قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگودىكى ياۋا ئات 515 تۇياققا يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش بازىسى بولۇپ قالدى

2018-11-08 19:12:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ گەنسۇ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلارنى قوغداش مەركىزى بىلەن شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزى ئېلان قىلغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ ئىككى جايدىكى پېرژىۋالىسكىي ئېتىنىڭ ئومۇمىي سانى 515 تۇياققا يەتكەن بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ھايۋاناتلار باغچىسىدا بېقىلىۋاتقان پېرژىۋالىسكىي ئاتلىرىنى قوشقاندا، بۇ يىل جۇڭگودىكى پېرژىۋالىسكىي ئېتىنىڭ سانى دۇنيادىكى پېرژىۋالىسكىي ئېتى ئومۇمىي سانىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پېرژىۋالىسكىي ئېتى كۆپەيتىش بازىسىغا ئايلانغان.
10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، شىنجاڭ پېرژىۋالىسكىي ئېتىنى كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزى تۇرۇشلۇق رايوندا ئىككى قېتىم قار ياغدى. بۇ مەركەز پرىژىۋالىسكى ئېتىنى قىشتىن ئۆتكۈزۈشكە كېتىدىغان يەم ـ خەشەكلەرنى تەييارلاش خىزمىتىنى بالدۇرلا ئىشلىدى، جىمىسار ناھىيىسىدىكى نۇرغۇن يېزا ـ بازارلاردىن يەم ـ خەشەك يۆتكەپ، يەم ـ خەشەكنىڭ سۈپەت ئۆتكىلى، ئامبارغا كىرگۈزۈش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، چىرىشتىن ساقلىنىش، نەملىكتىن ساقلىنىش، توڭلاپ قېلىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، قوتاندا بېقىلىدىغان پرىژىۋالىسكى ئاتلىرىنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.
پرىژىۋالىسكى ئېتى نۆۋەتتە يەر شارىدا ھايات كەچۈرۈۋاتقان بىردىن- بىر ياۋا ئات ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى گەنسۇ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلارنى قوغداش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ما جىجوڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل بۇ مەركەزدىكى پرىژىۋالىسكى ئېتىنىڭ سانى 103 تۇياق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 43 تۇياق پرىژىۋالىسكى ئېتى قوتاندا، 60 تۇياق پرىژىۋالىسكى ئېتى دالىدا بېقىلىدىكەن. شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ما شىنپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 1985- يىلدىن باشلاپ، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكىدىن 24 تۇياق پرىژىۋالىسكى ئېتى كىرگۈزۈلگەن، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېتىدە ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ مەركەز ئالتە ئەۋلاد 667 تۇياق ياۋا ئاتنى كۆپەيتىپ، كۆپىيىپ ئەي بولۇش نىسبىتىنى %90 تىن ئاشۇرغان، ھازىر بۇ مەركەز تەرەققىي قىلىپ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ياۋا ئات باقمىچىلىق بازىسىغا ئايلانغان بولۇپ، ھازىر بۇ مەركەزدە 412 تۇياق پرىژىۋالىسكى ئېتى بار ئىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى