوپىراتىپى قۇردۇم، مەن كەنت ئاھالىلىرىنى ئورتاق تىرىشىپ تەرەققىي قىلىپ بېيىشقا يېتەكلەيمەن».
قول تۇتۇشۇپ ئورتاق بېيىشقا قاراپ ئاتلىنىش. ئىسلىقدۆڭ كەنتىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش تېز بولغاچقا، 2013-يىلىلا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 200 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، يىراق ـ يېقىندا داڭقى بار باي كەنتكە ئايلاندى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەر قايسى مىللەتلەر بىر- بىرىنىڭ ئۆرپ- ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشقا يار-يۆلەك بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئىناق يېڭى يېزا بەرپا قىلىش يولىدا ماڭدى.
لى دېجېن مۇنداق دېدى: «كەنتمىز ئىلگىرى ناھايىتى نامرات ئىدى، پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى سەي ۋېنسى كۆپ تەرەپتىن ئويلىنىپ باشقا رايونلارنىڭ چىلان ئۆستۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، چىلان تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى. بىز باشقا جايلارغا بېرىپ تېخنىكا ئۆگىنىپ، تېخنىكلارنى يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، چىلان ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئاستا ـ ئاستا ئىگىلىدۇق. يەتتە ـ سەككىز يىل ئىلگىرى، بىر مو يەردىكى چىلاندىن يىلدا ئاران بىر- ئىككى يۈز كىلوگرام ھوسۇل ئالاتتۇق، ھازىر بىر مو يەردىن يىلىغا 500 نەچچە كىلوگرام ھوسۇل ئالالايدىغان بولدۇق».
ئىسلىقدۆڭ كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشتى، باشقا كەنتلەرمۇ ئۇلارنى دوراپ چىلان ئۆستۈرۈشكە باشلىدى. ئەمما، تېخنىكسى يۇقىرى بولمىغاچقا مەھسۇلات مىقدارى ئاشمىدى. بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، ئىسلىقدۆڭ كەنتىدىكى دېھقانلار ئولتۇرالماي قالدى. 2009- يىلى بىر قانچە ئائىلىلىك دېھقان ئەتراپىدىكى ئۈچ كەنتتىكى ئۇيغۇر دېھقان ئائىلىسى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا تېخنىكا ئۆگەتتى.
«بىز خوشنا كەنتتىكى قېرىنداشلارغا چىلان دەرەخلىرىنى چاتاش، رەتلەش، دەل ۋاقتىدا دورا چېچىش، چىلان يۇپۇرماقلىرىنىڭ  ئۇچىنى ئۈزۈش قاتارلىقلارنى ئۆگەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئادىمى كۆپ، ئۇلارمۇ كېلىپ بىزگە ياردەملىشىپ ئىش قىلىشىپ بېرەتتى» دېدى، شى خېشەن ئەسلەپ.
شۇنداق قىلىپ، قوشنا كەنتتىكى بىر قانچە ئائىلىنىڭ چىلان مەھسۇلات مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، كىرىمى بىراقلا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بېرىش- كېلىش قىلىش ئارقىلىق ئۇلارمۇ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى. مەيلى خەنزۇ كەنت ئاھالىلىرى چاغان ئۆتكۈزسۈن ياكى ئۇيغۇر كەنت ئاھالىلىرى قۇربان ھېيت ئۆتكۈزسۇن، ھەممىسى سوۋغاتلىرىنى كۆتۈرۈپ ئۆيلىرىگە بېرىپ بىر- بىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىشەتتى.
جاڭ شياۋيىڭ، ئىسلىقدۆڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ ئۆزى ئۇيغۇر، خەنزۇ تىلىنى راۋان سۆزلەيتتى، ئۇ ئىسمىنىڭ ئامانگۈل ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتى. جاڭ شىياۋيىڭ دېگەن بۇ ئىسىمنى يەنىلا ئۇ ئۆزى قويۇۋالغان. ئۇ دائىم باشقىلارغا ياردەم بېرىدىغان بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى يېقىن كۆرۈپ «شياۋيىڭ» دەپ چاقىرىشاتتى. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى ئەتىيازدا، ۋاڭ خۇيشىڭ 15 مو يېرىدىن غەم قىلىپ، نېمە تېرىسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمەي قالدى. ۋاڭ خۇڭشىڭ مۇنداق دېدى: «شياۋ يىڭ ئاچام مېنىڭ غەم قىلىۋاتقان ھالىتىمنى كۆرۈپ، ماڭا 30 مىڭ يۈەن بېرىپ، چىلان كۆچىتى تىكىشىمنى ئېيتتى، يەنە ماڭا چىلان كۆچىتى ئۆستۈرۈش، ئۇلاش، چاتاش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئۆگىتىپ قويدى». بۇ 30 مىڭ يۈەن مەبلەغنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن كۈنگە ياخشىلىنىدۇ.
ۋاڭ خۇيشىڭغا قەرز پۇل بېرىپ تۇرغان يىلى كۈزدە، جاڭ شياۋيىڭ ئۆزى تۇغۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردى. «2013- يىلى كۈزدە ياغقان قاتتىق يامغۇر، دەرەخ شاخلىرىدىكى پىشاي دەپ قالغان غۇژمەك- غۇژمەك چىلانلارنىڭ ھەممىسىنى سېسىتىپ تۆكىۋەتتى» دېدى، جاڭ شىياۋيىڭ. شۇ يىلى ئۇ بەش يۈز 80 مىڭ يۈەن زىيان تارتتى، ئائىلىسىدە ئاران 50 يۈەن قالدى.
تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن تەبئىي ئاپەتتە جاڭ شياۋيىڭ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى. پېشقەدەم كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى سەي ۋېنيەن بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، 5 مىڭ يۈەننى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. « پېشقەدەم پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى يېنىدىن بىر تۇتام پۇلنى ئېلىپ قولۇمغا تۇتقۇزغاندا، ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم». بۇ كەچۈرمىشنى سۆزلەۋاتقاندا، جاڭ شياۋيىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى. جاڭ شىياۋيىڭ قىيىنچىلىقتىن بىر قەدەم- بىر قەدەمدىن  قۇتۇلۇپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قەرزنى قايتۇرۇپ بولدى. ھازىر ئۇ كەنتتىكى بېيىش ماھىرى بولۇپ قالدى، يىللىق كىرىمى 500 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى.
بېيىغان جاڭ شياۋيىڭ پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى سەي ۋېنيەننىڭ تاپشۇرۇقىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ يولدىشى بىلەن دائىم شارائىتى ناچار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ھال- ئەھۋال سوراپ، ياردەم قىلىپ تۇردى. 2015- يىلى 3- ئايدا، بەشتوغراق يېزىسى قانات يايدۇرغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە «قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش» پائالىيىتىدە، جاڭ شياۋيىڭ ئىككى ئائىلە بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، 20 مىڭ يۈەن چىقىرىپ ئۇلارغا خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى سېتىۋېلىپ ئاپىرىپ بەردى، چىلان باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى. ئۇنىڭ ياردىمىدە، كەنت ئاھالىسى تۇنىياز ئەخمەتنىڭ چىلانلىرىنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى بۇلتۇر 100 كىلوگرامدىن، مو بېشى كىرىمى 2 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
ئىسلىقدۆڭ كەنت ئاھالىلىرى قوشنا كەنتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ چىلان ئۆستۈرۈشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەردى، بەشتوغراق يېزىلىق پارتكوم بۇ ياخشى ئۇسۇلنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. 2013- يىلىنىڭ بېشىدا يېزا ئىسلىقدۆڭ كەنتىدىكى 88 خەنزۇ دېھقاننى تاللاپ، پۈتۈن يېزا بويىچە باشقا 11 كەنتتىكى 176 ئائىلىلىك ئۇيغۇر دېھقان بىلەن «بىر ئائىلە ئىككى ئائىلىنى يېتەكلەش» ئۇسۇلى بويىچە قوشماقلاشقان تۇغقانلاردىن بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. توغراقئېرىق كەنتىدىكى دېھقان مەتتوختى 10 نەچچە مو يەرگە چىلان كۆچىتى تىكتى، بىر مو يەردىن ئاران 200 نەچچە كىلوگرام ھوسۇل ئالدى. ئىسلىقدۆڭ كەنتىدىكىلەرنىڭ تېخنىكا چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھوسۇلى يىلدىن - يىلغا ئېشىپ، ھازىر كەنتتىكى بېيىش ماھىرى بولۇپ قالدى.
ئىسلىقدۆڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن باشقا كەنت ئاھالىلىرى ئۆز ئارا ياردەم بېرىش جەريانىدا تۇغقانلاردىن بولۇپ قالدى. دېھقانچىلىقنىڭ ئارسالدى مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئاياللار خەنزۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۈگرە تۈگۈشنى ئۆگەندى، خەنزۇ ئاياللار ئۇيغۇر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كەشتە تىكىشنى ئۆگەندى. خەنزۇ ئاياللار يەنە ئۇيغۇرچە ناخشا- ئۇسسۇللارنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. يېزىدا بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدى، ھەر قېتىمدا تۆت ـ بەش يۈز ئادەم قاتناشتى؛ كەنتتە مەدەنىيەت- سەنئەت پائالىيەتلىرى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، شاد- خۇراملىققا چۆمدى.
2009- يىلى ئىسلىقدۆڭ كەنتىدىكى تۇرسۇننىساخاننىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ يېتىپ قالدى. كەنت ئاھالىلىرى يۇرتداشلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، كۆپچىلىك ياردەم بېرىش ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، 18 مىڭ يۈئەن ئىئانە قىلدى. ئالدىنقى ئىككى يىلدا يېزىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 30 نەچچە ئۇيغۇر بالا ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىندى. بالىلارنى ئوڭۇشلۇق ئوقۇتۇش ئۈچۈن، يېزىدا «مائارىپ ھەمكارلىق فوندى» قۇرۇلۇپ، بىر قېتىمدىلا 160 مىڭ يۈئەن ئىئانە قىلىندى، بىر چىلان ئۆستۈرگۈچى بىر قېتىمدىلا 5 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى. كېيىن يېزا «مائارىپ ھەمكارلىق فوندى» نى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- ھەمكارلىق فوندى» دەپ ئۆزگەرتىپ، نامرات ئوقۇغۇچىلار، نامرات ئائىلىلەر ۋە يېتىم- يېسىر، ياشانغانلارغا ياردەم بەردى.
«بىر كەنت بېيىسا بېيىغان ھېسابلانمايدۇ، پەقەت ھەممە كەنت بېيىغاندا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى بېيىغاندا ئاندىن بېيىغانلىق  ھېسابلىنىدۇ». بۇ بەشتوغراق يېزىسىدىكى ھەر بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ يۈرەك ساداسى. ھېيت- بايراملاردا بىر- بىرىنىڭ  ئۆيىگە كىرىپ، كىمنىڭ قىيىنچىلىقى بولسا، ھەممەيلەن بىرلىكتە ياردەم قىلىش بۇ يەردە ئادەتكە ئايلنىپ كەتكەن. ئۇلار ئىشلارنى قىلىپ مەردانە سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىمىسىمۇ، ئۈن- تىنسىز ئىشلەپ، ئادەتتىكى ئىش بولسىمۇ ئەڭ ئاددىي چىن ھېسسىياتى بىلەن قىلىپ، ھەر بىر ئادەمگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلەتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى