قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قوشماق تۇغقىنىم- قەلبىمنى ئىللىتقۇچى شەپقەتچىم

2018-11-09 13:06:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
سانجى شەھەرلىك دۆلەت زېمىن- بايلىقى ئىدارىسىنىڭ كادىرى پېڭ خەيشۇاڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى كۇزلانىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، قوشماق تۇغقىنىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.
10- ئاينىڭ 29- كۈنى سانجى شەھىرىدە قار ئارىلاش يامغۇر يېغىپ، تېمپراتۇرا نۆلدىن تۆۋەنلەپ كەتتى. پېڭ خەيشۇاڭ ئەتىگەندىلا،  قوشماقلاشقان تۇغقىنىنى ئويلاپ، 4 توننا «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كۆمۈرى» نى سانجى شەھىرىنىڭ سەنگۇڭ بازىرى ئەرگۇڭ كەنتىدىكى كۇزېلانىڭ ئۆيىگە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بەردى. كۇزىلا ھويلىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان كۆمۈرنى كۆرۈپ، ناھايىتى ئىللىقلىق ھىس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆمۈر سېتىۋالىدىغان پۇل يوق، بېشىم بەك قاتقانىدى. پېڭ ئاكام دەل ۋاقتىدا بىزنىڭ ئۆيگە كۆمۈر ئەكىلىپ بەردى. بۇنىڭدىن قەلبىم ئىللىدى، ئۆيمۇ ئىسسىدى، ھەممىمىز بەك خۇش بولدۇق.
بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن كوزېلا رېماتىزم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ پالەچ بولۇپ قالغىنىغا كۆپ يىل بولغانىدى، يىل بويى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاچقا، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بولغاننىڭ ئۈستىگە ئائىلىسىدە يەنە بالىلار پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان سىڭلىسى ۋە 70 ياشلىق ئانىسى بار ئىدى. پېڭ خەيشۇاڭ بۇ قېتىم قىشلىق كۆمۈر يەتكۈزۈپ بەرگەندە، كۇزېلانىڭ ئۆيىدىكى كونا ھاجەتخانىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، يەنە 300 يۈەن چىقىرىپ تامچى ئۇستامنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ قوشماق تۇغقىنىغا قايتىدىن ھاجەتخانا سېلىپ بەردى. كۇزېلا پۇختا سېلىنغان ھاجەتخانىنى كۆرۈپ، تەسىرلىنىپ گەپ قىلالماي قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بەك خۇش بولدۇم، مەن نىمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم. پېڭ ئاكام بىزنىڭ ئائىلىگە بەك كۆيۈنىدۇ.
ئادەتتە، كوزېلا بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر ئىنەككە تايىنىپ تۇرمۇشىنى ئاران قامداپ كېلىۋاتاتتى. بۇ يىل 5- ئايدا، پېڭ خەيشۇاڭ كوزېلا بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن كېيىن باشلامچى بولۇپ، ئىدارىدىكى كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى كوزېلاغا پۇل، ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پېڭ خەيشۇاڭ يەنە قوشماقلاشقان تۇغقىنىغا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە بەشتە كاپالەتلىك ئائىلە تولۇقلىمىسىنى ئىلتىماس قىلىپ، ھەل قىلىپ بەردى. پېڭ خەيشۇاڭ كوزېلانىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل 6- ئايدا يەنە ئۇنىڭغا 40 تۇخۇم توخۇسى ئەكىلىپ بەردى. ھازىر، تۇغقىنى ھەر ھەپتىدە تۇخۇم سېتىپ 150 يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولدى. پېڭ خەيشۇاڭنىڭ ياردىمىدە، كۇزېلانىڭ تۇرمۇشى كۈنسېرى ياخشىلاندى.
پېڭ خەيشۇاڭ مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەتىرىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن كۇزېلا ئائىلىسىدىكىلەرگە بەشتە كاپالەتلىك ئائىلە ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرگە بېرىلىدىغان تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى ھەل قىلىپ بەردۇق. مەن كۇزېلا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن دائىم قانداق قىلغاندا كىرىمنى ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىۋاتىمەن. ئىنەك باقمىچىلىقى، سۈت سېتىش ئارقىلىق، قوشماق تۇغقىنىمنىڭ كىرىمنى ئاشۇرىمەن، تۈرلۈك ئامال- چارىلەر بىلەن تۇرمۇشىنى ياخشىلايمەن.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى