قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر رايونى ۋە شەھەر ئەتراپىدا ئىككى تەرەپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان قىشلىق ساياھەت يېڭى ئەندىزىسىنى ياراتتى

2018-11-15 11:17:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:        
11- ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر سىرتىدىكى ھەر قايسى چوڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى ئارقا- ئارقىدىن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەر رايونىدىكى مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھىتى، مەدەنىيەت ساياھىتىمۇ باشلىنىپ كەتتى.
مۇشۇ ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى «يىپەك يولى» خەلقارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى تىجارەت باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بۇ يىل قىشتا تۇنجى بولۇپ تىجارەت باشلىغان چاڭغا تېيىلىش مەيدانى بولۇپ قالدى. بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا، «بەييۈن» خەلقارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى قاتارلىق ئۈرۈمچىدىكى باشقا چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىمۇ ئارقا- ئارقىدىن تىجارەت باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۈرۈمچىنىڭ 2018-، 2019- يىللىق قىش پەسىللىك ساياھىتى داغدۇغىلىق باشلىنىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى يىن شياۋچىڭ چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى ئىدى. ئۇ بۇ يىلقى قىشقا زور ئۈمىد باغلاپ مۇنداق دېدى: چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى تېيىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇم، كېيىنچە بالىلىرىمىزنى ئېلىپ كېلىپ، چاڭغا تېيلىشنى ئۈگىنىمىز.
قار- مۇز ھەرىكىتىدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە شىنجاڭ بويىچە تۇنجى قار- مۇز شادلىقى جىلغىسىنى بەرپا قىلماقچى بولدى. خەلق باغچىسىغا تايىنىپ، سەيلى- ساياھەت قىلىش، قار- مۇزدا كۆڭۈل ئېچىش، قار- مۇز تائاملىرى قاتارلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رايونلارنى تەسىس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 16- نۆۋەتلىك يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرىسى سەيلىسى، ئۈرۈمچى خەلقارا قار- مۇز بايرىمى قاتارلىق بىر قاتار قار- مۇز پائالىيىتىنى ئۆتكۈزىدۇ. ھەر قايسى چوڭ ساياھەت كوپىراتىپلىرى يەنە «يىپەك يولى» خەلقارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، شۇيشىگۇ قار- مۇز كىچىك بازىرى، خەلقارا چوڭ بازاردا بىر كۈنلۈك ساياھەت قىلىش قاتارلىق يەتتە ساياھەت لىنىيەسىنى يولغا قۇيۇپ، شەھەر ئىچى- سىرتى بىرلەشكەن، قار- مۇز مەنزىرىسى بىلەن ئۆرپ- ئادەت بىر گەۋدە قىلىنغان ساياھەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئىككى كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونى خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا «قىشتا شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش، يىپەك يولىدا قار- مۇزدىن ھۇزۇرلىنىش» باش تېما قىلىنغان مىللىي ئۆرپ- ئادەت بويىچە ئالاھىدە چېلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ماھىرلار ئۇيغۇرچە، موڭغۇلچە چېلىشىش قاتارلىق بەش خىل ئەنەنىۋى تەنتەربىيە تۈرى بويىچە مەيدانغا چۈشۈپ ماھارەت كۆرسەتتى. ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ جياڭلىڭ مۇنداق دېدى: خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا بىز مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھىتىنى گەۋدىلەندۈردۇق، 11- ئايدا بىز يەنە چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا ئېسىل تائاملار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىمىز، 12- ئايدا كارنىۋالى نىشانلىق گۆھەر ئىزدەش پائالىيىتى، كېلەر يىلى 1- ئايدا كوچا ئويۇنى پائالىيىتى، چاغاندا گۈللۈك پانۇس كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرۈپ قويدۇق. ھەر ئايدا چوڭ پائالىيەت، ھەر ھەپتىدە كىچىك يۈرۈشلۈك پائالىيەت بار.
ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل قىشتا يەنە قىممىتى مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان قار- مۇز ئېتىبار كارتىسى ۋە  قار- مۇز ساياھىتىدە 2 مىليون يۈەنلىك ئېتىبارلىق مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ شىنروڭ مۇنداق دېدى: قار- مۇز ئېتىبار كارتىسى بىلەن ھەقسىز چاڭغا تېيىلغىلى ياكى تيانشان چوڭ جىلغىسىغا بېرىپ گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھەقسىز ھوزۇرلانغىلى ۋە ياكى چوڭ بازارغا ھەقسىز كىرگىلى بولىدۇ، بۇ-ئاممىنى قار-مۇز خۇشاللىقىدىن ھوزۇرلاندۇرۇشنى مەقسەد قىلىدۇ، ھەممىسى ھەقسىز.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى