قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر دېلولىرىنى تەپتىش قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ يەنيۈنىڭ ئاراپاتنىڭ پۇتبول ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكى

2018-11-14 17:24:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر دېلولىرىنى تەپتىش قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ يەنيۈ ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا «جىيەنى» ئاراپات ئەكبەرنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئۇ ئاراپات بىلەن ئالدىنقى ئايدا كۆرۈنمە چاستوتىدا سۆزلەشكەندىن بۇيان، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپلا يۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئاندىن خاتىرجەم بولدى.
ئىككى يىل ئىلگىرى، خۇاڭ يەنيۈ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، ئاراپاتنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن قوشماق تۇغقان بولدى.
8ياشلىق ئاراپاتنىڭ ئۆيى ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونىنىڭ چېنگۇاڭ مەھەللىسىدە ئىدى. دادىسى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلاتتى، ئاپىسى تەۋەلىك رايونىدا تازىلىق قىلاتتى. ئاراپات، ئاچىسى ھەمدە ئىنىسى ئۈچى مەكتەپتە ئوقۇيتتى. بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بىر قەدەر قېيىنچىلىقتا ئۆتەتتى.
ئاراپات خۇاڭ يەنيۈنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ تەپتىش ئاچىسى ناھايىتى يېقىملىق، يەنە نۇرغۇن قانۇن بىلىملىرىنى بىلەتتى. ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالاتتى.
خۇاڭ يەنيۈ بۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەن ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە ئۇلارغا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئالغاچ بارغاندىن سىرت، يەنە بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىپ، ئۇلارغا ئۆگىنىش بۇيۇملىرى ئېلىپ بېرەتتى.
خۇاڭ يەنيۈ بىر قېتىم ئاراپات بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئاراپاتنىڭ پۇتبول ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئاراپاتقا: «ئارزۇ بولسىلا ئۈمىد بولىدۇ، ياخشى ئۆگىنىڭ. ئارزۇيىڭىزنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېگەن ئىدى. ئاراپات بۇنىڭدىن غەيرەتكە كېلىپ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى.
كېيىن خۇاڭ يەنيۈ ئاراپاتقا يەنە ئىككى پۇتبول سوۋغا قىلدى. ئاراپات بىلەن ئىنىسى بۇ پۇتبولنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدى. ئۇلار بۇنى قولىدىن چۈشۈرمەي، ھەر كۈنى دەرس تەكرارلاپ بولغاندىن كېيىن بىردەم تېپىپ ئوينايتتى.
بۇ يىل 3- ئايدا، خۇاڭ يەنيۈ جېجياڭ ئۆلكىسى چاڭشىڭ ناھىيەسى ئۆسمۈرلەر ـ بالىلار دەرستىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ جۇڭگو ئۈرۈمچى SOS بالىلار كەنتىگە بېرىپ، تەنتەربىيەدە ئالاھىدىلىكى بار بالىلارنى تاللايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ خەۋەرنى دەرھال ئاراپاتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە يەتكۈزدى.
بۇ چاغدا، ئاراپات باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئاتا ـ ئانىسى ئۇنىڭ پۇتبول ئويناش جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بارلىقىنى بىلسىمۇ، ئەمما بالىنىڭ ئۆزى يالغۇز باشقا يەرگە بېرىپ ئوقۇشىنى ئويلاپ، سەل ئەنسىرەپ قالغان ئىدى.
خۇاڭ يەنيۈ ئاراپاتنىڭ ئۈمىدلىك كۆزلىرىگە قاراپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا خىزمەت ئىشلەپ « ئەگەر خالىساڭلار ئاراپات ئاۋۋال تېرىنىر بىلەن كۆرۈشۈپ باقسۇن. ئەگەر تاللىنىپ قالسا قالغان ئىشلارنى شۇ چاغدا مەسلىھەتلىشەرمىز» دېدى. ئاراپاتنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، خۇاڭ يەنيۈ ئۇنى باشلاپ بېرىپ تەنتەربىيە سىنىقىغا قاتناشتۇردى. ئويلىمىغان يەردىن ئاراپاتنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولۇپ تاللاندى.
ئاراپاتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇنىڭدىن خۇشال بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش خىراجىتى قاتارلىق مەسىلىلەردىن ئەنسىرەپ قالدى.
خۇاڭ يەنيۈ كۆپ تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، مەكتەپ ئاخىرىدا ئاراپاتنىڭ ئوقۇش خىراجىتى، ياتاق ھەققى ۋە بېرىپ ـ كېلىش يول ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشنى قارار قىلدى. مەكتەپتە مەخسۇس بىر ئوقۇتقۇچى بالىنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا مەسئۇل بولىدىغان، ئاتا ـ ئانىسى قەرەللىك كېلىپ بالىسىنى كۆرۈپ كەتسە بولىدىغان بولدى.
بۇنىڭ بىلەن ئاراپاتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر غەمدىن خالاس بولدى. 6- ئاينىڭ  30- كۈنى خۇاڭ يەنيۈ ئاراپات ۋە ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويماقچى بولغان دادىسىنى ئايرودرومغا ئاپىرىپ قويدى.
شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا، ئاراپات قەرەللىك يوسۇندا ترېنېرىنىڭ يان تېلېفونىدا خۇاڭ يەنيۈ بىلەن كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق سۆزلىشىپ تۇردى. ھەر قېتىم سۆزلەشكەندە ئۇلارنىڭ گېپى تۈگىمەيتتى.
خۇاڭ يەنيۈ ئاراپاتنىڭ ترېنېرىدىن، ئاراپاتنىڭ مەكتەپ تۇرمۇشىغا كۆنۈپ قالغانلىقىنى، مەشىقنىمۇ ناھايىتى جاپالىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئارافاتنىڭ پۇتبول ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى بىلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى