قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىئەن شەھرىنىڭ تاماكا چېكىشنى كونتىرول قىلىش باشقۇرۇش چارىسى

2018-11-08 18:53:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«تاماكا چېكىشنى قاتتىق كونتىرول قىلىش بۇيرۇقى» دەپ ئاتالغان «شىئەن شەھرىنىڭ تاماكا چېكىشنى كونتىرول قىلىش باشقۇرۇش چارىسى» مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. چارىدە مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئۆي ئىچىدىكى ئاممىۋى سورۇنلار، ئاممىۋى قاتناش قوراللىرى ۋە بىر قىسىم ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ سىرتىدىكى رايونلاردا تاماكا چېكىش ئومۇميۈزلۈك چەكلىنىدۇ.
  بۇ باشقۇرۇش چارىسى شۇنىڭ ئۈچۈن «ئەڭ قاتتىق» دەپ ئاتالغانكى، تاماكا چەككەنلەرگە جازا بېرىلگەندىن سىرت، يەنە ئالاقىدار ئورۇننىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ نەسىھەت قىلىش مەجبۇرىيىتى ھەمدە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا تېخىمۇ ئېغىر جازا بېرىش بەلگىلەندى. بەلگىلىمىدە: تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىدىغان سورۇن تىجارەتچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلاردىن بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىغا تاماكا چېكىشنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى 500 يۈەندىن يۇقىرى، بىر مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ» دەپ كۆرسىتىلدى. تۈرلۈك بەلگىلىمىلەر ئۆي ئىچىدە تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىشنىڭ يەرلىكتە قايتىدىن كۈچەيتىلگەنلىكىنى كۆرسىتپ بەردى.
«تاماكا چېكىشنى كونتىرول قىلىش»، «تاماكا چېكىشنى چەكلەش» دۆلىتىمىزدە يېڭىلىق ئەمەس. 2003- يىلى، جۇڭگو «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تاماكا تىزگىنلەش رامكا ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالاپ، بارلىق ئۆي ئىچىدىكى ئاممىۋى سورۇنلار ۋە خىزمەت سورۇنلىرىنىڭ ئىس- تۈتەكسىز بولۇشىنى تەلەپ قىلدى. نۆۋەتتە، بىر قىسىم شەھەرلەردە تاماكا چېكىش چەكلەنگەن ئورۇنلاردا يەنىلا تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش تەس بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت. مەسىلەن، پەلەمپەي، لىفىت كارىدورى، ئوت ئۆچۈرۈش يولى قاتارلىق نۇرغۇن ئورۇنلار ئىسنى كونترول قىلىشتىكى ئۆلۈك بۇلۇڭغا ئايلاندى. بىر قىسىم تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ قانۇن ئېڭى كەمچىل بولۇپ، ئامال قىلىپ يوشۇرۇن جاي ئىزدەپ تاماكا چەكمەكتە.
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تاماكا تىزگىنلەشكە ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولدى. بېيجىڭدا تاماكا چېكىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش يولغا قويۇلغىنىغا ئۈچ يىل بولدى. بېيجىڭ شەھەرلىك ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، بېيجىڭ شەھىرىدە تاماكا تىزگىنلىنىپ 3 يىلدىن كېيىن تاماكا چېكىدىغانلار تەخمىنەن 200 مىڭ ئادەم ئازايغان. خاڭجۇدا «تاماكا تىزگىنلەش بۇيرۇقى» نى تەتبىقلاش دائىرىسى «شەھەر رايونى ۋە ناھىيە (شەھەر) لىك ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق شەھەر- بازار دائىرىسىدىكى ئاممىۋى سورۇنلار» دىن خاڭجۇ شەھىرى مەمۇرىي رايونىدىكى ئاممىۋى سورۇنلارغىچە كېڭەيتىلدى.
شۇڭا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تاماكا تىزگىنلەش سىياسىتى ئارقا- ئارقىدىن تۈزىتىلىپ ياكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شەھەرلەردە تاماكا تىزگىنلەشكە دائىر قانۇن چىقىرىش قەدىمى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلار تاماكا تاشلاش مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئىس- تۈتەكسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاماكا تىزگىنلەش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.شەنشى ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سىياسىي ۋە قانۇن تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى گو شىڭچۈەن مۇنداق دەپ قارىدى: ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلەش، تاماكا چېكىش بوشلۇقىنى تارايتىش ئارقىلىق، ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشكە «ھەممە ئادەم قارشى تۇرىدىغان» ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. بۇ، ئاممىنىڭ تاماكا چېكىش خەۋپىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق، شۇنداقلا شەھەرنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ يېڭى تەلىپى ۋە مۇھىم كۆرسەتكۈچى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى