قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

توردىن مال سېتىۋىلىشتا تۇرمۇش ئىھتىياجىنى چىقىش قىلماي، ئەكسىچە تور سۇپىسىدىكى يوچۇقتىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلماقتا

2018-11-14 17:22:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا بېيجىڭ شەھىرىنىڭ چاۋياڭ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى لو X نىڭ، مەلۇم ئېلىكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ ئالغان مالنى يەتتە كۈن ئىچىدە سەۋەپسىز قايتۇرۇشقا بولىدۇ، دېگەن مۇلازىمەت يۇچۇقىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىش جىنايىتىگە قارىتا قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش دېلوسىنى بېجىردى. جىنايەت گۇماندارى لو X 90- يىللاردا تۇغۇلغان ئايال بولۇپ، مەلۇم بىر شىركەتتە ئىشلەيتتى. ئادەتتە دائىم توردىن مال سېتىۋالاتتى. بۇلتۇر 3- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئۇ بىر تاسادىپىي پۇرسەتتە مەلۇم ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ ئالغان مالنى يەتتە كۈن ئىچىدە سەۋەپسىز قايتۇرۇشقا بولىدۇ، دەپ تەسىس قىلغان ناھايىتى تېز پۇل قايتۇرىدىغان يوچۇقىنى بايقاپ قىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى تالون نومۇرىنى كىرگۈزگەن. ئۇ مالنى قايتۇرۇشقا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا قايتۇرۇلغان پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغان. لو X بۇنىڭدىن ھەم خۇشال بولۇپ ھەم ھەيران قىلىپ،  تاكى بۇلتۇر 12- ئايغىچە ئوخشاش ئۇسۇلدا بۇنى نەچچە قېتىم سىناپ باققان. ئۇ يەنە بىر قېتىم مال قايتۇرماقچى بولغاندا ھېسابات نومۇرىنىڭ پېچەتلەنگەنلىكىنى بايقىغان. لو X خېرىدارلار مۇلازىمىتى بىلەن ئالاقىلاشماي، باشقا بىر ھېسابات نومۇرىدا يەنە داۋاملىق مال سېتىۋىلىپ قايتۇرۇپ، مالنى قايتۇرۇش پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. بۇ يىل 2 -ئايغىچە، لو X ئۆزىنىڭ ئىككى ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق بۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا 294 قېتىم مال زاكاز قىلىپ، 29 مىڭ 399 يۈەن 9 مولۇق مال پۇلىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان. ئۇ ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ، ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ يۈرگەندە، ئۇنىڭ مال پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋىلىش قىلمىشىنى مەلۇم ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركىتى بايقاپ قېلىپ، بۇ يىل 2- ئايدا ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارى لو X نىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، ئالدامچىلىق ئۇسۇلى بىلەن بىر قەدەر كۆپ مىقداردىكى ئومۇمنىڭ ۋە خۇسىيلارنىڭ پۇل ـ مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقى ئېنىقلاندى. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ، ئالدامچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
تەپتىش مۇنداق دەپ ئەسكەرتىش بەردى: 2014- يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى»غا، سەۋەب كۆرسەتمەي مال قايتۇرۇشقا بولىدىغان تۈزۈم قوشۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا تىجارەتچىلەر تور، تېلېۋىزىيە، تېلېفون، پوچتا قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تاۋار ساتسا، ئىستېمالچىلار تاۋارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە مالنى قايتۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ئىستېمال ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، توردا مال سېتىۋېلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنداقلا بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق بولغان. ئەمما بۇ تۈزۈم يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل قانۇنسىز ئۇنسۇرلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مال قايتۇرۇش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ كەلدى. بۇ دېلودا لو X ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ يۈرگەندە، ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن.تەپتىش ئەمەلدارى كۆپچىلىككە، «ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش دەپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەمگەك قىلماي ھالاۋەت كۆرگىلى بولمايدۇ. <سۇپىدىكى يوچۇق> تىن پايدىلىنىپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ دېگەن گەپلەرگە ئىشەنمەڭ. كۆز ئالدىڭىزدىكى پايدىنىلا كۆزلەپ قالسىڭىز، بىر ئۆمۈر ئەپسۇسلىنىدىغان ئاقىۋەتكە قالىسىز» دەپ ئەسكەرتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى