قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

فېلىم ئارقىلىق ياش ماركىسنى تونۇش

2018-11-14 17:07:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋاڭ مياۋ

«رېمبراننىڭ كۈچلۈك تۈسى» ماركس بىلەن ئېنگېلس 1850- يىلى ھەمكارلىشىپ يازغان بىر پارچە ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويغان مەشھۇر تېما. ئۇ بالزاك رىئالىزىم بىلەن بىرلىكتە ماركس، ئېنگېلس، ئېستېتىكا ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت نەزەرىيەسىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ قالغان. ماركس تۇغۇلغىنىغا 200 يىل بولغان پەيتتە، «ياش ماركس» (ھايتىنىڭ رېژىسسورى خاۋۇپېك رېژىسسورلۇق قىلغان) ناملىق بۇ تەرجىمىھال فىلىم دۆلىتىمىزدە قويۇلۇپ، رېئالىزملىق تارىخىي چوڭقۇرلۇقى بىلەن «رېمبراننىڭ كۈچلۈك تۈسى» نى ئەمەلگە ئاشۇردى.
بۇ فىلىمدە ياش ماركسنىڭ جانلىق ئوبرازى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان ئىدى. ياش ماركس دەۋرىدىكى ياۋروپادا ئەركىن كاپىتالىزم، فېئودال كۈچلەر، ئىشچىلار ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ كۈرەش مىسلىسىز كەسكىنلىشىپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىملىرى ئەۋج ئالغان. بۇ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ياش ماركسنىڭ پائالىيىتى مول ۋە رەڭدار بولغان. ھالبۇكى، بۇ خىل تارىخىي مۇرەككەپلىك دەل فىلىم سەنئىتىنىڭ ئىپادىلىشىدىكى قىيىن نۇقتىنى شەكىللەندۈرگەن. رېژىسسور خاۋۇپېك ئۇلۇغ شەخسلەرنىڭ ئاددىي تۇرمۇش تەپسىلاتىنى تۇتۇپ، مەنىسى چوڭقۇر بولغان بۇ تەپسىلاتلارنى ئېكرانغا ئېلىپ چىقىپ، ئاندىن ياش ماركسنىڭ جانلىق ھېكايىسىگە ئايلاندۇرغان.
تارىخ رېئاللىقتىن توپلىنىدۇ. ھازىرقى زاماندا ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ماركس بىر ئابىدە، بىر يۈرۈش سىستېما، بىر ئېگىزلىك بولۇپ، مۇشۇنداق ئۇلۇغ شەخسنىڭ ياش دەۋرىنى تاماشىبىنلارغا نامايان قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ. بۇ فىلىمدە، خاۋۇپېك ياش ماركسنىڭ ھەقىقەتكە بولغان ئىنتىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دوستلۇق، ئائىلىگە بولغان ئۆزگىچە چۈشەنچىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «رېمبراننىڭ كۈچلۈك تۈسى» بىلەن بىر ياش ماركسنى ئىنچىكىلىك بىلەن سۈرەتلەپ بەرگەن. فىلىمدە، رېژىسسور ئېكراندىكى يورۇق ۋە قاراڭغۇ، يىراق- يېقىن سېلىشتۇرمىسى ئارقىلىق، ئۆگىنىشنى قىزغىن سۆيىدىغان، تەپەككۇر قىلىشنى قىزغىن سۆيىدىغان، ھېسسىياتقا تولغان ياش ماركسنى ياراتقان. مەسىلەن: ئېنگېلس ماركسنىڭ ماتېرىيالىزمغا بولغان تەتقىقاتى ناھايىتى چوڭقۇر دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيە كلاسسىك ئىقتىسادشۇناسلىقى توغرىسىدا بەزى كىتابلارنى ئوقۇشقا توغرا كەلگەندە، كامېرانى كۇتۇپخانىدا كىتاب ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرغان ماركىسقا توغۇرلىغان. ئۇنىڭ ئېنىق ھەم قەيسەر ئوبرازىنىڭ كەينىدە قاتار- قاتار كەتكەن غايەت زور كىتاب جازىسى بار. يەنە بىر كۆرۈنۈشتە، ماركسنىڭ قاراڭغۇ «رېين گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمىدە غەزەپ بىلەن ئۆزى يازغان بەزى مەسىلە توغرىسىدىكى قول يازمىلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
فىلىمدە دەل مۇشۇ «رېمبراننىڭ كۈچلۈك تۈسى» دە باي بەدىئىي كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق قىزغىن، قەيسەر، زوراۋاندىن قورقمايدىغان، ئەقىللىق، سەگەك ياش ماركسنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان. بۇ ئىككى خىل خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ماركستا سوقۇلۇش، قوشۇلۇش ئارقىلىق بۇ پېرسوناژ ئوبرازىنى بەدىئىي چىنلىققا ئىگە قىلغان.
بۇ فىلىمدە زىددىيەت- توقۇنۇشلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك پايدىلىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ياش ماركس بىلەن ئېنگېلسنىڭ دوستلۇقى ئەينەن سۈرەتلەپ بېرىلگەن. مەسىلەن: ماركس بىلەن ئېنگېلسنىڭ تۇنجى كۆرۈشۈشى، ئۇلۇغ دوستلۇقنىڭ ئىمزالىنىشى كىشىلەر ئويلىغاندەك ئوڭۇشلۇق بولمىغان. نامرات ماركس بىلەن باي ئېنگېلس كەسكىن تالاش- تارتىش ۋە مۇنازىرە ئارقىلىق ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرغان. مۇنازىرە ئارقىلىق، ئۇلار بىر- بىرىدىن ھوزۇرلانغان، خەلقئارا شاھمات تاختىسىدىكى كۈچ سىنىشىش ئارقىلىق، پەلسەپە مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. يەنە مەسىلەن: پرۇدون ئىشچىلارغا لېكسىيە سۆزلىگەندە، ماركس پەستە ئۇ تەشەببۇس قىلغان ھۆكۈمەتسىزلىك قاراشلىرىنى تەنقىد قىلغان ھەمدە بىر قاتار نەزەرىيىۋى مەسىلىلەر ئارقىلىق شۇ چاغدا شۆھرەت قازانغان بۇ فىرانسىيەلىك پەيلاسوپتىن ئاشكارا گۇمانلانغان. يەنە مەسىلەن: ئەنگلىيىدە، ياش ماركس بىلەن ئېنگېلس ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىللىرىگە تۇنجى قېتىم ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلغاندا، ماركس شۇ چاغدا خىيالىي سوتسىيالىزمنى تەشەببۇس قىلغان ۋېتېلىن بىلەن كەسكىن تالاش- تارتىش قىلغان. نەتىجىدە، ۋېيتىلىن نەق مەيداندىن ئايرىلغان. ماركس بىلەن ئېنگېلس بۇ ۋەقە ئۇلارنىڭ ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن دەپ قارىغان چاغدا، بۇ مەشھۇر ئىشچىلار تەشكىلاتى كەيپىياتى چۈشكۈن بۇ ئىككى ياشقا باغرىنى كەڭ ئاچقان، ھەمدە ئۇلاردىن بۇ تەشكىلاتنىڭ پىروگراممىسى ۋە خىتابنامىسىنى يېزىشنى تەلەپ قىلغان. فىلىمدە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ئېنگېلسنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلغان.
«رېمبراننىڭ كۈچلۈك تۈسى» ۋە رېئالىزملىق روھى «ياش ماركس» نىڭ تاماشىبىنلارغا يېقىنلىشىپ، كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئەڭگۈشتەر. بۇ بەدىئىي ئۇسۇل ئارقىلىق، خاۋۇپېك مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىر جانلىق، ھىسياتقا تولغان، زامانىۋى تۇيغۇغا ئىگە ياش ماركسنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماركسىزمنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى جانلىق شەرھلەپ بەردى.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى