قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گاۋ فېڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بۇرچىنى ھەر ۋاقىت ئىسىدە چىڭ ساقلاپ، سېختىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كارخانىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى

2018-11-14 12:27:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
شىنجاڭ «جۇڭتەي» خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى فۇكاڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى چەكلىك شىركىتى رېمونت سېخىنىڭ مۇدىرى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گاۋ فېڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بۇرچىنى ھەر ۋاقىت ئىسىدە چىڭ ساقلاپ، سېختىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، رېمونت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كارخانىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
شىنجاڭ «جۇڭتەي» خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى فۇكاڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى چەكلىك شىركىتىدە، گاۋ فېڭ ئەتتىگەندىلا رېمونتچىلارنى باشلاپ ھەر قايسى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىغا بېرىپ، زاپچاسلارنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلى تەكشۈردى، سانلىق مەلۇماتلارنى ماسلاشتۇردى...... ئۈسكۈنىدە كاشىلا كۆرۈلسە، دەرھال رېمونت قىلىشقا تەشكىللىدى. گاۋ فېڭ مۇنداق دېدى: بىز ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دوختۇرلارنىڭ كېسەللەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە ئوخشاش ھەر بىر خىزمەتكە كىرىشىشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە. ئۈسكۈنىلەرنىڭ تولۇق ئايلىنىشى-- پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنىڭ بىخەتەر ۋە مۇقىم ئايلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك.
رېمونتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رېمونت قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق ئىگىلەش-- مۇھىم ھالقا. گاۋ فېڭ 2012- يىلى شىركەتنىڭ رېمونت سېخىغا كەلگەندە، سېختا 127 ئىشچى- خىزمەتچى بارلىقى، ئەمما تەجرىبىسى مول پېشقەدەم ئىشچى- خىزمەتچىلەر سانىنىڭ 30 غىمۇ يەتمەيدىغانلىقى، باشقا ئىشچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پىراكتىكانت ئىشچىلار ئىكەنلىكىنى بايقىدى. بۇنىڭ بىلەن، گاۋ فېڭ 9 نەپەر پارتىيە ئەزاسى ۋە باشقا پېشقەدەم ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ، بىر ئۇستام ئۈچ شاگىرت يېتەكلەيدىغان «1+3» گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، رېمونت تېخنىكىسىنى قولمۇ- قول ئۆگىتىپ، يېڭى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تېزدىن ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولدى. رىمونت سېخىنىڭ ئىشچىسى ليۇ لىيبىڭ مۇنداق دېدى: بىز سېخقا كىرىپلا تۇنجى قېتىملىق ئېكەكلەپ سەپلەش مۇسابىقىسىغا قاتناشتۇق. دەسلەپتە، ئىكەك يۈزىنىڭ پاكىزلىق دەرىجىسى ئۆلچەمگە يەتمىدى. ئۇستامنىڭ 3 ئاي يىتەكچىلىك قىلىشى بىلەن، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ماھارىتىم تېز ئۆستى. بۇ يىل 7- ئايدا، بىز مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتۇق.
خىزمەتچى ئابدۇسەمى ئۇستىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تېز ئۆسۈپ يېتىلدى. ھازىر، ئۇ سېختىكى غوللۇق تېخنىك خادىم بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ «سېلىسارلىق ئۇستىسى ئىشخانىسى» نى قۇردى. ئابدۇسەمى مۇنداق دېدى: مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم، ئاندىن سېخلار ئارا ھەمكارلىشىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى تەتقىق قىلىپ چىقتۇق، نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇ نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى گاۋ مۇدىرنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدىن بولدى. ئۇ چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ناھايىتى ئەستايىدىل. ئۇنىڭغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
گاۋ فېڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولى ۋە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتلىرىمىزدە ئۆگىنىش، يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىشكە ياردەم بېرىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، تېخنىكىمىزنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ۋە پۇختىلاپ، تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى