قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيتتى

2018-11-09 13:01:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كۈتۈپخانا، گۈزەل سەنئەت سارىيى، كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى ھەم بۇ ئەسلىھەلەرگە تايىنىپ مول، رەڭدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى مەدەنىيەت زىياپىتىدىن ئورتاق بەھرىمان قىلدى.
يېقىندا شايار ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە بازىرىدىكى يېزا-كەنت مەدەنىيەت سەھنىسى رەسمىي پۈتتى ھەمدە ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى. ئازادە مەيدان، قولايلىق ئەسلىھەلەر ھەر مىللەت ئاممىنى جەلپ قىلدى. يېڭىمەھەللە بازىرى تىنچلىق كەنتىدىكى دېھقان مۇكەررەم ئالاۋىدىن مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ۋاقتى چىقسىلا كەنتتىكى مەدەنىيەت سەھنىسىگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ كىچىك سەھنە ھازىرلانغاندىن كېيىن كەنتتىكى دۇمباق مۇزىكا ئەترىتىگە ئەزا بولۇپ، ئاچا- سىڭىللار بىلەن بىللە پائالىيەت قىلىدىغان بولدۇم. بۇ ئارقىلىق، مەدەنىيەت ئۆگىنىپلا قالماي، بەدەن چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق، كۈنلىرىمىز ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتىدۇ.
بۇ يىل شايار ناھىيەسى يېڭىمەھەللە بازىرى مەبلەغ توپلاپ، يېزا- بازارلاردىكى كىتاپ ئوقۇش ئۆيى، مەدەنىيەت سەھنىسى، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە مەيدانى قاتارلىق مەدەنىيەت مۇلازىمەت سورۇنلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كەنت 1ـ دەرىجىلىك ئورۇنلارغىچە ئۇزارتتى، يەنە كەنتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشىغا ئىلھام بەردى. شايار ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە بازىرى تېرەكئېرىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تاھىر ئابلا مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە بۇ يىل يېشىل تورخانا، مۇلازىمەت مەركىزى، يەنە كەنت ئاھالىلىرى پائالىيەت ئۆيى تەسىس قىلىندى، ئاممىنىڭ ۋاقتى بولسىلا يېشىل تورخانىغا كېلىپ ئۆگىنىش قىلىپ، بىلىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، يەنە كەنت ئاھالىلىرى پائالىيەت ئۆيىدىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
شايار ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە بازىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ پەقەت بىر كارتىنىسى. بۇلتۇر دۆلەت ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىگە مەركەز خامچوتىدىن 89 مىليون 880 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، 44 تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى قوللىدى. ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇ يىل يېڭىدىن 332 كەنت (مەھەللە) ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇردى. سانجى ئوبلاستى ئاممىۋى مەدەنىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن 8 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى؛ ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، مۇزېي، گۈزەل سەنئەت سارىيى، يېزا - بازار (كوچا) ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى قاتارلىق ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئاپپاراتىدىن 9 مىڭ 430 ى قۇرۇلۇپ، كەسپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى 37 مىڭ 700 ئادەمدىن ئاشتى. ئۇ رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت بەش دەرىجىنى قاپلىغان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى.
ئاپتونوم رايونىمىز ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىن سىرت، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنە مەنىۋىي مەدەنىيەت بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانىدا يېقىندا جۇڭگو ياخشى كىتابلار مەخسۇس جازىسى تەسىس قىلىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە مۇنەۋۋەر كىتابلار تەۋسىيە قىلىندى، كىتابلار ئەدەبىيات، ئىلىم -پەن، تارىخ قاتارلىق تۈرلەرگە چېتىلىدۇ. ھەر ھەپتە ئاخىرىدا، كۇتۇپخانا نۇرغۇن ئوقۇرمەننى كۈتىۋالىدۇ. شەھەر ئاھالىسى ليۇ شىيۇڭ مۇنداق دېدى: مەنمۇ كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن، قاراڭ، بۇ مەن يازغان كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىگە. بۇ يەردە كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلار بىلەن ئۆزئارا تەسىراتلىرىمىزنى ئورتاقلىشالايمىز، مېنىڭچە ناھايىتى ياخشى بولدى.
   ئاپتونوم رايونىمىز شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى، دېھقانلار كىتاپ ئوقۇش ئۆيى، يېزىلاردا كىنو قويۇش قۇرۇلۇشى، ھەممە ئائىلىدە رادىئو- تېلېۋىزىيە بولۇش قاتارلىق مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئاممىۋى مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شۇشېڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز مەدەنىيەتنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سېتىۋېلىش جەھەتتىكى سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت شەكلىنى كۆرسىتىمىز، ئاڭلىتىمىز ۋە بەھرىمەن قىلىمىز.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى