قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ۋۇيۈەن

2018-11-08 19:03:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ۋۇيۈەن ناھىيەسى جياڭشى ئۆلكىسىگە جايلاشقان بولۇپ، قەدىمكى خۇيجۇ تۇتۇق مەھكىمىسىگە قاراشلىق ئالتە ناھىيەنىڭ بىرى، شۇنداقلا خۇيجۇنىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئەزەلدىن «كىتاب يۇرتى»، «چاي يۇرتى» دېگەن نامى بار. ناھىيە ئىچىدە قەدىمىي كەنتلەر يېزا- قىشلاقلارغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، مۇكەممەل ساقلانغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنخۇي ئۇسلۇبى كىشىلەر تەرىپىدىن «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل يېزا ـ كەنت» دەپ تەرىبلىنىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ يېتەرلىك ۋاقتىڭىز بولسا، ئالماشتۇرۇپ كىيىدىغان كىيىم، يامغۇرلۇق، شۇنداقلا بىر قىسىم كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورا ۋە فوتو ئاپپاراتنى ئېلىۋېلىپ، بۇ ئەڭ گۈزەل يېزا ـ كەنتتە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ كېتىڭ. بۈگۈنكى «جۇڭگوغا نەزەر» سەھىپىمىزدە، «كىتاب يۇرتى»، «چاي يۇرتى» دېگەن نامى بارنى ساياھەت قىلىمىز.
 
ۋۇيۈەن ناھىيەسىنىڭ ھاۋاسى ئىللىق ھەم نەم، تۆت پەسىلى ئېنىق ئايرىلغان، تۇمانلىق كۈنلەر كۆپرەك بولىدۇ. تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدۇ. لېكىن، باھار پەسىلى ئۇنى ساياھەت قىلىدىغان ئەڭ ياخشى پەسىل. بولۇپمۇ، 4- ئاي مەزگىلى. بۇ يەردە تاغدىكى قىزىل كاككۇك گۈلى، تۆپىلىكتىكى كۆك چايلىقلار، ئالتۇندەك چاقناپ تۇرىدىغان قىچا گۈللىرى، ئاق تام، قارا كاھىش قاتارلىق بەش خىل رەڭ مۇۋاپىق ماسلىشىپ، دۇنيادىكى بارلىق گۈزەل رەسىملەرنى بېسىپ چۈشىدىغان گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ۋۇيۈەنگە بارسىڭىز تۆۋەندىكى بىرقانچە مەنزىرە نۇقتىسى چوقۇم بېرىپ كۆرۈپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.
 خۇاڭلىڭ مەنزىرە رايونى--- تىك يار بويىغا جايلاشقان خۇاڭلىڭ قەدىمىي كەنتىدە ئالىقانچىلىكمۇ تۈز يەر يوق، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان، بۇ كەنتتىكى ئاھالىلەر تىنچ مۇلايىم روھىي ھالەتتە بۇ ئىگىز- پەس يەر شەكلى بىلەن بىللە ياشاپ كەلگەن. تەبىئىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسى ئەجدادلارنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، ئىختىيارسىز ھالدا جۇڭگودا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان «ئاپتاپقا سېلىش» ئۆرپ- ئادەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن. خۇڭلىڭ قەدىمىي كەنتىدىكى نەچچە يۈز ئائىلىلىك قەدىمكى ئولتۇراق ئۆيلەر يۈز نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى يانتۇ تۈزلىكتە تەرتىپلىك جايلاشقان بولۇپ، ھەر قېتىم كۈن چىقىپ نۇر چاقناشقا باشلىغاندا، پۈتكۈل تاغ ئارىسىدىكى ئەنخۇي ئۇسۇلۇبدا سېلىنغان تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ سىرتقى تېمى ۋە قۇرۇتۇش جازىسىدا، مول- ھوسۇل ئىلىنغان رەڭگارەڭ مېۋىلەر تىزىلىدۇ. بۇ دۇنيادا بىردىنبىر ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك ئۆرپ- ئادىتى، ئەڭ گۈزەل يېزا- كەنتنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان. ئۆزگىچە «خۇاڭلىڭنىڭ كۈزلۈك ئاپتاپقا سېلىش» مەنزىرىسى جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
ۋۇيۈەننىڭ تاغ- دەريالىرى گۈزەل بولۇپ، قارىغايلار تۇتاش كەتكەن، پېشايۋانلىق قەدىمىي ئاھالىلەر ئۆيلەر ئەگرى- بۈگرى يېشىل، تاغ سۈزۈك سۇلار ئەتراپىغا ياكى تاغ بويىدىكى قەدىمى دەرەخلەر ئارىسىغا جايلاشقان، سۇغا يېقىن بولۇپ، مەنزىرىسى كۆلچەكتىكى بۇلاق سۈيىدە ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ؛ قاتمۇ- قات پەلەمپەي ئېتىزلار ۋە بۇلۇتلارنى چۆرىدەپ، ناھايىتى گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان. تۆت پەسىلنىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە، بولۇپمۇ ئەتىياز، كۈز پەسىللىرىدە، تاغ- دالىلارنى قاپلىغان قىزىل ئېرەن يوپۇرمىقى خۇددى بىر دەستە ئوت ئۇچقۇنلىرىغا ئوخشايدۇ.بۇنداق مەنزىرە ئىچىدە تۇرسىڭىز، روھىي كەيپىياتىڭىز كۆتۈرۈلۇپ روھلىنىسىز ھەم مېھرىڭىزنى ئۈزەلمەي قالىسىز.
بۇ يەرنىڭ تاغ- دەريالىرى گۈزەل، يېرى مۇنبەت، بايلىقى مول، مەنزىرىسى گۈزەل. ۋۇيۈەننىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ چوڭقۇر مەدەنىيەت مەزمۇنىغا ئىگە. ئۇنىڭ تارىختىن بۇيان «كىتاب يۇرتى» دېگەن نامىمۇ بار. بۇ يەردە مەشھۇر كىشىلەر كەينى-كەينىدىن يېتىشىپ چىققان.
ۋۇيۈەننىڭ «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل يېزا» دېگەن نامى بار. ئۇنىڭ تاغ، سۇ، بامبۇك، تاش، دەرەخ، ياغاچ، كۆۋرۈك، شىپاڭ، جىلغا، ساھىل، قىيا تاشلار، شارقىراتمىلار، قەدىمكى ئاھالىلەر ئۆيى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان تەبىئىي مەنزىرىسى، ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، خۇددى گۈزەل بىر پارچە مەنزىرە رەسىمىگە ئوخشايدۇ. ئۇ ئۆزگىچە ھەم گۈزەل سەھرا مەنزىرە رايونى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، كىشىلەرگە تەبىئەتكە قايتقاندەك ئادەتتىن تاشقىرى تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ. شەھەرنىڭ ۋاراڭ- چۇرۇڭلىرىدىن زېرىككەن، ساياھەت، گۈزەل- سەنئەت، سۈرەتكە تارتىشقا قىزىقىدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ۋۇيۈەنگە بېرىپ ساياھەت قىلىش ياكى ئىجادىيەت ماتېرىياللىرىنى توپلاش بىر خىل گۈزەللىكتىن بەھرىمەن بولۇش ۋە ئاقىلانە تاللاش ھىسابنلىنىدۇ.
لىكىڭ--- لىكىڭ ۋۇيۈەننىڭ مەنزىرە رايونىدىكى چاقناپ تۇرغان مەرۋايىت. ئىلگىرىكى سودىگەرلەر ۋە مۆتىۋەرلەر قالدۇرۇپ كەتكەن قەسىرلەردىكى نەپىس ياغاچ ئويمىلار بىزگە ئىلگىرىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ئۇ قەدىمىي قۇرۇلۇشلار ۋاقىتنىڭ بىر خاتىرىسى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قىلىنغان، ئۇلار تېخىچە ھايات. ئۇلارنىڭ خوجايىنىنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئىچىدە ياشاپ كەلمەكتە. لىكىڭغا كەلسىڭىز خۇددى ناھايىتى گۈزەل بىر جايغا كەلگەندەك ھېس قىلىسىز. لىكىڭنىڭ گۈزەللىكى، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىدە، مەدەنىيەت بىلەن ئېكولوگىيەنىڭ بىر- بىرىگە ماس كەلگەنلىكىدە گەۋدىلىنىدۇ. لىكىڭغا كەلسىڭىز، كۆك ئاسمان، يېشىل تاغ، زۇمرەت سۇلار، كىچىك كۆۋرۈك، ئېقىن سۇلار، تاملار، كۆك خىشلارنى كۆرىسىز.جياڭلىڭ--- جياڭلىڭ جۇڭگودىكى تۆت چوڭ قىچا گۈلى دېڭىزىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ 100 مىڭ مولۇق پەلەمپەي ئېتىزدىكى قىچا گۈللىكىنى، كىشىلەر دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ماكانلارنىڭ بىرى، دەپ تەرىپلىشىدۇ. جياڭلىڭ مەنزىرە رايونى دۇنيا دەرىجىلىك فوتو سۈرەت بازىسى بولۇپ، ۋۇيۈەننىڭ ئەتىيازلىق ساياھىتىدە گۈل سەيلىسى قىلىشتا چوقۇم بارىدىغان جاينىڭ بىرى، ۋۇيۈەننىڭ سەھرا مەنزىرىسىنىڭ نادىر ۋەكىلى. جياڭلىڭ ۋۇيۈەن ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرىغا 42 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 38 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن مىڭ مېتىر ئېگىز تاغ ئۈستىدە. زەنجىرسىمان پەلەمپەي ئېتىزلار قاتمۇ- قات، ئېگىز- پەس بولۇپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. سۇ يۈزىدە كۆك ئاسمان ۋە قەدىمىي دەرەخلەر ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. پەلەمپەي ئېتىزنىڭ ئاستىدا، تاغ ئارىسىدىكى ئاق تاملار ئادەتتىن تاشقىرى يېقىشلىق كۆرۈنىدۇ. ئۇنى ۋۇيۈەننىڭ يېزا-قىشلاق مەنزىرىسىنىڭ تىپىك ۋەكىلى دېيىشكە بولىدۇ. جىياڭلىڭدىن باشلاپ، تاشيول باشتىن- ئاخىر تاغلار ئارىسىدىن ئۆتىدۇ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارايدىغان بولسا، قاتمۇ- قات پەلەمپەي ئېتىز، ئەگرى- بۈگرى سىزىقلار، تاغ جىلغىسى ئويمانلىقىدىكى كىچىك دەريا، دەريا بويىغا جايلاشقان كەنتلەر كۆرۈنىدۇ. بۇ كەنتلەرنىڭ تۆت ئەتراپى يېشىل تاغ بىلەن ئورالغان بولۇپ، ۋۇ يۈەننىڭ ناھايىتى گۈزەل يېزا مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى