قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھەممە جايغا تۇتاشقان تەرجىمە

2018-11-13 11:21:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

لى ۋېنجۈن

ئەگەر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن باشلاپ مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ساۋاقدىشىم بىلەن بىرلىكتە تەرجىمە قىلغان ئامېرىكىلىق يازغۇچى خوۋارد فاستنىڭ ئىككى قىسىملىق تارىخىي رومانىدىن باشلاپ ھېسابلىساق، مېنىڭ تەرجىمە ھاياتىمغا ھازىرغىچە 60 نەچچە يىل بولدى. 60 يىلدىن بۇيان مەن كافكانىنىڭ «ئۆزگىرىش خاتىرىسى» نى تەرجىمە قىلدىم، زور كۈچ سەرپ قىلىپ فوكنېرنىڭ بىرنەچچە ۋەكىللىك ئەسىرى «ۋاراڭ- چۇرۇڭ ۋە غۇلغۇلا»، «مەن سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا»، «ئابسالوم ، ئابسالوم» قاتارلىقلارنى تەرجىمە قىلدىم ۋە ئۇنىڭغا باھا يازدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئۇنىڭ ئەركىن چەۋەندازى بولۇپ قالدىم، مەن يەنە ئېلوتنىڭ شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلغان، شۇنداقلا ئۇزۇندىن ھۆرمەت قىلىپ كەلگەن ئوسدىننىڭ «ئەيما» دېگەن ئەسىرىنى تەرجىمە قىلغان، ھەم كانادالىق موماي مېنلونىڭ «قېچىش» دېگەن كىتابنى، بالىلار ئۈچۈن «سېھىرلىك باغ»، «كىچىك ئېيىق ۋېينى» دىن باشقا يەنە ھېمىڭۋاينىڭ «مۇقىم بولمىغان كاتتا بايرام»، «بوۋاي بىلەن دېڭىز» قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدىم. بۇنىڭ بىلەن مەن خۇددى ئۆزۈمنىڭ رول ئېلىش يولىنى كېڭەيتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان پېشقەدەم ئارتىسقا ئوخشاپ قالغان ئىدىم. راستىنى ئېيتقاندا، مەن ئۆزۈمنىڭ داڭلىق يازغۇچىنىڭ «ئەگەشكۈچىسى» ياكى «ئىشلەمچىسى» بولۇپ قېلىشىمغا ئانچە تەن بەرمەيتتىم. ئەگەر، مەن ئارتىس بولسام، ئۆزۈمنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بار ۋە مۇستەقىل پەزىلەتكە ئىگە ئارتىس بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر مەن مۇزىكانت بولغان بولسام، ئۆزۈمنى چوقۇم شەخسىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا ئىگە قىلىشقا تىرىشاتتىم. گەرچە فۇكنېرنىڭ مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم يازغۇچى بولسىمۇ، لېكىن مەن كىشىلەرنىڭ مېنى تىلغا ئالغاندا يالغۇز فۇكنېرنىلا ئەسكە ئېلىشىنى خالىمايمەن.
تەرجىمە قىلىش جاپالىق ئىش، بەزىدە ناھايىتى زېرىكىشلىك. شۇنداق بولغاچقا، كۆپلىگەن تالانت ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىدۇ. ئەمما، كىم ئۇستازلارنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى، كىملەر بۇ داڭدار قەلەمدارلارنى ھەقىقى چۈشەنگۈچى؟ بەلكىم ئۇلارنىڭ جورىسى ۋە پەرزەنتى بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلارغىچە تەتقىق قىلغان كىشىلەر كىم؟ قانداقتۇ بىرەر مەزھەپكە تەۋە تەتقىقاتچى بولماسلىقى مۇمكىن. نۇرغۇن ئەھۋاللاردا مەلۇم بىر يازغۇچى ۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىدىغان لاياقەتلىك تەرجىمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا مەلۇم بىر تىل ئوقۇرمەنلىرىدە تەسىر قالدۇرالايدۇ. بۇ دەل تەرجىماننىڭ خۇشاللىقى.
ھالبۇكى، بۇ ئىش پەقەت بىر تەرەپكىلا، يەنى تەرجىماننىڭ شەخسىي ھېسسىياتى مۇكەممەل، قانائەت ھاسىل قىلىدىغان بىر تەرەپكىلا بېرىپ تاقىلىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، تەرجىماننىڭ ئەمگىكى پەيدا قىلغان ئوبيېكتىپ ئۈنۈم جەھەتتە. بۈگۈنكى كۈندە، تەرجىمانلار ئۆزىنىڭ قىلغان- ئەتكەنلىرىنىڭ يەر- جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ئۈنۈمگە ئىگە بولۇشىنى ئويلايدۇ، بۇ خام خىيال بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. تەرجىمە قىلىش، بولۇپمۇ ئەدەبىي تەرجىمە قىلىشنىڭ ئوينىغان رولى دۇ فۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى باھار يامغۇرىغا ئوخشايدۇ، «شامالغا ئەگىشىپ كېچىگە كىرىپ، جىمجىت ھالدا بارلىق نەرسىلەرنى نەملەيدۇ». تار مەنىدىن ئېيتقاندا ئوقۇرمەنلەرنىڭ مىجەز- خۇلقىنى تاۋلاپ، ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىشىنى ئۆستۈرۈش، ئىجادىيەت ساھەسىنى بولسا سېلىشتۇرما بىلەن تەمىنلەش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا ياردەم بەرگەنلىك بولىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ پۇختا خىزمىتى ئارقىلىق، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى خەلق ئارىسىدىكى ئارىلىق بارغانسېرى كىچىكلەپ، ئەقىل- پاراسەت بىلەن، ئالاقىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىلغا ئايلىنىدۇ.
بۇ يەردە، مەن يۈز يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو تەرجىمانلىرى ئۈچۈن بىر ئېغىز لىللا گەپ قىلاي. مېنىڭچە، ئۇلار پەقەت ئامما ئېتىراپ قىلغاندەك، ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش، باشقىچە مەدەنىيەتنى كىرگۈزۈش جەھەتتە تۆھپە قوشۇپلا قالماي، دۆلەت ئورتاق تىلىنى ھازىرقى زامان تۇرمۇشى ۋە تەپەككۇرىنى ئىپادىلەيدىغان زامانىۋى تىلغا ئايلاندۇرۇشتا غايەت زور رول ئوينىدى. ئۇلارنىڭ تىلنى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشىمۇ ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان، سۆزلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ توغرا كۆرسىتىدۇ. گېدې بۇرۇنلا: «بىر مىللەتتە، تەرجىمان يېرىم ئالىم ھېسابلىنىدۇ» دېگەن. جۇڭگو تەرجىمانلىرىنىڭ ھەممىسىنى «تىل ئالىمى» دەپ ئاتاش كېرەك دەپ قارىمايمەن. ھېچبولمىغاندا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللەر شۇنداق رولغا ئىگە، بۇ كۆپتۈرگەنلىك ئەمەس. تەرجىمان ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېزىقنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى بولغاندىلا، ئاندىن باشقا ھەممىدىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ. بىر تەرجىمان، بولۇپمۇ ئەدەبىي تەرجىمان ھاياتىدا مۇقەررەر ھالدا ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى ئەسلىي ئەسەرلەرگە دۇچ كېلىدۇ. ھۆددىسىدىن چىقىش ۋە خۇشاللىق ھىس قىلىش ئۈچۈن، ئۇ تۇنجى قېتىم تەرجىمە قىلغاندا، ئوقۇش دائىرىسىنى ئاڭلىق تۈردە كېڭەيتىپ، ھەر قايسى دەۋر، ھەر قايسى دۆلەت ياكى رايون، ھەر خىل ئېقىم، ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى ئەسەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ھەم ئەسلىي تېكىستنى ئوقۇپ، ھەم مەشھۇرلارنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ، مۇناسىپ تەرجىمە مەشىقى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كىلىدۇ.
نەپىسلىكتىن تارتىپ ئادەتتىكى تىللار ھەر قايسى قاتلامدىكى تىل تەرجىمانلارنىڭ «ساندۇق ئاستى» دىكى دەسمايىسى بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئورۇن بەلگىلەش توغرا كەلسە، بىر ياش تەرجىمان ئۆزىنى بىر كىچىك تىياتىر ئۆمىكىدىكى «ھەممىباپ ئارتىس» دەپ قاراپ، قايسى رول بولسا شۇ رولغا چىقالىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نېمىنى ئوينىسا، شۇنى «قالتىس» ئوينىيالىشى كېرەك. ھەتتا دراماتورگ بىلەن رېژىسسور ئۇنىڭ ئويۇنىنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ خىجىل بولىدىغان دەرىجىدە ۋايىغا يەتكۈزۈش كېرەك. چۈنكى، ئۇلار ئۇ ئويلىغاندەك ئۇنداق چوڭقۇر ئويلاپ باقمىغان ياكى چوڭقۇر ھېس قىلالمىغان. چېنىقىش ئارقىلىق، ئۇ رومانلاردىكى جامبازلارغا ئوخشاش كۈچ سەرپ قىلىشى: قارشى تەرەپ ماھارەت كۆرسەتكەن ھامان، ئۇنىڭ قانداق يەردىن كەلگەنلىكى، نۆۋەتتە يەنە قانداق ماھارىتىنىڭ بارلىقىغا ھۆكۈم قىلالايدىغان بولىشى كېرەك. ئاپتورنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق. ئەڭ يامان بولغىنى قاتمال، مۇقىم شەكىلدىكى دۆلەت ئورتاق تىلى بىلەن ئۆزگۈرۈشچان ئەسلىي ئەسەرگە تاقابىل تۇرۇپ، «مىڭ ئادەمدە بىر يۈز» بولۇشقا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن ئىبارەت. سېلىشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بىز ئەسلى ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبىنى كۆرگىلى بولىدىغان، ئەمما ئاز- تولا ئۆزگەرتىش ھاسىل قىلىنغان تەرجىمىلەرنى ئوقۇشقا رازى، ئۇ يەردە ئەقىل ۋە روھ، ھېچبولمىغاندا ئەدەبىيات بار.
بىر ئەۋلاد كىشىلەر پەقەت بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كۈچىنىڭ يېتىشىچە قىلىدىغان ئىشنى قىلالايدۇ. فۇ لېي، رۇ لۇڭ، ساۋ يىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى پىشقەدەم بىر ئەۋلاد كىشىلەر فىرانسىيىنىڭ بالزاك، روسىيەنىڭ چېخوف، تولىستوي قاتارلىق رېئالىزم يازغۇچىلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان. ئۇلار بىر ئەۋلاد كىشىلەر بۇرچىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئۈستىمىزگە ئالدۇق. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ھازىرقى زامان ئېقىمىدىكىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇشنى تاماملاپ بولدۇق، يەنە نۇرغۇن ۋەزىپىلەرنى تەرجىمە ساھەسىدىكى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ تاماملىشىغا تاپشۇردۇق. بۈگۈنكى كۈندە، بەزى ياش تەرجىمانلار مەن تەرجىمە قىلغان فوكنانىڭ «ۋاراڭ- چۇرۇڭ ۋە غۇلغۇلا» دېگەن كىتابىنىڭ يېڭى تەرجىمە نۇسخىسىنى چىقاردى. بۇ تەرجىماننىڭ بەزى خىياللىرى ماڭا خېلى ئىلھام بولدى. تەرجىمە ساھەسىدىكى پېشقەدەملەر بارا- بارا ئالەمدىن ئۆتتى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئىزىنى باسىدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك. «يېڭى نوتىلار» نىڭ تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، مەن ئۆزۈمنى «رەتسىز ئۆسكەن نوتا- شاخلارنىڭ ھەممىسىنى كىسىۋېتىش كېرەك» دېگەن تىپتىكى كىشىلەرگە تەۋە دەپ قارىمايمەن. شۇڭا، خۇشاللىق بىلەن ئورۇن بىكارلاپ، قولۇمدىن كېلىدىغان، يېنىكرەك ئىشلارنى قىلىشنى خالايمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى