قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى كۆچىۋاتقان زور تۈركۈمدىكى پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى

2018-11-09 13:15:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ھازىر كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى پەسىل قۇشلىرى كۆچىدىغان مەزگىل. ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى كۆچىۋاتقان زور تۈركۈمدىكى پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى. سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ ساياھەتكە كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچى، پەسىل قۇشلىرىنى تاماشا قىلىپ، تەبىئىي ئوكسىگېندىن بەھرىمان بولدى.
ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ ھاۋاسى ساپ، شامالغا ئەگىشىپ يېنىك يەلپۈنىدىغان قومۇشلۇق ئىچىدە سۇ قۇشلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ساھىلدا ئوزۇق ئىزدىسە يەنە بەزىلىرى ئاسماندا ئەركىن پەرۋاز قىلاتتى.
ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان گۈزەل مەنزىرە ئۈرۈمچىدىن بارغان ساياھەتچى گۇ چىڭنى جەلپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بايا 10 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا، مەن بىر كۆرۈنمە چاستوتىنى توردا تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسىنى نامايەن قىلىپ، ئىچكىرىدىكى دوستلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدۇم.
فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى ليۇ خەيجېن ھەر قېتىم پەسىل قۇشلىرى كۆچىدىغان پەسىلدە پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش يۆنىلىشىگە ئەگىشىپ سۈرەتكە ئالاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ساپسېرىق قۇمۇش، يۇلغۇن، ھەرخىل قۇشلار، ياۋا غاز، ئاققۇ، ياۋا ئۆردەك قاتارلىق قۇشلار بىزنىڭ نۇقتىلىق قوغدايدىغان قۇش تۈرىمىزگە كىرىدۇ.
سۇلۇق يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ساپ ھاۋاسى شىخەنزىدىن كەلگەن 50 دىن ئارتۇق ۋەلىسپىت بىلەن ساياھەت قىلىش ھەۋەسكارىنى ساياھەت قىلىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشقا جەلپ قىلدى. ساياھەت ھەۋەسكارى جاڭ جيەنيۈن مۇنداق دېدى: بىز ۋېلىسىپىت مىنىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ساياھەت قىلىش مەخسىتىدە ماناس سۇلۇق يەر باغچىسىغا كەلدۇق. بۇ خىل بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ خۇشاللىقىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ.
ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى گۇربانتۈڭگۈت قۇملۇقىنىڭ چېتىدىكى بىردىنبىر بوستانلىق سۇلۇق يەر. كۆپ يىللاردىن بۇيان داۋاملىق مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، ھازىر باغچىنىڭ سۇ يۈزى 60 مىڭ موغا، قۇمۇشلۇق 30 مىڭ موغا كېڭەيدى. يەنە 20 مىڭ مودىن ئارتۇق ئىككىلەمچى يۇلغۇن ئورمىنى ۋە تەبىئىي توغراقلىق بار. باغچىدىكى ياۋايى ھايۋانات 331 خىلغا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت 1-، 2- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇشلار 40 خىلدىن ئاشىدۇ.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى