قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چۇكا راستتىنلا راك پەيدا قىلامدۇ؟

2018-11-15 12:22:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چۇكا-- بىز ھەر كۈنى ئىشلىتىدىغان نەرسە، ھەر بىر ۋاقلىق تاماق ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەمما،«چۇكىنى ئىشلىتىش توغرا بولمىسا ياكى ئىشلىتىش ۋاقتى بەك ئۇزۇراپ كەتسە راك پەيدا قىلىدۇ» دەيدىغان بىر خىل قاراش بار. بۇ قاراش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ساراسىمىگە سالدى.ئۇنداقتا.
ئادەتتە چۇكا يېرىلىپ كەتكەن ياكى پاكىز يۇيۇلمىغان ئەھۋالدا، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن دائىم دانلىق زىرائەت ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىق ئاشلىق، ياغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى قىسىپ يېگەندە، بۇ يېمەكلىكلەر ئۇزاق مۇددەت چۇكىغا چاپلىشىپ، سۈپىتى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، چۇكا ئافلاتوكسىن بىلەن بۇلغىنىشى مۇمكىن، ھەتتا راك پەيدا قىلىشمۇ مۇمكىن.
يەنە بىر جەھەتتىن، چۇكىنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولسا، ئاسان يېرىلىپ كېتىدۇ، ھەم نەم تارتىپ قالغاندىن كېيىن ئاسانلا كۆكىرىپ قالىدۇ. لېكىن، بۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى، زەمبۇرۇغ تەبىئەت دۇنياسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل مىكرو ئورگانىزم بولۇپ، ئەمەلىيەتتە كۆپ ساندىكى زەمبۇرۇغلار بەدەن ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ؛ چۇكا كۆكىرىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئافلاتوكسىن پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقان بولۇشى ناتايىن، بەلكىم باشقا زەمبۇرۇغلارنىڭ مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن.
چۇكىغا يېمەكلىك چاپلىشىپ قېلىش، ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىش ۋە چۇكا يۈزى ئۇپراش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، چۇكا ھەقىقەتەن كۆكىرىپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن بەزى زەمبۇرۇغلارنىڭ بەدەنگە زىيىنى يوق؛ ئادەتتە ئافلاتوكسىن ھاسىل قىلىدىغان ئەھۋاللار ھەقىقەتەن ئاز كۆرۈلىدۇ، پەقەت ئۇلاردا ئافلاتوكسىن كۆپىيىپ مەلۇم مىقدارغا يەتكەندە، ئاندىن راك پەيدا قىلىش خەۋپى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ئىشقا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بىر تەرەپلىمىلىكنى پۈتۈنلۈك دەپ قاراشقا بولمايدۇ.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا، چۇكىنى قانداق تاللاش، ئىشلىتىش، ساقلاش ۋە ئالماشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم، شۇنداق قىلغاندا خەۋپ ـ خەتەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.
ئاۋۋال چۇكىنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئىشلىتىش ۋاقتى ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛ ئاندىن چۇكىنى نەم مۇھىتتا ساقلىماسلىق، چۇكىنى قۇرۇتۇپ ئاندىن ساقلاش، زەمبۇرۇغ پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنداقلا «تۈشۈكلۈك چۇكا ساقلىغۇچ»نى ئىشلىتىپ، چۇكىنى يۇقىرىغا قارىتىپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز. يەنە چۇكا ساقلىغۇچنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش، شۇنداقلا يەنە چۇكىنى قەرەللىك قاينىتىپ دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ساغلاملىق يوشۇرۇن خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.ئۇنىڭدىن باشقا، چۇكىغا پات-پات دىققەت قىلىپ، پۇراش، كۆرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆكىرىپ قالغان- قالمىغانلىقىنى كۆزىتىش؛ ئەگەر، يېڭى چۇكا بولسا، چوقۇم يۇيۇش لازىم. كىچىككىنە نەرسە ھېسابلىنىدىغان چۇكىغا ھەرگىز سەل قارىماڭ. چۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ساغلام تۇرمۇشىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى