قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۈنەس ناھىيەسى نارات مەنزىرە رايونى ئىلگىرىكىدەك قىشتا تىجارەتنى توختىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، تۇنجى قېتىم قىشلىق ساياھەتنى قانات يايدۇردى

2018-11-12 12:20:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:بۇ يىل قىشتا، كۈنەس ناھىيەسى نارات مەنزىرە رايونى ئىلگىرىكىدەك قىشتا تىجارەتنى توختىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، تۇنجى قېتىم قىشلىق ساياھەتنى قانات يايدۇردى ھەمدە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
  بش قىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، نارات مەنزىرە رايونىدا قار يېغىپ، بىياپان يايلاق ئاق تون كىيدى. بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ساپ ھەم نەمخۇش بولۇپلا قالماي، كۆك ئاسمان، قارلىق تاغ، قارىغايلار ناھايىتى گۈزەل بىر مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى، نۇرغۇن ساياھەتچى نارات مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، يايلاقنىڭ قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشتى. ساياھەتچى ۋۇ جېنجېن مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ نارات مەنزىرە رايونىنىڭ قار مەنزىرىسىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، زېمىن ئاپپاق تۈسكە كىرىپ، كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرۈپتۇ. مەن بۇ يەرگە كەلگىنىمدىن بەك خۇشال بولدۇم. 
بۇ يىل نارات مەنزىرە رايونى قىشلىق ساياھەتنى قانات يايدۇرغان تۇنجى يىل، قىشلىق ساياھەت ۋاقتى بۇ يىل 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2019-يىلى 3- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە نارات مەنزىرە رايونى ئات بەيگىسى، قارلىق دالىدا ئات مىنىش، ئات چانىسىدا ئولتۇرۇش، مەزىللىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش ۋە كىيىم- كېچەك كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماي، ئات بەيگىسى، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، چېلىشىش قاتارلىق ئەل ئارا ماھارەت كۆرسىتىش تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ ھەمدە مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنى مەنزىرە رايونى بېكىتكەن ساياھەت لىنىيەسى بويىچە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشقا تەشكىللەپ، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى ساياھەتچىلەرنى بۇنىڭغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىدۇ. نارات مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تىجارەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى فېڭ لې مۇنداق دېدى: نارات مەنزىرە رايونىمىز بۇ يىل قىشلىق ساياھەتنى يولغا قويىدۇ. ھازىر بىز توردا ۋە تور سىرتىدا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە قىشلىق ساياھەت تۈرلىرىنى جىددىي پىلانلاۋاتىمىز.بىز ئىلىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى ھەقىقىي جانلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىمىز ھەمدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن بۇ نامنى يىراق يېقىنقا تونۇتۇشقا تۈرتكە بولىمىز.
بۇ يىل كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكىدە «پۈتۈن رايون ساياھىتى، گۈزەل تۇرمۇش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ساياھەتچىلىك زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.نارات سەيلىگاھى، نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى، گۈل دېڭىزى نارات قاتارلىق ئاساسلىق ساياھەت نۇقتىلىرىدا ساياھەت قىلىدىغانلار زور دەرىجىدە كۆپەيدى. 10- ئاينىڭ بېشىغىچە، كۈنەس ناھىيەسى جەمئىي 7 مىليون 400 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %47.1 ئاشتى، ساياھەتچىلىك كىرىمى 2 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %42.3 ئاشتى.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى