قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى تەۋەلىك تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى

2018-11-10 17:23:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە تەۋەلىك تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلدى.
24 ياشلىق گۈلنىساخان ئابدىلىم ئۆزىنىڭ ئۇستازىغا بولغان ھىسسىياتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىر، كەنتكە قايتىپ كەلگەن بولساممۇ، جۇڭتەي گۇرۇھىدىكى ئۇستازىم ھېلىھەم تۇرمۇشۇمغا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىۋاتىدۇ. ئۇستازىمنى بەكمۇ سېغىندىم. جۇڭتەي گۇرۇھىغا قايتىپ داۋاملىق ئىشلىگۈم بار.
بۇلتۇر ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، جوڭتەي خىمىيە سانائىتى فۇكاڭ ئېنىرگىيە چەكلىك شىركىتىگە ئىشقا ئورۇنلىشىپ، شىركەتنىڭ ئاشخانا مۇلازىمەتچىسىگە ئايلاندى. شىركەت قانات يايدۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، ئارقا سەپ ئاشخانىسى مۇلازىمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى يەن جىسۈي تەشەببۇسكارلىق بىلەن گۈلنىساخان ئابدىلىم بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، ئۇنىڭغا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىتىپلا قالماي، ئىش ئورنى ماھارىتىنىمۇ ئۆگەتتى. گۈلنىساخان ئابدىلىم مۇنداق دېدى: ئۇستازىم ماڭا يېقىندىن يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ يىل 4- ئايدا، شىركەتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئىش ئورنى ماھارەت مۇسابىقىسىدە مەن 1- بولدۇم. ئۇستازىمغا بەكمۇ رەھمەت ئېيتىمەن!
بۇ يىل 6- ئايدا گۈلنىساخان ئابدىلىم ئاپىسى ئاغرىپ قېلىش سەۋەپلىك يۇرتى كېرىيە ناھىيە سىيەك يېزىسىنىڭ قاتىياق كەنتىگە قايتىپ ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، جوڭتەي گۇرۇھى ئۇنىڭغا چىغ پەردە توقۇش زاۋۇتىدىن خىزمەت ئۇقۇشۇپ بەردى؛ ئۇنىڭ ئۇستازى يەن جىسۈيمۇ تېلېفون بېرىش، قىسقا ئۇچۇر يوللاش، ئۈندىداردا كۆرۈشۈش قاتارلىق ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇردى. يەن جىسۈي مۇنداق دېدى: گۈلنىساخان ناھايىتى تىرىشچان بولۇپ، تېز ئىلگىرى باستى. دەم ئالغان ۋاقىتلاردا، گۈلنىساخان يەنە بىزگە ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەتتى. بىر يىل بىللە ئىشلەش جەريانىدا، بىز ھەقىقىي ئاچا- سىڭىللاردەك بولۇپ قالدۇق.
شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، گۈلنىساخان ئابدىلىم ۋە يەن جىسۈيگە ئوخشاش قوشماقلاشقان تۇغقانلار ناھايىتى كۆپ. ئۇلار ھەم ئۇستاز- شاگىرت ھەم ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىل. شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئۇسسۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەندىن باشلايمەن»دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كارخانىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى، ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقا قاتناشقان كادىرلار ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر 1 مىڭ 381گە يېتىپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، ئوقۇش قاتارلىق 5 مىڭ 5 تۈرلۈك قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شېڭشيۇڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى چەكلىك پاي شىركىتى تېرمو ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى، شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كېرىيە ناھىيە سىيەك يېزىسىنىڭ قاتىياق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ خۇڭجۈن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە قانائەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى