قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«خوتەن قاشتېشى شەھەرچىسى»-- خوتەن شەھىرىنىڭ يېڭى نام كارتىسىغا ئايلاندى

2018-11-10 17:34:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
خوتەن قاشتېشى-- دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، خوتەن قاشتېشى كەسپى سودا بازىرى-- «خوتەن قاشتېشى شەھەرچىسى» تىجارەت باشلىغانىدى. بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، «خوتەن قاشتېشى شەھەرچىسى»-- خوتەن شەھىرىنىڭ يېڭى نام كارتىسىغا ئايلاندى.
«خوتەن قاشتېشى شەھەرچىسى»دىكى «كېرەم قاشتېشى دۇكىنى»دا، گۇاڭجۇلۇق ساياھەتچى شياۋ شيۇڭ خىزمەتچى خادىملارنىڭ قاشتېشى توغرىسىدىكى تۇنۇشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاۋاتاتتى. قاشتېشىدىن ئىشلەنگەن نەپىس بويۇملارنى كۆرگەن شياۋ شيۇڭ مۇنداق دېدى: «خوتەن قاشتېشى شەھەرچىسى»نىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ بۇ يەرگە كەلگەنىدىم. خوتەن قاشتېشى دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە كېلىپ كۆرۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
قاشتېشى ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شياۋ شيۇڭ بۇ قېتىمقى شىنجاڭ سەپىرىنىڭ تۇنجى بېكىتىدە، «خوتەن قاشتېشى شەھەرچىسى»گە قاشتېشى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلدى. «خوتەن قاشتېشى شەھەرچىسى»دىكى ئەسلىي تاش بازىرى، نەپىش قاشتېشى بويۇملىرى دۇكىنى، قاشتېشى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، قاشتېشى مەدەنىيىتى كۆرگەزمە سارىيى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئۆزىگە رام قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خوتەن قاشتېشى شەھەرچىسى» ناھايىتى قىزىپ كەتكەن بولۇپ، مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. قاشتېشى مەدەنىيىتى ئىنتايىن قويۇق ئىكەن. بىر قىسىم قاشتېشى بويۇملىرىنى سېتىۋالدىم. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەرگە سوۋغا قىلىمەن.
«خوتەن قاشتېشى شەھەرچىسى»دىكى «كېرەم قاشتېشى دۇكىنى»نىڭ دېرىكتورى ئابدۇكېرەم مۇنداق دېدى: قاشتېشى تىجارىتى قىلغىلى 17 يىل بولدى. ئىلگىرى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى خوتەن شەھىرىدىكى چوڭ بازار ئەتراپىدا سودا قىلاتتى. بۇلتۇر، «خوتەن قاشتېشى شەھەرچىسى» قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ كۆچۈپ كىرگەن يەرلىك تىجارەتچى بولدۇم. دۇكىنىمىزدا سېتىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى خوتەننىڭ ئەسلى قاشتېشى بولۇپ، بۇ يەردە تىجارەت قىلىش بەك قولايلىق بولدى، سىرتتىن كەلگەن مېھمانلارمۇ كۆپ بولدى.
بۈگۈنكى كۈندە، «خوتەن قاشتېشى شەھەرچىسى»دە قاشتېشى سودىسى قىلىدىغان دۇكاندار 100 دىن ئاشتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 1 مىڭ 200 يايما ئورنى بار بولۇپ، كۈندىلىك سودا مىقدارى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن، كۈندىلىك سودا سوممىسى تەخمىنەن 10 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. «خوتەن قاشتېشى شەھەرچىسى»نىڭ مەسلىھەتچىسى ئوبۇلقاسىم مۇنداق دېدى: مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر «خوتەن قاشتېشى شەھەرچىسى»گە كەلمىسە، خوتەنگە كەلگەن ھىسابلانمايدۇ. «خوتەن قاشتېشى شەھەرچىسى» تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، «خوتەن قاشتېشى شەھەرچىسى» ئوبراز مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، «3ئا» دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى. قاشتېشى بازىرى يەنە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان خادىملارنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلدى. يەرلىك قاشتېشىنى ئۆز جايىدىلا پىششىقلاپ ئىشلەپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرگە ئەلا مۇلازىمەت قىلىمىز.

 تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى