قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەدبىردە يېڭىلىق يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىدا يېڭى سەھىپە ئېچىش

2018-11-14 11:57:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى.
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ كادىرى جۇ جيەنخۇا ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا، بورتالا شەھىرىنىڭ شويىڭپەن بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق قوشماقلاشقان تۇققىنى-- مەستۈرەئاينىڭ تورت دۇكىنىنىڭ ئالدىدا كۈچەپ توۋلىماقتا ئىدى، بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 5 چوڭ ساندۇق تورت سېتىلىپ تۈگىدى. مەستۈرەئاي مۇنداق دېدى: بۈگۈن تۇققىنىم تورت دۇكىنىمغا كېلىپ تورتلىرىمنى سېتىشىمغا ياردەملەشتى، تورتلىرىم ناھايىتى تېز سېتىلدى. بۇ ھەپتە ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن 150 يۈەن كۆپ كىرىم قىلدىم.         
 جۇ جيەنخۇا بىلەن مەستۈرەئاي بۇلتۇر قوشماقلىشىپ تۇققان بولغانىدى. جۇ جيەنخۇا تۇققىنى مەستۈرەئاينىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن شۇ جايدىكى بازارلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇنىڭغا بىر تورت دۇكىنى ئېچىش تەكلىپىنى بەردى ھەمدە ئۇنى تورت پىشۇرۇشنى ئۆگىنىشكە تونۇشتۇردى. مەستۈرەئاي ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ تورت دۇكىنىنى ئېچىپ، ئايدا مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. جۇ جيەنخۇا مۇنداق دېدى: تۇققىنىمنىڭ سودىسىنىڭ تەدرىجىي روناق تېپىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن ۋاقتىم بولسىلا ئۇنىڭ تورت دۇكىنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەملىشىمەن. 
2016- يىلى 10- ئايدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇنىڭغا ئوخشاش ھېكايىلەر تيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك يۈز بەرمەكتە. ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى قاتارلىق جايلاردىكى 1 مىليون 120 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق رايونلىرى، ئاساسىي قاتلام مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، 1 مىليون 690 مىڭ ئائىلىلىك ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. ئۇلار قوشماقلاشقان ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.
ئاپتونوم رايون بۇلتۇر 12- ئايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى. كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر قوشماقلاشقان تۇغقانلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە تاماق يەپ، كاڭدا يېتىپ، ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملەشتى. ئۇلار ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش جەريانىدا تېخىمۇ يېقىن بولۇپ كەتتى. قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ تاشمىلىق يېزىسى ئەسكە كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق نۇرگۈل تەققەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان قوشماقلاشقان تۇققىنى-- ئاپتونوم رايونلۇق ئۆلچەش- سىزىش- جۇغراپىيە ئۇچۇرچىلىق ئىدارىسىدىكى كادىر بۇ ۋېنتىڭ بىلەن مۇشۇ ئاينىڭ 7- كۈنى كۆرۈشتى. بۇ كۈننىڭ سىڭلىسى بۇ ۋېنتىڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ كەلگەن نۇرگۈل بىر ئۈستەل قورۇما تەييارلىدى ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن تورت سېتىۋالدى. نۇرگۈل مۇنداق دېدى: بىز بىللە تاماق ئېتىپ، بىرگە يېدۇق. مەن ئۇنىڭدىن تېخى بىر نەچچە خىل قورۇما قورۇشنى ئۆگىنىۋالدىم. بۇ ۋېنتىڭ سىڭلىم دائىم كېلىپ بىزنى يوقلاپ تۇرىۋاتىدۇ، بىز ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمىز.
بۇ ۋېنتىڭ تۇققىنىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ بەكلا تەسىرلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈمنى كەنتتە ئۆتكۈزدۈم. تۇغۇلغان كۈنۈمنى كەنتتىكىلەر ھەمدە تۇققىنىم بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈپ بەكلا خۇشال بولدۇم. بىز قوشماقلىشىپ تۇققان بولغانكەنمىز، مەڭگۈ قەلبداش بولۇپ، مۇشۇنداق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىشىمىز كېرەك.   
  بۇ يىل 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر 49 مىليون قېتىمدىن كۆپرەك ئائىلىنى زىيارەت قىلدى، 8 مىليون قېتىمدىن كۆپرەك ئائىلىگە بېرىپ، ئۇلار بىلەن بىللە تاماق يەپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئەمگەك قىلدى ھەمدە بىللە ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تەشۋىق- تەربىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ باۋچۈەن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇقىملىقنى قوغداش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قوشماقلىشىپ تۇققان بولۇش، زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، كۆپ پائالىيەت قىلىش، ھەقىقىي ياردەم بېرىش، ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت «ئالتە ۋاستە» ئارقىلىق پائالىيەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، چوڭقۇرلىشىشى، ئەل قەلبىگە ئورنىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ مۇجەسسەملەيمىز.  

 تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى