قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالاقىدارلار ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى كەچۈرۈم قىلىشنى پۈتۈشكەن بولسا، بۇ قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ

2018-11-08 18:55:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجۇ شەھىرىدىكى ياشىنىپ قالغان ۋاڭ موماي 30 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئېرى ئۆلۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزى يالغۇز جاڭ دا، جاڭ ئېر ئىسىملىك ئىككى ئوغلىنى بېقىپ چوڭ قىلغان. 2007- يىلىنىڭ ئالدى- كەينىدە، ۋاڭ موماينىڭ تۇرالغۇ جايىنىڭ بىر قىسمى كۆچۈرۈلۈپ، كىچىك ئوغلى ئاۋۋال ئورۇنلاشقان. چوڭ ئوغلى ئادەتتە ئائىلىدىكى ئۇششاق- چۈششەك ئىشلار تۈپەيلىدىن ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. ۋاڭ موماينىڭ بۇ قېتىم كۆچۈرۈلىدىغان 30 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەمدە ئۇنىڭ نامىدىكى يەنە بىر جايدىكى كۆچۈرۈلمىگەن يېزا ئۆيىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئانا- بالا ئۈچەيلەن كەنت خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «خەلق مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى» ئىمزالىغان.
بۇ كېلىشىمنامە مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: بىرىنچى، ۋاڭ موماي كىچىك ئوغلى بىلەن بىللە تۇرىدۇ. چوڭ ئوغۇل ئانىسىنىڭ 30 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈلۈشىدىن ئۆز ئىخىتىيارلىقى بىلەن ۋاز كېچىدۇ. ئىككىنچى، ۋاڭ موماي ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆز نامىدىكى كۆچۈرۈلمىگەن ئۆي- مۈلۈك ھوقۇقىنى چوڭ ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. كىچىك ئوغۇل بۇنىڭدىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ۋاز كېچىدۇ. ئۈچىنچى، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭ موماينىڭ ھالىدىن كىچىك ئوغۇل خەۋەر ئالىدۇ. يەنى جاڭ ئېر موماي ئاغرىپ قالسا كۈتىدۇ. ئۆزى بىلەن بىللە تۇرغۇزۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. ئەگەر بۇنى ئىجرا قىلمىسا، جاڭ ئېر ئانىسىنىڭ 30 كۋادرات مېتىرلىق ئۆيىنى شۇ چاغدىكى بازار باھا ئۆلچىمى بويىچە باھالىتىپ، نەق پۇل شەكلىدە ئاپىسى ۋاڭ مومايغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
ۋاڭ موماي شۇ چاغدىن باشلاپ كىچىك ئوغلى بىلەن بىللە تۇرغان. ئەمما، چوڭ ئوغلى ئۆيلىنىپ ئۆي تۇتقاندىن كېيىن، قېيىن ئانا بىلەن كېلىن ئوتتۇرىسىدىكى ماجرا تۈگىمىگەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، چوڭ ئوغلىنىڭ موماي بىلەن پەقەتلا كارى بولمىغان. ۋاڭ موماي چوڭ ئوغلىنىڭ ئۆزىنى باقماي تۇرۇپ يەنە ئۆي- مۈلۈككە ئىگە بولغىنىنى ئويلاپ قورسىقى كۆپۈپ، چوڭ ئوغلى ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، بۇرۇن ئىمزالىغان «خەلق مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى» نىڭ 2- ماددىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەمدە 3- ماددىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
دېلونى بېجىرگۈچى سوتچى مۇنداق دېدى: تۆۋەندىكىدەك مۇرەسسە كېلىشىملىرىدە دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئۆزگەرتىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق:
  (1) ئېغىر دەرىجىدىكى ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلىدىن تۈزۈلگەن بولسا؛
  (2) مۇرەسسە كېلىشىمى تۈزگەندە ئادىل بولمىغان بولسا؛ بىر تەرەپ ئالداش، تەھدىت سېلىش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ ياكى قىيىن ئەھۋالدا قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قارشى تەرەپنى ئۆز ئىدىيىسىگە مۇخالىپ ھالدا مۇرەسسە كېلىشىمىنى تۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان بولسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
بۇ دېلودا، دەۋاگەر ۋاڭ موماي سوتتا، دېلوغا چېتىشلىق «خەلق مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى» دىكى ئىمزانىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەقسەت ئىپادىسى ئىكەنلىكى، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىمزالانغانلىقى، ئالدامچىلىق، تەھدىت سېلىش، ئېغىر دەرىجىدە ئۇقۇشماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، بىكار قىلىشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن سەۋەبى يوقلۇقىنى ئېيتقان. بۇنىڭدىن باشقا، كېلىشىمنامىنىڭ 2- ماددىسىدىكى مەزمۇن نوقۇل ھەدىيە قىلىش ئەمەس.
دېلونى بېجىرگۈچى سوتچى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپنىڭ ماجرا ئەھۋالى ۋە كېلىشىمنامىدىكى ئۈچ مەزمۇندىن قارىغاندا، ئەمەلىيەتتە دەۋاگەر بىلەن جاۋابكار ئىككى تەرەپنىڭ ئۆي ئايرىش توغرىسىدىكى كېلىشىمى، بولۇپمۇ بىرىنچى ماددىدىكى مەزمۇننى ئىككى تەرەپ بۇرۇنلا ئادا قىلىپ بولغان. ئەگەر پەقەت ئىككىنچى ماددىدىكىلا مەزمۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، بۇ جاۋابكار جاڭ داغا ئادىل بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاتا- ئانىنى بېقىش پەرزەنتلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى، ھەر قانداق سەۋەب بىلەن كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ. دەۋاگەر بىلەن جاۋابكار ئىككى تەرەپ تۈزگەن كېلىشىمنىڭ 3- ماددىسىدىكى جاۋابكار جاڭ دانىڭ دەۋاگەر ۋاڭ موماينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى پۈتۈم كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. لېكىن، بۇ ماددىنىڭ كۈچتىن قېلىشى، خەلق مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ باشقا قىسمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
يېقىندا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجۇ شەھىرى خۇچيۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە: «خەلق مۇرەسسە كېلىشىمىدىكى چوڭ ئوغۇلنىڭ بېقىش مەجبۇرىيىتىنى كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى مەزمۇن كۈچكە ئىگە بولمايدۇ؛ مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ باشقا قىسمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ» دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى