قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالتاي ۋىلايىتىدە قار يېغىپ، جايلاردىكى ساياھەتچىلەر ۋە چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى قار-مۇز شادلىقىدىن بەھرىمەن بولدى

2018-11-13 10:35:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
باش قىش كىرگەندىن كېيىن، ئالتاي ۋىلايىتىدە قار يېغىپ، جايلاردىكى ساياھەتچىلەر ۋە چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى قار-مۇز شادلىقىدىن بەھرىمەن بولدى.
مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى يەنى ئالتاي شەھىرىدىكى سانغۇن تېغى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى تىجارەت باشلىغان كۈنى، جايلاردىن يۈزگە يېقىن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلدى. ئالتاي «قار تۈلكىسى» يەككە تاختىدا چاڭغا تېيىلىش كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى سۈن گۈەنجۈن مۇنداق دېدى: ئالتاينىڭ قار سۈپىتى ناھايىتى ياخشى. بىز ئەتىگەندىن ھازىرغىچە7، 8 قېتىم تېيىلىپ بولدۇق.
ئالتاي شەھىرىدىكى سانغۇن تېغى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ دىرېكتورى لياڭ جىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل چاڭغا تېيىلىش مەيدانى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 64 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يەتكەن. شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئېگىزلىك پەرقى 405 مېتىر كېلىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك فۇنىكۇليورمۇ دۆلەتلىك فۇنىكۇليور تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، سانغۇن تېغى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى يەنە ئۇيۇن ئويناش رايونى تەسىس قىلىپ، ئاتقا تارتىلغان چانا، قار موتوسىكلىتى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى يولغا قويغان. لياڭ جىڭ مۇنداق دېدى: «5S» دەرىجىلىك چاڭغا تېيىلىش مەيدانى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ يىل قار ھاسىل قىلىش سېستىمىسىنى ئۆستۈردۇق. خادىملارنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشنى كۈچەيتتۇق. ھازىر 30 قار ھاسىل قىلىش ماشىنىسى بىر ۋاقىتتا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىگە تۈرتكە بولالايدۇ. 
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتى پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قار- مۇز ساياھىتىنى بىرىنچى تىرەك قىلىپ، «تۆت رايون، بىر بەلباغ» سەر خىل ساياھەت لىنىيەسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، قاناستىكى گۈزەل قارلىق يېزا- بۇرۇلتوقايدىكى ئۇلۇڭگۈر كۆلى قىشلىق بېلىق تۇتۇش- ئالتايدا چاڭغا تېيىلىش ۋە كۆكتوقايدىكى قارلىق تېغى جىلغىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، قىشلىق قار- مۇز ئالتۇن ساياھەت بەلبېغى بەرپا قىلىپ، قىش پەسلىدىكى پۈتۈن رايون ساياھىتى، قىش پەسلىدىكى ئاجايىپ مۇھىت ساياھىتى قاتارلىق نەچچە ئون سەر خىل لىنىيەنى ئاچتى. بۇ يىل 11- ئايدىن كېلەر يىلى 5- ئايغىچە، ئالتاي ۋىلايىتى 3 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتىۋېلىپ، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالىنى 2 مىليارد 850 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى. ئالتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ كېچۈەن مۇنداق دېدى: ساياھەت بايلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، مول ۋە رەڭدار مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىمىز. ئالتاينىڭ قىممەتلىك قىشلىق ساياھەت بايلىقىنى ساياھەتچىلەرگە نامايان قىلىپ، ئالتاينىڭ قىش پەسىللىك ساياھەتچىلىكىنى قىزىتىپ، ئالتاينىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمىز.
تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى