قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قۇمۇل مۇقامى-- ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولدى

2018-11-14 12:45:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
قۇمۇل مۇقامىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى مۇقامنىڭ مۇكەممەل ئەسلىي ئاھاڭدىكى ئويۇنىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە مۇقام سەنئىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرى كۈچىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇردى.
 قۇمۇل مۇقامىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىگە كىرگەندە، مۇقام سەنئەتكارلىرى چىرايلىق مىللىي كىيىملەرنى كىيىپ، داپ، غىجەك، راۋاپلارنى چېلىپ، ساياھەتچىلەرنى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلاتتى. شەرقىي شىمال رايونىدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ شىنچېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا، بولۇپمۇ قۇمۇلغا كەلگەندىن كېيىن، ئون ئىككى مۇقامنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، ناھايىتى يېقىملىق ھېس قىلدىم.
مۇقام سەنئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، 2009- يىلى9- ئاينىڭ25- كۈنى، قۇمۇل مۇقامىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى رەسمىي ئېچىلدى. بۇ مەرگەز چەت- ياقا يېزىلارغا تارقالغان مۇقام سەنئەتكارلىرىنى تەكلىپ قىلدى ھەمدە جەمئىيەتتىن بۇ قەدىمىي سەنئەتنى ياخشى كۆرىدىغان ياشلارنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارنى كەسپىي سەھنە بىلەن تەمىنلىدى. قۇمۇل مۇقامىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى سەمەت ئەسرا مۇنداق دېدى: مۇقامنى ئەسلىدىنلا خەلق ئىجاد قىلغان بولۇپ، شاگىرتلار ئۇستازىغا ئەگىشىپ ئۆگەنگەن. خەلق ئارىسىدا ھەقىقىي قوغداشنى قانداق قىلغاندا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ يىللاردا بىز نۇرغۇن ياش ۋارىسلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتۇق. ھازىر ھەر بىر يېزىدا 20دىن 30 غىچە ۋارىسلىق قىلغۇچى بار.
ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تەسىراتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل 8- ئايدا قۇمۇل مۇقامىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى بىلەن قۇمۇل شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكى بىرلىشىپ، ناخشا-ئۇسسۇل ئارتىسلىرىنى ئەسلىدىكى 4 تىن 50 كە كۆپەيتتى ھەمدە چالغۇلارنى سەپلەپ، سەھنە ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. خېنەنلىك ساياھەتچى ياڭ مىن مۇنداق دېدى: ئارتىسلارنىڭ كىيىم-كېچەك، ناخشا- ئۇسسۇللىرىنىڭ ھەممىسى مېنى بەكمۇ جەلپ قىلدى. سەھنە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، بەكمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم.
ھازىرغىچە، قۇمۇل مۇقامىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى 200 مىڭغا يېقىن جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىنى كۈتىۋالدى. قۇمۇل مۇقامىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پامىر تاش مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، سەھنىنى ئەڭ زامانىۋى قىلىپ ياسايمىز، ئاندىن كۆرگەزمە زالىدىكى مەزمۇنلارنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئويۇن قويۇش سەۋىيەرىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دوستلارنىڭ قۇمۇلنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ- ئادىتىنى كۆرۈشى، قۇمۇلنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىمىز.
  تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى