قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەمبەغەل

2018-11-14 17:05:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بېلىقچىنىڭ ئايالى سانا مەشنىڭ يېنىدا بىر پارچە يىرتىق يەلكەننى ياماپ ئولتۇراتتى. سىرتتا سوغۇق شامال ھۇشقىتىپ دېڭىز دولقۇنلىرى قىرغاققا زەربە بىلەن ئۇرۇلۇپ، بۇژغۇنلارنى چاچرىتاتتى. دېڭىزدا بوران چىقىۋاتقان بولۇپ، ئەتراپ ھەم قاراڭغۇ ھەم سوغۇق بولسىمۇ، بۇ بېلىقچىنىڭ ئۆيى ھەم ئىسسىق ھەم راھەت ئىدى، ئۆي ئىچى پاكىزە سۈپۈرۈلگەن، مەشتە ئوت كۆيۈۋاتقان، چىنە- قاچىلار پارقىراپ تۇرغان بولۇپ، ئاق رەختتىن چىمىلدىق تارتىلغان كارىۋاتتا بەش بالا دېڭىزدىكى بوران- چاپقۇندىن خالىي ھالدا تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇنىڭ يولدىشى سەھەردە كېمە بىلەن دېڭىزغا چىقىپ كەتكىنىچە، تېخىچە قايتىپ كەلمىگەن ئىدى. دېڭىزنىڭ شىددەتلىك دولقۇن ئاۋازى ۋە دەھشەتلىك بوراننىڭ ھۆركىرىشىدىن، سانانىڭ ئىچىگە ئاللاقانداق قورقۇنچلار كىرىۋالغان ئىدى.
كونا سائەت 10 غا، 11 گە داڭ ئۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ يولدىشى تېخىچە قايتىپ كەلمەيۋاتاتتى. سانا چوڭقۇر ئويغا پاتتى: «يولدىشى ئۆزىنى ئويلىماستىن، قەھرىتان سوغۇق ۋە بوران- چاپقۇنغا قارىماي بېلىق تۇتقىلى چىقىپ كېتەتتى. ئۆزىمۇ ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۆينىڭ تۈگىمەس ئىشلىرى بىلەن بەنت بولۇپ، ئۆزىنى زورلاپ يۈرۈپ قورسىىقىنى تويغۇزاتتى. بالىلىرنىڭ كىيگۈدەك ئايىقىمۇ بولمىغاچقا، قىش- ياز يالىڭاياق ئويناپ يۈرىشەتتى. ئۇلارنىڭ يەيدىغىنى قارا بولكا، سەينىڭ ئورنىدا يەيدىغىنى پەقەت بېلىق. بىراق، شۈكرى، بالىللىرى يەنىلا ساغلام ئۆسىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇ ھېچنىمىدىن زارلىنىپ باقمىدى.
 سانا بوراننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ: «ئۇ ھازىر نەدىدۇ؟ تەڭرىم ئۇنى ئۆزۈڭ ساقلىغايسەن، ئۆزۈڭ قۇتقۇزغديسە ھەم ئۆز ھىممىتىڭگە ئالغايسە» دەپ ئۆز- ئۆزىگە پىچىرلايتتى.
ئۇنىڭ ئۇخلايدىغىنىغا بالدۇر ئىدى. ئۇ مۇنار ئۈستىدىكى چىراق ئۆچتىمۇ- يوق؟ يولدىشىنىڭ كېمىسىنى يىراقتىن كۆرگىلى بولمامدۇ- يوق؟ قاراپ باقماقچى بولۇپ، ئورنىدىن تۇردى- دە، قېلىن شارپىسىنى بېشىغا ئارتىپ، قولىغا كونا جىن چىراقنى ئېلىپ سىرتقا چىقتى. ئەمما، دېڭىز يۈزىدە ھېچنىمە كۆرۈنمەيتتى. بوران ئۇنىڭ شارپىلىرىنى ئۇيان-بۇيانغا ئۇچۇراتتى، سۇنۇپ كەتكەن بىر نەرسە، قوشنىسىنىڭ ئىشىكىگە تەگدى. شۇ چاغدىلا سانا  كېسەلچەن قوشنىسىنى كەچتە يوقلىماقچى بولغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى.
«ئۇنىڭ ھېچقانداق قارىغۇچىسى يوق!» دەپ ئويلىدى سانا قوشنىسىنىڭ ئىشىكىنى چەككەچ. ئۇ قولىقىنى ئىشىككە يېقىن ئەكىلىپ ئاڭلاپ بېقىۋىدى. ئۆي ئىچىدىن ھېچقانداق سادا كەلمىدى.
  -«تۇل ئايالنىڭ تۇرمۇشى ئەجەپمۇ تەسكەن!» دەپ ئويلىدى سانا ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ، «گەرچە جىق ئەمەس ئىككىلا بالىسى بولسىمۇ، ئەمما پۈتۈن يۈك ئۇنىڭ زىممىسىدە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزى يېقىندا كېسەل بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ تۇرمۇشى ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقتا، كىرىپ يوقلاپ چىقاي» سانا ئىشىكىنى قايتا- قايتا چەككەن بولسىمۇ، ھېچكىم ئىشىكنى ئاچمىدى.
- شىمىڭ!- سانا ئۈنلۈك ۋارقىرىدى ۋە «ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟» دەپ ئويلىدى- دە، ئىشىكىنى كۈچەپ ئىتتىرىپ ئاچتى.
ئۆيدىكى ئوچاققا ئوت قالانمىغان بولۇپ، ئۆي زەي ھەم سوغۇق ئىدى. سانا جىن چىرىقىنى يەنىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈپ، كېسەلچان ئايالنى ئىزدىدى. ئالدى بىلەن ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىغا قويۇلغان كارىۋاتقا قارىدى. كارىۋاتتا ئۇنىڭ ئايال قوشنىسى ئوڭدىسىغا تىپتىنىچ ھالەتتە ياتاتتى. سانا جىن چىراقنى ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنراق ئەكىلىپ قارىدى، ئۇ شىمىڭ ئىدى. ئۇنىڭ بېشى كەينىگە كەتكەن بولۇپ، مۇزدەك كۆكۈرۈپ كەتكەن چىرايىدىن جان ئۈزگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. تاتىرىپ كەتكەن، قېتىپ قالغان قولى خۇددى بىر نەرسىنى تۇتىۋالغاندەك شال پاخىلى ئۈستىدە ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدا بۈدرە چاچلىق، يۇمىلاق يۈزلۈك ئىككى كىچىك بالا تاتلىققىنە ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كونا كىيىم يېپىپ قويۇلغان بولۇپ، تۈگۈلۈپ كەتكىنىدىن ئىككى سېرىق چاچلىق باش بىر- بىرىگە تىگىشىپ تۇراتتى، ئېنىقكى، جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ئانا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كىيمىنى يېپىپ، كونا ياغلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى ئوراپ قويغان ئىدى. بالىلار تەكشى، يەڭگىل نەپەس ئېلىپ ناھايىتى شېرىن ئۇخلاۋاتاتتى.
سانا ياغلىقى بىلەن ئۇخلاۋاتقان بالىلارنى ئوراپ ئالدى- دە، ئۆيىگە ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سالاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. ئەمما، مۇشۇنداق قىلماي بولمايتتى. ئۇ قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەن ئىككى قىزچاقنى بالىلىرى ياتقان كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇپ، يەنە ئالدىراپ- تېنەپ چىمىلدىقنى يېپىۋەتتى.
 سانانىڭ چىرايى تاتىرىپ، ناھايىتى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ دەككە- دۈككە ئىچىدە: «ئۇ نېمە دەر؟ بۇ بىر ئويۇنمىدۇ؟ ئۆزىنىڭ بەش بالىسىنى ئاران بېقىۋاتقان تۇرسا؟.... ئۇ كېلىپ قالسا نېمىمۇ دەر؟ ياق، ئۇ تېخى كەلمىدى. ئۇ نېمىشقا بۇ بالىلارنى ئېلىپ چىققاندۇ؟ ئەمدى ئۇ ئەيىپلەپ كېتەرمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، خوپ بوپتۇ، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ....» دەپ خىيال قىلاتتى.
 ئىشىك غىچ قىلىپ ئېچىلىپ، بىرى كىرىپ كەلدى. سانا ئەندىكىپ ئورۇندۇقتىن تۇردى.
 «ياق، ئادەم يوق! ئاھ...، مەن نېمىشقا بۇنداق قىلىمەن؟ ئەمدى ئۇنىڭغا قانداق دەيمەن؟». سانا چوڭقۇر ئويغا پېتىپ، كارىۋات ئالدىدا ئۇزۇنغىچە ئولتۇرۇپ قالدى.
ئىشىك تۇيۇقسىز ئېچىلىپ، دېڭىزنىڭ ساپ ھاۋاسى ئۆيگە كىردى. بەستلىك، ئۆڭى قارىراق بېلىقچى ھۆل بولۇپ، يىرتىلىپ كەتكەن كونا بېلىق تورىنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى- دە، «ھەي، مەن قايتىپ كەلدىم، سانا» دېدى.
  -ھە، سىزمۇ!- دەپ سانا ئورنىدىن تۇرغان بولسىمۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىيالمىدى.
  -قاراڭە، بۇنداق قاراڭغۇ كېچە، نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق!
  -شۇنداق، ھاۋا بەك ناچار، قانداق بېلىق تۇتالىدىڭىزمۇ؟- دەپ سورىدى سانا.
  - ياق، ھېچنىمە تۇتالمىغاننىڭ ئۈستىگە بېلىق تورىمۇ يىرتىلىپ كەتتى. بەكمۇ نەس باستى. ھاۋا دەھشەت سوغۇق. ئىلگىرىمۇ بۇنداق قاراڭغۇ كېچىلەر بولغانمۇ بىلەلمەي قالدىم. بۇ ھاۋادا قانداقمۇ بېلىقتىن ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن. ھېلىمۇ شۈكرى، ھەر ھالدا ھايات قايتىپ كېلەلىدىم. مەن يوق، سىز ئۆيدە نېمە ئىشلارنى قىلدىڭىز؟.
بېلىقچى شۇنداق دېگىنىچە، تورنى ئۆيگە سۆرەپ ئېلىپ كىرىپ، مەشنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردى.
  -مەن؟-سانانىڭ يۈزلىرى تېخىمۇ تاتىرىپ كەتتى،- مەن شۇ ياماقچىلىق قىلىپ ئولتۇردۇم، بوران ئادەمنى قورقۇتقىدەك ئاجايىپ قاتتىق چىقتى. سىزدىن بەك ئەنسىردىم- دېدى سانا.
  -شۇنداق، شۇنداق- دەپ پىچىرلىدى يولدىشى،- بۈگۈن جاننى ئالغۇدەكلا ھاۋا بولدى، لېكىن نېمە ئامال بار دەيسىز.
ئىككىيلەن بىردەم جىمجىتلىققا چۆمگەندىن كېيىن:
  -بىلەمسىز؟ خوشنىمىز شىمىڭ تۈگەپ قالدى،-دېدى سانا.
  -نېمە؟ قاچان؟
  -مەنمۇ بىلمىدىم، قارىغاندا تۈنۈگۈن ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈمى نېمىدىگەن ئېچىنىشلىق ھە! ئىككى بالا ئۇنىڭ يېنىدا يېتىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. ئۇلار تېخى كىچىك ئىدى، بىرىنىڭ تېخى تىلى چىقمىغان، بىرى ئەمدى ئۆمىلەيتتى- سانا شۇنداق دەپلا جىمىت كەتتى.
بېلىقچىنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ، چىرايى سۈرلۈك ھەم غەمكىن تۈسكە كىردى.
  -بۇ بىر مەسىلە بوپتۇ،- بېلىقچى شۇنداق دېگىنىچە بېشىنى تاتلاپ قويدى- دە يەنە:- سىزچە قانداق قىلساق بولار؟ ئۇلارنى ئېلىپ چىقىۋالايلى، مېيىت بىلەن بىللە ياتسا بولماس؟ بىز، بىز بەرداشلىق بېرەلەيمىز. تېز بېرىڭ، ئۇلار ئويغىنىپ كەتمىسۇن- دېدى.
ئەمما سانا شۇ ئولتۇرغىنىچە مىدىر- سىدىر قىلمايتتى.
  -نېمە بولدى سىزگە؟ خالىمايۋاتامسىز؟ نېمە بولدى سانا؟- دەپ سورىدى بېلىقچى.  -قاراڭ، ئۇلار بۇ يەردە،- دېدى سانا ۋە كارىۋاتنىڭ چىمىلدىقىنى ئاچتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى