قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۇنيانىڭ ئۇ چېتى ئەمدى يىراق ئەمەس

2018-11-14 17:00:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇرۇن، «يىراق سەپەرگە چىقىش» دېگەن سۆز مېنىڭ دائىم ئىشلىتىدىغان سۆزلۈك جەدۋىلى ئىچىدە يوق ئىدى. تۇرمۇش چاقى كۈندە ئايلىنىدۇ، چاقتىكى سىزىقچىلار مۇقىم، بېسىپ ئۆتكەن يوللار ناھايىتى ئاددى. بوۋا- مومىلىرىمنىڭ ئۆيى، مەكتەپ گۇيلىن شەھىرىدە بولۇپ، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرسا كۆپ بولغاندا ئىككى بېكەت كېلەتتى. بۇنىڭدىن باشقا بارلىق يەر ناملىرىنىڭ ھەممىسى «يىراق» ھىساپلىناتتى. مەسىلەن: رادىيودا ئاڭلىغان «نەننىڭ»، يەنە مەسىلەن: بوۋام تىلغا ئالغان «يۇرتى يۇڭدىڭ» ۋە «دادام ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان گۇاڭجۇ» ....... بۇ جايلار بىر- بىرىدىن يىراق بولۇپ، ھېكايىنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىدە ياكى خەرىتىنىڭ مەلۇم بىر نۇقتىسىدا توختاپ قالغان، مەڭگۈ يېتىپ بارغىلى بولمايدىغاندەك بىلىنەتتى.
بۇ ئىشلار 1978-يىلى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىن باشلاپ ئۆزگەردى. يېڭى ئېلېمېنتلار تەرەپ- تەرەپتىن قوشۇلۇپ، مۇزلار ئېرىپ، ھەممە مەۋجۇداتلار ئويغىنىپ، ئېتىزلار ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، «يىراق سەپەرگە چىقىش» ئەمەلىي ئىشقا ئايلاندى.
باشتا بوۋام «يۇرتى يۇڭدىڭ» غا قايتىپ كەتتى. بوۋامنىڭ يۇرتى غەربىي فۇجيەن تاغلىق رايونىدا ئىدى. بوۋام نۇرغۇن قېتىم يۇرتىغا بېرىش ئۈچۈن گۇيلىندىن پويىزغا ئولتۇرۇپ ئاۋۋال جياڭشىنىڭ يىڭتەنگە بېرىپ، ئاندىن كېيىن پويىز ئالمىشىپ فۇجيەننىڭ لوڭيەن شەھىرىگە بارىدىغانلىقى، ئاندىن ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ يۇڭدىڭ ناھىيە بازىرىغا بېرىپ، نەچچە ئون چاقىرىم تاغ يولىنى بېسىپ يېزىغا بارىدىغانلىقىنى نەچچە قېتىم ئېيتقان ئىدى. پۈتۈن سەپەرگە ئىككى كۈن كېتەمدۇ ياكى ئۈچ كۈنمۇ بىلمىدىم، پەقەت بوۋامنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىگە بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت كەتكەن ئىدى. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆيدىكىلەر مېنى ئۇدا بىر نەچچە قېتىم يۇڭدىڭغا ئاپىرىپ قويۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى، ئەمما سەپەر بەك ئۇزۇن، بەك مۇرەككەپ بولغاچقا، بۇ گەپ شۇ يەردىلا قالدى.
گەرچە يۇرتۇمغا قايتالمىغان بولساممۇ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۆزۈممۇ «يىراق سەپەرگە» چىقىپ، شەھەردىن «ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى» نەننىڭغا مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتىلدىم. ئەينى چاغدىكى گۇيلىن جەنۇبىي ۋوگزالىدا پويىزغا چىقتۇق، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىدىن باشقا ساۋاقداشلارنىڭ تۇنجى قېتىم پويىزغا ئولتۇرۇشى ئىدى. گۈدۈك چېلىنىشى بىلەن پاراۋۇز  ئىس- تۈتەك چىقىرىپ، يېشىل رەڭلىك ۋاگوننى سۆرەپ، چەكسىز دالادىكى سانسىزلىغان تاغ چوققىلىرىدىكى ئۆيلەرنى كەينىدە قالدۇرۇپ، 400 كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى 11 سائەتتە بېسىپ بولدى. ئورۇندۇقنىڭ يېنىدىكى دېرىزىنى بىردەم ئېچىپ، بىر دەم يېپىپ، ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلىپ، ھەممە نەرسىگە قىزىقىپ قارايتتۇق، يول بويى بەك ھاياجانلىنىپ كەتتۇق.
1982- يىلى ئاتا- ئانام سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سەۋەبىدىن گۇاڭشى داشۆسىگە يۆتكىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى، ئىككى يىلدىن كېيىن مېنى نەننىڭغا ئاپىرىپ ئوقۇتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر يىللىق قىشلىق، يازلىق تەتىلدە نەننىڭ بىلەن گۇيلىن ئارىلىقىدىكى پويىزدا بېرىپ- كېلىپ، تاغ- داۋانلاردىن ئاشتىم، پويىز ئادەتتىكى تېز پويىزدىن ئالاھىدە تېز پويىزغا ئالمىشىپ، ئون بىر سائەتتىن توققۇز سائەتكە قىسقاردى.
مەيلى قايسى تەرەپكە ماڭمايلى، ھەممىسى «ئۆيگە قايتىش» بولۇپ، «يىراق سەپەرگە چىقىش» ھېسابلانمايدىغان بولدى.
ھاياتلىق يولۇمدىكى ئەڭ ھالقىلىق پەيتكە ئايلانغان ئۇ يىلىدىكى قىش ئانچە سوغۇق ئەمەس ئىدى. دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن، ئاخىرى چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا، يات يۇرتلاردا ئارزۇ ئىزدەشكە ئاتلاندىم، دادام ماڭا ھەمراھ بولۇپ گۇيلىندىن شاڭخەيگە بارىدىغان پويىزغا چىقتى. ئۇزاتقىلى كەلگەن دوست- بۇرادەرلەر بېكەت سۇپىسىغا لىق تولدى. ئۇلار مەن بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلىشىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ھەممە ئىشتا ئېھتىيات قىلىش كېرەكلىكىنى تاپىلىدى، مەن «خوش» دېيىشكە جۈرەت قىلالمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. چۈنكى، مەن بۇ قېتىم كەتسەم يەنە قاچان كۆرۈشەلەيدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم.
شۇ چاغدا كېڭەيتىپ قۇرۇلۇۋاتقان خۇڭچياۋ ئايرودرومىدىن ئۇچۇپ، يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ، تېخىمۇ يىراققا، يەر شارىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى «يىراق» جايغا باردىم. ئۇ چاغدا ئايروپىلان ئالياسكادا توختاپ ماي قاچىلىغاندىلا، ئاندىن بىپايان تىنچ ئوكياندىن ئۇچۇپ ئۆتەلەيتتى، پۈتۈن سەپەرگە 20 نەچچە سائەت كېتەتتى. يات ئەلگە بارغاندا، تەمتىرەپ ئىككى تەرىپىمگە قاراپلا قالدىم. ھەممىنى باشتىن باشلاپ ئۆگىنىش كېرەك ئىدى. گەپ قىلىشنى، ئاپتوموبىل ھەيدەشنى، تەخسە كۆتۈرۈپ ئىشلەشنى، تاماق ئېتىشنى ئۆگەندىم، يەھۇدىي خەنكېن موماي بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سودا قىلىشنى بىلدىم، دۆلەت ئىچىدىن تىۋىتلىق پوپايكا ئەكەلدۈرۈپ ساتتىم.
دەسلەپتە ھەقىقەتەن ئاسان توختىمىدى، نۇرغۇن ئىنچىكە ھالقىلار، نۇرغۇن توسالغۇلار بار ئىدى، ھەر بىر زاكاز تالونىدا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر كېلىپ چىقاتتى. ئېكىسپورت قىلىپ تاشقى پېرېۋوت تېپىش ئۈچۈن، دۆلەت ئىچىدىكى زاۋۇتلار ناھايىتى چىداملىق، ناھايىتى سەۋرچان بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشاتتى. ئەۋرىشكە لاياقەتلىك بولماي قالسا، قايتا- قايتا تەڭشەيتتى، توقۇش ھۈنەر- سەنئىتىنى قايتا- قايتا تەڭشەپ، پاراخوتقا ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن پۈتۈن زاۋۇتتىكى يۇقىرى- تۆۋەن ھەممەيلەن كېچىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيتتى. ... ئۇنداق خىزمەت پوزىتسىيىسى ۋە ئۈنۈمى ھەر ۋاقىت خەنكېن موماينى ھەيران قالدۇراتتى.
ئۇ يۇمشاق، يېنىك ۋە نەپىس توقۇلغان يۇڭ پوپايكىنى قولىغا ئالغىنىدا، ھەيران قېلىش بىلەن بىرگە، ئۇ يەرنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك قاقاس ئەمەسلىكىنى، ھاياتىي كۈچكە تولغان، چەكسىز سودا پۇرسىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ مېنى ۋەتەنگە ئاپىرىپ قويۇشنى قارار قىلدى.
1995- يىلى باھاردا مەن نيۇيوركتىن شياڭگاڭغا بىۋاسىتە ئۇچۇپ، ئاندىن گۇاڭجۇغا كېلىپ، 77- نۆۋەتلىك ئەتىياز پەسىللىك «گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى» گە قاتناشتىم. ئۇ چاغدىكى گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى گۈل شەھىرىدىكى ئەڭ كاتتا بايرام ئىدى. كۆرگەزمە سارىيىنىڭ سىرتىدا، ئۇششاق يېمەكلىك ساتىدىغان يايمىچىلار ۋە يايما ئورنىدىكى سېرىق كالا گۆشى ساتىدىغان ئاۋازلار ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ تەرجىمان بولۇش پۇرسىتىنى ئىزدەيتتى. يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانسارايلاردىمۇ قاچىلىق تاماق سېتىلىشقا باشلىغان ئىدى. شۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە سودا پۈتۈشۈش سوممىسى 10 مىليارد دوللارغا يەتتى. دۇنيادىكى سودىگەرلەر ئەرزان باھالىق «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى» نى كۆزلەپ ئارقا- ئارقىدىن كەلگىنىدە، نۇرغۇن جۇڭگو كارخانىلىرى دۇنيانىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك كەسىپ زەنجىرىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەش سېخى ئورنى بىلەن قانائەتلىنىپ قالمىدى. بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە نۇقتىلىق كۆرگەزمە رايونى، 200 دىن ئارتۇق كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەممىسى قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق، ئەلا، يېڭى كۇرسلۇق مەھسۇلاتلار ئىدى. بۇ يەردە، مەن تۇنجى قېتىم «ئوردوس» ماركىلىق يۇڭ پوپايكىنى كۆردۈم، پاسونىدىن توقۇلۇش ھۈنەر- سەنئىتىگىچە يۇقۇرى سەۋىيەگە ئىگە ئىدى. «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى» بۇنىڭدىن كېيىن نوقۇل ھالدا ئەرزان باھالىق ساھىلغا تايىنىپلا قالماي، خەلقارا بازاردىكى «جۇڭگو ئەقلىي ياسىمىچىلىقى» ۋە «جۇڭگو ئىجادىيىتى» بولۇپ باش كۆرۈنۈشكە باشلىغان ئىدى.
گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەن گۇيلىنغا قايتىپ كەلدىم. ئاكام قولىغا خىش پارچىسى چوڭلۇقىدىكى «داگېدا» نى كۆتۈرۈپ، ئىدارىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئارىيەتكە ئېلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئېلىپ، ھەيۋەت بىلەن ئالدىمغا چىقتى. مەن ئەتىۋارلىق ئادەم بولۇپ قالدىم، مومام ماڭا سىنچىلاپ قارايتتى، تاغاملار «بۈگۈن نىمە يىگۈڭ بار» دەپ توختىماي سورايتتى. مەن ئېلىپ كەتكەن نەرسىلەرمۇ ئاز ئۇچرايدىغان نەرسىلەر ئىدى، ئاچا- سىڭىللىرىم يۈك- تاق ساندۇقۇمنى بىر- بىرلەپ كۆزدىن كەچۈردى.
لېكىن، مەن يەنىلا قايتمىسام بولمايتتى. بۇ قېتىم مېنى ۋوگزالدا ئەمەس، ئايرودۇرۇمنىڭ كۈتۈش زالىدا ئۇزىتىپ قويدى. ئۇزاتقۇچىلار يەنىلا نەچچە ئون ئادەم ئىدى. مەن قاتتىق يامغۇردا ئايروپىلانغا قاراپ كېتىۋېتىپ، يىغلاپ بېشىمنى كۆتۈرەلمىدىم. چۈنكى، كېلەر قېتىم قاچان قايتىپ كېلىشىمنى بىلمەيتتىم.
مېنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچۈم سەل ئاجىز ئىدى. شۇڭا، ماڭا ئوخشاش چەتئەللەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ يۇرتىدىكى قېرىنداشلارنى كۆرەلمەسلىكتەك ئەندىشىسىنىڭ يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە، تېزلا غايىپ بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتمىگەن ئىكەنمەن. ئاۋۋال كۆپ قىسىم دۆلەت ئىچىدىكى ئائىلىكلەردە تېلېفونى بار بولدى، خەلقارا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققىمۇ ھەقىقەتەن ئەرزان، ئالاقىلىشىشقا قولايلىق بولدى، تاغ- دەريالار ئادەمنى توسۇپ قالالمايدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، مەكتەپتىكى جۇڭگولۇق ساۋاقداشلار بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر تۈرلۈك پائالىيەت كۆپەيدى. يەنى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەنگە ئۇزىتىپ قويۇش ئىدى. «دۆلەت ئىچى پۇرسىتى» ۋە «ئامېرىكىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش» ئوتتۇرسىدىكى سېلىشتۇرما ناھايىتى تېزلا بىزگە ئوخشاش، ماگىستىر، دوكتور ئاسپىرانتلار ئارىسىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
چەتئەلدە ئوقۇپ، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىۋاتقانلار ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىۋاتقان پەيتتە، جۇڭگونىڭ تېز سۈرەتتە ئېشىۋاتقان ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىمۇ دۇنياغا قايتىدىن «جۇڭگو» ئوبرازى توغرىسىدا تەبىر بەردى. 2004- يىلى مەن سان پېتىر داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ مەكتەپنىڭ كىلاسسىك ۋە ھازىرقى زامان تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسلىكىنى تەسىس قىلىشقا مەسۇل بولدۇم. ئالىي مەكتەپتىكى مۇنبەردە، تېرە رەڭگى ھەر خىل بولغان چىرايلارغا قاراپ، خەنزۇچە يېزىق قۇرۇلمىسىنى چۈشەندۈرۈپ، لى بەينىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شېئىرلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتىم؛ برودۋېينىڭ تىياتىرخانىسى، كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدا «گۇاڭجۇ 13 بانكىسى» نىڭ بىرلەشمە كېپىللىك كونا قائىدىسى ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئەنخۈي سودىگەرلىرىنىڭ «جاھاننى تۇتاشتۇرۇش» غايىسى سۆزلىنىۋاتاتتى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بەش مىڭ يىللىق تىنچ ھەم چوڭقۇر ئېقىنى مېنىڭ يات ئەلدە كۈن كەچۈرۈشىمنىڭ تايانچىسىغا ئايلانغان ئىدى. تىنچ ئوكياننىڭ سۈيى يەنىلا چەكسىز، ئەمما ئۆيگە قايتىدىغان يول تېز سۈرەتتە قىسقىراۋاتاتتى. ئىلگىرى ۋاڭ بونىڭ شېئىرىدىكى «جاھاننىڭ چېتى بىلەن قوشنا بولسام دەيمەن» دېگەن مىسرالىرىنى ئوقۇغىنىمىدا ۋاڭ بونىڭ كۆڭلى- كۆكسى كەڭ، جاسارىتى كۈچلۈك ئىكەن، جاھاننىڭ چېتى دېگەن ھامان جاھاننىڭ چېتىدە، شۇنچە يىراق يەر قانداق بولۇپ قوشنا بولالايدۇ، دەپ ئويلايتتىم.
لېكىن، ھازىر دۇنيانىڭ ئۇ چېتى راستتىنلا قوشنا بولۇپ قالدى. جۇڭگو- ئامېرىكا ئارىسىدىكى مەدەنىيەت، مائارىپ ساھەسىدىكى ئالاقىنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىشى، بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ۋەتەنگە قايتىش پۇرسىتىم بارغانسېرى كۆپەيدى. كۆپلىكىدىن ھەتتا يۇرتقا بولغان سېغىنىش ھىسسياتىممۇ سۇسلاپ قالدى. ئەينى يىللاردىكى ۋوگزال سۇپىسى، ئايرودروم كۈتۈش زالىدىكى ھەيۋەتلىك ئۇزىتىش قوشۇنىمۇ يوق بولدى. ئاچا ـ سىڭىللار ئۇزۇن دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، «ماڭىمەن دەپلا» سەپەرگە چىقالايدۇ. دۆلەت ئىچى- سىرتىدا، تاغ- دەريالارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، كۆپنى كۆرەلەيدىغان بولدى. ۋەتەنگە قايتىدىغان چاغدىكى يۈك- تاقىلىرىمغىمۇ ئانچە قىزىقمايدىغان بولۇپ قالدى.
ۋەتەنگە قايتىش ماڭا نىسبەتەن ئەمدى، ئۆزۈم يالغۇز ئۇياق- بۇياققا ئۇچۇپ يۈرۈش ئەمەس بولۇپ قالدى. يېڭى جېرسېي ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ھەمراھ بولۇپ شاڭخەيگە بېرىپ، جىياڭسۇ، جېجياڭ ئەتراپىنى كېزىپ چىقىمەن؛ كالىفورنىيە يېزا ئىگىلىك جەمىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئېلىپ، گۇاڭدۇڭغا، فۇجيەنگە بارىمەن.......«ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون» روشەن بولغان رايون ئايرىمىسىنى بارا- بارا غۇۋالاشتۇردى، ھەممە يەر تەرەققىي قىلدى، ھەممە يەر تەرەققىي قىلالايدىغان بولدى. «ئەركىن سودا رايونى»، «باج كەچۈرۈم قىلىش پورتى» چەت ئەل مەبلىغى ئۈچۈن، بارغانسېرى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى. بالىلارنى ئېلىپ گۇيلىن، نەننىڭغا قايتىش ئۈچۈن، يۇقىرى سۈرەتلىك پويىزدا تۆت سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ. ھەتتا ئۇلارنى غەربىي فۇجيەن تاغلىق رايونلىرىدىكى «دۇنيا ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» نىڭ يۇڭدىڭ كېسەك بىناسىغا ئاپىرىپ كېلىشمۇ ئادەتتىكى ئىشلارغا ئايلاندى. ئىككىنچى دەرىجىلىك تاشيوللار بىزنىڭ ئۆيدىكى كىچىك ئېرىق بويىغا قەدەر تۇتاشتۇرۇلغان ئىدى.
ئەنگلىيەلىك داڭلىق ئالىم مارتىن ياكېنىڭ كۆپ يىللار ئىلگىرىكى «21- ئەسىر جۇڭگونىڭ 1978- يىلىدىن باشلانغان»  دىگەن بۇ ھۆكۈمى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. مېنىڭ پۇتۇمنىڭ ئاستىدىكى ھايات سەپىرىم جۇڭگونىڭ 1978- يىلىدىن باشلانغان ئىدى. 40 يىلدىن بۇيان، سان- ساناقسىز چوڭ ۋەقەلەر، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن ھاياتلىق، مىليونلىغان جۇڭگولۇقنىڭ شەخسىي تۇرمۇش يولىنى يىراقلارغا تۇتاشتۇردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش، جۇڭگو غايەت زور ئىقتىسادىي گەۋدىسىنىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنى نامايان قىلدى.
بارلىق «يىراق» لىقتىن ئىبارەت زامان- ماكان ئۇقۇمى قىسقارتىلغاندا، ئامېرىكا ژۇرنىلى خەنزۇچە- ئىنگلىزچە يېزىقتا «جۇڭگو غەلبە قىلدى» دېگەن ماختاشنى چىقارغاندا، يەندى- خۇاڭدى ئەۋلادلىرىنىڭ مەيلى قەيەردە بولۇشىدىن قەتىينەزەر، ئانا يۇرتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مەڭگۈ يىراق بولمايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى