قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى 8- تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچىسى جاڭ جاۋپېڭ

2018-11-08 18:55:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى 8- تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچىسى جاڭ جاۋپېڭنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا ساقچى بولۇش ئارزۇسى بار ئىدى. جاڭ جاۋپېڭ 2008- يىلى شىنجاڭ ساقچى- ئوفىتسىرلارئالىي تېخنىكومى يەنى ھازىرقى شىنجاڭ ساقچى- ئوفىتسىرلار شۆيۈەنىگە كىرىپ، جىنايى ئىشلار رازۋېتكا كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى تۇنجى قەدەمنى باستى. 2011- يىلى 9- ئاينىڭ 14- كۈنى 22 ياشلىق جاڭ جاۋپېڭ ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولۇپ قالدى. چۈنكى، بۇ ئۇنىڭ ساقچى ساھەسىگە كىرگەن تۇنجى كۈنى ئىدى.
ساقچى ساھەسىگە كىرگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، جاڭ جاۋپېڭ ۋە سەپداشلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بەدەن ئىقتىدارى تېخنىكا مەشىقى، كويزا سېلىش، ھەربىي تاكتىكا، قورال- ياراغلارنى ئىشلىتىش، قۇرۇق قول ھۇجۇم قىلىش، مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق ساقچى ئىشلىرىدىكى ئەمەلىي جەڭ ماھارەتلىرىنى ئىگىلەش ئىدى. ئۇ يېرىم يىلدىن كېيىن، ۋەزىپە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىپ، ھەر كۈنى مەشىق قىلىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش بىلەن ئالدىراش ئۆتتى. ئۇنىڭ تۇرمۇشى ھەم ئاددىي ھەم رىقابەتكە تولغان ئىدى.
2016- يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا، جاڭ جاۋپېڭ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى چاغانلىق يولۇچى توشۇشنى قوغداش ئەترىتىگە قوشۇلدى. قۇمۇلدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان پويىزدا جاڭ جاۋپېڭ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ئادەم كۆپ ۋاگونلاردا يۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى چارلاش، يولۇچىلارنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى. پويىز ھەر بىر قېتىملىق مۇساپىنى تاماملاپ بولغاندا، ئۇ ھېرىپ ھالىدىن كېتەتتى. ئۇلار ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان پويىز ئاخىرقى بېكەتكە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئالتە سائەت ئارام ئېلىپ، يەنە بىر پويىزغا چىقاتتى. شۇنداق قىلىپ جاڭ جاۋپېڭ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى قۇمۇل بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا نۇرغۇن قېتىملاپ قاتنىدى. ئۇ يەرلىك قۇمۇللۇق بولغىنى بىلەن ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالسىمۇ، لېكىن ئۆيىگە كىرىپ ئاتا- ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشەلمەيتتى.
جاڭ جاۋپېڭ كىچىك ۋاقتىدا ساقچىلارنى ناھايىتى قالتىس، باتۇر دەپ بىلەتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە ساقچىلار سۈرلۈك فورمىلارنى كىيىپ، يامان كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنى ئالاتتى. ئۇ ئۆزى ھەقىقىي بىر ساقچى بولغاندىن كېيىن، ھەيۋە قىلىش ۋە باتۇرلۇقتىن باشقا، يەنە خاسىيەتلىك ئادەمدەك چىدامچانلىق، باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتنىڭ بارلىقىنىمۇ ھېس قىلدى.
2016- يىلى يازدىكى بىر كېچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىنىڭ ئالتاي يولى ئەتراپىدا بىر جىنايى ئىشلار دېلوسى يۈز بەردى. 22 ياشلىق بىر ئەر ئىككى ئايال بىلەن ماجرالىشىپ قىلىپ، ئاچچىقىدا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، بۇ ئىككى ئايالغا پىچاق تىقىپ بىرنى ئۆلتۈرۈپ، بىرنى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن، شىخەنزىگە قېچىپ كەتكەن ئىدى. شۇ كۈنى كەچ سائەت 12 دە، قاچقۇننى تۇتۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان جاڭ جاۋپېڭ ۋە ئۇنىڭ ئۈچ سەپدىشى كېچىلەپ شىخەنزىگە يېتىپ كەلدى. شۇ جايدىكى ساقچىلارنىڭ ياردىمىدە، ئۇلار ئەر يوشۇرىنىۋالغان مەلۇم مېھمانخانىنى تېپىپ، ئۇنى قولغا ئېلىشقا تەييارلىق قىلدى. ئەر يوشۇرۇنىۋالغان مېھمانخانا ياتىقىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا، مۇلازىم ئىشىكنى چېكىپ ئاچقۇزغان ئاشۇ دەقىقىدە، جاڭ جاۋپېڭ قولىغا قالقان ئېلىپ، تېز سۈرئەتتە كىرىپ، ئۇ ئەرنى كۈچەپ سۇقۇپ يەرگە يىقىتتى. كەينىدىن كىرگەن سەپداشلىرى بۇ ئەرنى كونترول قىلىپ، ئۇنىڭغا ئازراقمۇ قارشىلىق كۆرسىتىش پۇرسىتى بەرمىدى. جاڭ جاۋپېڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ ئەرنىڭ يېنىدا بىر دانە پىچاق، بىر دانە خەنجەر بار ئىدى. باشقا خەتەرلىك بۇيۇملارنىڭ بار- يوقلۇقىنى بىلمەيتتۇق. ئەھۋال بەكلا خەتەرلىك ئىدى».
جاڭ جاۋپېڭ ساقچى بولغان يەتتە يىلدىن بۇيان، بۇنداق خەتەرلىك ھەرىكەتكە قانچە قېتىملاپ قاتناشقانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. ئۇ خەتەر ۋە بېسىم ئالدىدا، «ئالاھىدە ساقچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم. مەن پەقەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمنى قىلدىم» دەيدۇ.
باتۇرنىڭمۇ مۇلايىم تەرىپى بولىدۇ. جاڭ جاۋپېڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تىلغا ئالغاندا تولىمۇ خىجىل بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتىپ ئاتا- ئانىسى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەمراھ بولۇپ چاغان ئۆتكۈزمىگىنىگە يەتتە يىل بولغان ئىدى. ئۇ ئاتا- ئانىسىنى سېغىنغاندا، پەقەت تېلېفوندا ياكى كۆرۈنمە چاستوتىدا ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلاردىن ئۆيدىكى ئەھۋالنى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سوراپ تۇراتتى. ئەمما، ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭدىن ھەرگىز ئاغرىنمايتتى. تېلېفوندا، كۆرۈنمە چاستوتىدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا ئاتا- ئانىسى دائىم ئۇنىڭغا «ھەممە ئىشلار جايىدا، خاتىرجەم خىزمەت قىلغىن» دەيتتى. جاڭ جاۋپېڭنىڭ توي قىلغىنىغا ئۈچ يىل بولغان بولۇپ، خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، ئائىلىسىنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئايالىنىڭ زىمىمسىگە يۈكلەنگەن ئىدى. جاڭ جاۋپېڭنىڭ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە يۈگۈرۈش، ساياھەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىزىقىشى بار ئىدى. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:«خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن 90 پىرسەنت ۋاقتىمىز ئىش ئورنىدا ئۆتىدىغان بولدى. ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىمىز پەقەتلا 10 پىرسەنت. ھازىر مەندىن ئەڭ چوڭ قىزىقىشىڭ نىمە دەپ سورىساڭلار ئۆيدىكىلەرگە ھەمراھ بولۇش دەپ جاۋاپ بېرىمەن» دېدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى