قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لياڭشەن تېغىنىڭ ھاراققا چىلىغان بېلىقى

2018-11-08 19:00:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

زاۋ يۈ يەنى ھاراققا چىلىغان بېلىقنىڭ سۆڭىكى چۈرۈك تەملىك بولۇپ، چىشى ياخشى ئەمەس ياشانغانلار يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ ئېسىل قورۇمىنى قىلىشنى بىلىدۇ. بولۇپمۇ، لياڭشەن تېغىنىڭ ھاراققا چىلىغان بېلىقى بەك داڭلىق. باشقا جايلاردا بۇنى تاپقىلى بولمايدۇ، ھەتتا زاۋ يۈ دېگەن بۇ سۆزنى ئادەتتىكى لۇغەتتىنمۇ ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدۇ. ھاراققا چىلىغان بېلىق مەيلى شەكىل جەھەتتىن ياكى تەمى جەھەتتىن بولمىسۇن، لياڭشەن ئەتراپىنىڭلا يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلاردۇر. لياڭشەن ئەتراپى ئەزەلدىن خۇاڭخې دەرياسى ۋە ۋېنخې دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى تەبىئىي كەلكۈن باشلاش رايونى بولۇپ، كەلكۈن كەلگەندە، بۇ يەر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدۇ. كەلكۈن توختىغاندىن كىيىن، مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان چوڭ كىچىك سۇ ئازگاللىرى پەيدا بولۇپ، سۇ يىغىلىپ قالغان يەرلەردە نۇرغۇن بېلىقلار بولىدۇ. بۇ ئەۋزال شارائىتلار ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ بىلىق تۇتۇشىغا قولايلىق ئىلىپ كەلگەن. بىر قەدەر چوڭ بېلىقلارنى قۇرۇتۇپ، قۇرۇتۇلغان بېلىق قىلغاندىن باشقا، قالغان كىچىك بېلىقلارنى زاۋ يۈ يەنى ھاراققا چىلىغان بېلىق قىلىغىلى بولىدۇ، ھاراققا چىلىغان بېلىق قىلشتا چوڭ بېلىقنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، تۆت سۇڭدىن چوڭ بېلىقنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بىرىنچىدىن ئۇنىڭ سۆڭىكى ئاسان چىرىمايدۇ، ئىككىنچىدىن ئاسانلىقچە تەم كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. ھاراققا چىلىغان بېلىقنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تىلغا ئالساق، ئۇنى پۇقرالارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىلىدۇ.
ئالدى بىلەن بېلىقلارنى بىر- بىرلەپ پاكىز يىغىشتۇرۇپ، قاسرىقىنى چىقارمايمىز، ئاندىن ھويلىغا بىر چوڭ قازان قويىمىز. ئاندىن سامساقنى سۇدا يۇيۇپ، قازاننىڭ ئاستىغا يېيىپ تىزىمىز، ئاندىن بېلىقنى بىر- بىرلەپ رەتلىك تىزىپ، قەۋەت- قەۋەت قىلىپ تىزىپ چىقىمىز، ھەر بىر قەۋىتىنىڭ ئۈستىگە تۇز ۋە كاۋاۋىچىن چاچىمىز. بېلىقنىڭ ھەممىسىنى تىزىپ بولغاندىن كېيىن، بېلىققا ئازراق سۇ چىچىپ قويۇپ، تۇۋاقنى يېپىپ، قازاندا قاينىتىمىز. قازان ئاستىدىكى ئوتنىڭ ئاستا- ئاستا كۆيىشىگە ئەگىشىپ، قازاندىنمۇ خۇشپۇراقلار ھىدلار چىقىشقا باشلايدۇ. كونىلاردا «ئالدىرىغانلار قىزىق دۇفۇ يېيەلمەس» دېگەن گەپ بار. ئەمەلىيەتتە «ئالدىرىغانلار زاۋ يۈ يىيەلمەيدۇ» دېگىنى راست. ۋاقىت چىلىغان بېلىقنىڭ يېقىن دوستى بولۇپ، بىر كېچە ئوتتا دۈملەنگەندىن كىيىن، بېلىقنىڭ بېشى، قاسرىقى، سۆڭىكى يۇمشايدۇ، شورپىنىڭ تەسىرىدە بېلىقنىڭ گۆشى، سۆڭىكى، قاسراقلىرى قېنىق تەمگە كىرىدۇ، ئۇنى ئاغزىمىزغا سالساقلا ئىرىپ كىتىدۇ. زاۋ دىگەن بۇ سۆز شۇنىڭدىن كەلگەن. بۇ بىر سۆز ناھايىتى ئوبرازلىق ھەم توغرا ھالدا بېلىقنىڭ يۇمشاق يېپىشقاقلىقىنى تەپسىلىي تەسۋىرلەپ بەرگەن. لياڭشەننىڭ ھاراققا چىلىغان بېلىقىنىڭ نامى چىققىنىغا خىلى ئۇزۇن بولدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى يىللىرىدىكى ئوقۇمۇشلۇق زاتلار، يۇڭجېڭ يىللىرىدىكى جۇيرېىنلار، چەنلۇڭ يىللىرىدىكى تەشراپدارلار جىفەن ناھىيەسىدىكى ۋاقىتلىرىدا چىلىغان بېلىق بىلەن ھاراق ئىچىپ، ئۇنى مەدىھلەپ «شەندۇڭدا ئون نەچچە يىل تۇرۇپ، تاپان بېلىقنىڭ تۇزلۇقلىقىنى بىلمەپتىمەن، بۈگۈن چىلىغان بېلىقنى يەپ، ئۇنىڭ ھەممىنى بىسىپ چۈشىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم» دېگەن مەنىدە شېئىر يېزىپ قالدۇرغان.
گەرچە ھەر خىل ياۋا بېلىقلاردىن ھاراققا چىلىغان بېلىق تەييارلىغىلى بولسىمۇ، لېكىن، تاپان بېلىقىدا ياسىغىنى ئەڭ ياخشىسى بولىدۇ. تاپان بېلىق ئادەتتە ئانچە چوڭ بولمايدۇ، تەييار بېلىقلارنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى 15 سانتىمېتىردىن 20 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ. يىل بويى كۆپيەلەيدۇ،2- ئايدىن4- ئايغىچە، 8- ئايدىن 12- ئايغىچە تاپان بېلىقنىڭ ئەڭ سېمىز ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. تاپان بېلىقى قەدىمكى ئەسەرلىرىدىمۇ ناھايىتى كۆپ خاتىرىلەنگەن. مەسىلەن، لۈ شىنىڭ «چۈنچۇ» دېگەن ئەسىرىدە: «تاپان بېلىقى بېلىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ ئېسىلى» دەپ تىلغا ئالغان. بۇنىڭدىن تاپان بېلىقنىڭ «ھاراققا چىلىغان بېلىق» نى ياساشتىكى ئالدىنقى تاللاش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
لياڭشەننىڭ ھاراققا چىلىغان بېلىقىنىڭ ئىككى چوڭ ئالاھىدىلىكى بار: بىرىنچىدىن، «قالتىس ياكى يامان ئەمەس» بولىدۇ، ئاتالمىش «قالتىس» بولغىنىدا، بېلىقنىڭ قاسرىقى، سۆڭىكى پىشىپ چۈرۈك چۆپتەك بولۇپ كىتىدۇ. «يامان ئەمەس» بولغىنى بېلىق تېنىنىڭ مۇكەممەل بولغان، بېلىق گۆشى سېسىپ، قاتتىقلىشىپ، ئوڭاي چاينالمايدىغان بولغىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ھاراققا چىلىغان بېلىق ماتېرىيالى قاسراقلىق بېلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ھەممە بېلىقلار» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىككى ئالاھىدىلىك ھاراققا چىلىغان بېلىقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە پايدىلىنىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، تەبىئي ھالدا لياڭشەننىڭ ھاراققا چىلىغان بېلىقلىرى «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش يېمەكلىكى» دەپ تەرىپلەنگەن ھەمدە كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. بەزىدە، ھاراققا چىلىغان بېلىق بىر خىل يېمەكلىك بولۇپلا قالماي، يىللاردىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن بىر خىل گۈزەل ئەسلىمە بولۇپ قالغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى