قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئەخلاق ئارقىلىق مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى يولغا قويدى

2018-11-12 11:55:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
ئاپتونوم رايونىمىز ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى يولغا قويدى. 
خوتەن شەھىرىنىڭ «جياشىڭ» بالىلار باغچىسىدىكى چوڭلار 1- سىنىپىدا، بەش يېرىم ياشقا كىرگەن زەمىرە رەپقەت ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە «ئۈچ خەتلىك دەستۇر» نى يادلاۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن يەنە «مەن بېيجىڭ تيەنئەنمېننى سۆيىمەن» دېگەن ناخشىنى ئېيتالايمەن، مەن يەنە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ياسىدىم، باغچىدا نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىمىز.
ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى مائارىپى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، خوتەن شەھىرىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئىگىلەش ۋە قوللىنىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. بالىلار باغچىسى يەنە جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى ئوقۇتۇش جەريانىغا سىڭدۈردى. «جياشىڭ» بالىلار باغچىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شياۋ جيەنلىڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا قانات يايدۇرۇلغان «چۇڭياڭ» بايرىمى ئاساسىي تېما قىلىنغان پائالىيەتتە، مۇئەللىملەر بالىلارغا «چۇڭياڭ» بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى سۆزلەپ بەردى، بالىلار بوۋا- مومىلىرىغا دۆلەت ئورتاق تىلىدا ناخشا ئېيتىپ بەردى، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ قويدى، بالىلار بايرامنىڭ مەزمۇنىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يەتتى.
بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل بالىلار باغچىلىرىنى قۇرۇشقا تېگىشلىك يېزىلاردا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تولۇق قۇرۇپ، يېزىلاردىكى بالىلار باغچىلىرىغا «كىرىشكە تېگىشلىك بالىلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تولۇق كىرگۈزۈش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى «مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بالىلار باغچىسى قۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزۈش تىپىدىكى بالىلار باغچىلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتتى، يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنى ئۈچ يىل ھەقسىز ئوقۇتۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، بالىلار باغچىلىرىدىكى بالىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.
يېقىنقى يىللارد‍ىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز د‍ۆلەت ئورتاق تىل- ي‍‍ېزىقى م‍‍ائارىپىنى ئ‍‍ومۇميۈزلۈك ق‍‍اپلاشنى ۋاس‍‍ىتە ق‍‍ىلىپ، سېلىنمىنى ئ‍‍ۈزلۈكسىز ئ‍‍اشۇرۇپ، ئ‍‍ەخلاق ئ‍‍ارقىلىق ئ‍‍ادەم ت‍‍ەربىيەلەشتىن ئ‍‍ىبارەت ت‍‍ۈپ ۋەزىپ‍‍ىنى ئ‍‍ەمەلىيلەشتۈرۈشكە ك‍‍اپالەتلىك قىلدى. پوسكام ناھىيەسى «مائارىپتا ئادەم ئىشلىتىش، شتاتقا مايىل بولۇش، مائارىپقا ۋاقتىدا، تولۇق مەبلەغ ئاجرىتىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش» تەك مائارىپ كاپالىتى مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تولۇقلاپ، ھەممىسىنى يېزا مەكتەپلىرى ۋە بالىلار باغچىلىرىدىكى ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىغا سەپلىدى. پوسكام ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەمتىمىن مامۇت مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ 2017- يىلىدىن بۇيان 220 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 7- ئوتتۇرا مەكتەپ، 3- باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە 30 بالىلار باغچىسى قۇردۇق، ك‍‍ېيىنكى ق‍‍ەدەمدە ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتنى زىچ چۆرىدەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، 2020- يىلى 15 يىللىق دۆلەت ئورتاق تىلى مائارىپى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش نىشانىغا ئۆز قەرەلىدە يېتىشكە پۇختا ئاساس سالىمىز.
ئاپتونوم رايونىمىز ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بۇلتۇر «يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر» نى تۈزۈپ چىقتى. شىنجاڭ داشۆسى- مەملىكەت بويىچە مەركەز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تەتقىقات مەركىزى قۇرۇشنى تەستىقلىغان ئورۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، مەكتەپ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى مەكتەپنىڭ تەلىم- تەربىيە، ئوقۇتۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىنى ئۈزلۈكسىز قوراللاندۇردى. شىنجاڭ داشۆسى پارتكومى ئىدىيەۋى- سىياسىي تەربىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پېڭ سېنپېڭ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە، دەرسخانىغا، ياچېيكا خىزمىتىگە، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا ك‍‍ىرگۈزۈشتىن ئىبارەت ت‍‍ۆتكە ك‍‍ىرگۈزۈش پ‍‍ائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردۇق، ب‍‍ولۇپمۇ م‍‍اركسىزم شۆيۈەنى ئ‍‍وقۇتقۇچىلىرىنىڭ س‍‍ىياسىي س‍‍اپاسىنى ئ‍‍ۆستۈرۈشنى چ‍‍ىڭ ت‍‍ۇت‍‍تۇق، م‍‍ەكت‍‍ەپ ئ‍‍وقۇتقۇچىلارنىڭ ھ‍‍ەممىسىدە ئ‍‍ىدىيەۋى- س‍‍ىياسىي دەرسلىكى بولۇش، دەرسلىكلەرنىڭ ھەممىسىدە ئ‍‍ىدىيەۋى- سىياسىي پۇراق بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە س‍‍وتسىيالىزم ئ‍‍ىدىيەسى ئ‍‍ارقىلىق ئ‍‍وقۇغۇچىلارنى ت‍‍ەربىيەلەپ، ھ‍‍ەر م‍‍ىللەت ئ‍‍وقۇتقۇچى- ئ‍‍وقۇغۇچىلىرىنى پ‍‍ارتىيەنىڭ س‍‍ۆزىنى ئ‍‍اڭلاشقا، پ‍‍ارتىيەگە م‍‍ىننەتدارلىق ب‍‍ىلدۈرۈشكە، پ‍‍ارتىيەگە ئ‍‍ەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمىز.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى