قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، سودىيە، پروكۇراتورلارنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، مەخسۇسلاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى

2018-11-11 15:44:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
ئاپتونوم رايونىمىز ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، سودىيە، پروكۇراتورلارنىڭ ئىشتات تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، سودىيە، پروكۇراتورلارنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، مەخسۇسلاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە ياردەم بەردى.  
يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بىر پارچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامى ماجىراسى دېلوسىغا قاراپ چىقتى، دېلونى سوت قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ دېلونى سوت قىلىشقا مەسئۇل سودىيە − ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا ئىدارىسى ھەق تەلەپ 2 - كوللېگىيەسىنىڭ مەسئۇلى يۈەن لىرۇڭ نۇرغۇن ماتېرىيال كۆردى، تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارىسى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان پەيدا بولغان يېڭى تىپتىكى دېلو، بەلگىلىمىسىمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ. مەن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارىسىگە ئائىت ئەدلىيەلىك ئىزاھاتىنى ئۆگەندىم، توردىن بېيجىڭ، شاڭخەينىڭ بۇ جەھەتتىكى دېلولىرىغا ئائىت نۇرغۇن ھۆكۈم ئۆرنەكلىرىنى چۈشۈرۈپ، چۈشىنىشىمنى چوڭقۇرلاشتۇردۇم.
بىر ئايدا، بۇ دېلو ئوڭۇشلۇق قاراپ چىقىلدى ھەمدە 1- سوت ھۆكۈمى چىقىرىلدى. مەزكۇر دېلودىكى دەۋاگەر شىركەتنىڭ قانۇن ئىشلىرى خادىمى يۈ خۇي سوتچىنىڭ ھۆكۈمىدىن ئىنتايىن رازى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سوت قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ تەپەككۇرى ئىنتايىن ئېنىق بولدى، بەزى مۇناسىۋەتلىك قانۇن- نىزاملار توغرىسىدىكى بەرگەن ئەدلىيەلىك ئىزاھاتىمۇ ناھايىتى ئېنىق بولدى. دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلىغاندىن سىرت، ئۇ بىزنىڭ دەۋا تەلىپىمىزنى تولۇق ئويلاشتى.
مەركەزنىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇش تەلىپى بويىچە، 2016- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى، تەپتىش مەھكىمىلىرى ئىشتات تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مۇنەۋۋەر سودىيە، پروكۇراتورلارنى 1- سەپكە دېلو بېجىرىشكە ئەۋەتىپ، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى قوشۇنىنىڭ مەخسۇسلىشىشى، كەسىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. يۈەن لىرۇڭ- ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىشتات سودىيەسى بولۇپ، ئۇنىڭغا پۈتۈكچى ۋە ياردەمچى سەپلەپ بېرىلگەنىدى، ئۇ مۇرەككەپ پۇل مۇئامىلە، ئېلىم- سېتىم ماجىرا دېلولىرىنى مەخسۇس سوت قىلىپ، كەسپىي سوت كوللېكتىپىنى بەرپا قىلدى. يۈەن لىرۇڭ مۇنداق دېدى: سودىيەلەر بىر ساھەگە تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى قويۇپ تەتقىق قىلسا، ئىزدەنسە، دېلو بىجىرىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
ئىشتاتنى يولغا قويۇش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشتات نىسبىتىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئىشتاتنى ھەرىكەتچان باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى ھەمدە ئىشتاتنى چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «كىرگىلى، چېكىنگىلى بولىدىغان» ئىشتات باشقۇرۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى. 2016- يىلى 12- ئايدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىككى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىدىكى سودىيەلەر 498 گە يەتتى ھەمدە سودىيە دېلوغا ئۆمۈرۋايەت مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ يۇڭشيا مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە سوت مەھكىمىمىزنىڭ ئەسلىدىكى ئەۋزەل بايلىقىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سودىيە بولۇش شەرتىنى چىڭىتتۇق. ئەمەلىيەتتە بۇ سوت قىلىش ھوقۇقىنى قالايمىقان يۈرگۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مەسىلە كۆرۈلسە سودىيە مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. دېلونىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكى يۇقىرى بولسا، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا تەننەرخى تۆۋەنلەيدۇ.
 مەخسۇسلاشقان، كەسىپلەشكەن سودىيە، پروكۇراتورلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشتات تۈزۈمى يولغا يولغا قويۇلۇپ، ھوقۇق، مەسئۇلىيەت ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتى. خوتەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش تەپتىش ئەلى ئابلىمىت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىشتات تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پروكۇراتورلارنىڭ دېلونى مۇستەقىل بېجىرىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى، دېلو بېجىرىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ ھوقۇقىمىز تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى، پروكۇراتورلارنىڭ بەلگىلىك تەجرىبىسى، نەزەرىيە سەۋىيەسى ۋە كەسپىي سەۋىيەسى بولسىلا، دېلونى مۇستەقىل بېجىرەلەيدۇ، ئەيىبلەش ياكى ئەيىبلىمەسلىكنى مۇستەقىل قارار قىلالايدۇ، لېكىن چوڭ دېلو، چىگىش- مۇرەككەپ دېلولاردا تەپتىش كومىتېتى ۋە رەھبەرلىكنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ، ئىشتات تۈزۈمىدە ئۆمۈرۋايەت مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى، دېلو بېجىرىشتىكى ئۆمۈرۋايەت مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى دېلو بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2017- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى قوبۇل قىلغان دېلو مىقدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %18.39 كە يەتكەن ئەھۋالدا، دېلو ئاخىرلاشتۇرۇش نىسبىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %20.47 ئاشقان، دېلولارنىڭ ئوتتۇرىچە سوت قىلىنىش كۈن سانى قىسقارغان، سودىيەلەرنىڭ دېلولارنى ئاخىرلاشتۇرۇش مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 86.3 پىرسەنت ئاشقان، 1- سوتتا نارازىلىق ئەرز بېرىلگەن، ھۆكۈم ئۆزگەرتىلگەن دېلولار ئالدىنقى يىلدىكى 4 مىڭ 464 پارچىدىن 3 مىڭ 701 پارچىگە كېمەيگەن.   

 تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى