قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھەرىكەت پىرامىداسى

2018-11-15 12:25:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 «ھەرىكەت پىرامىداسى» نىڭ بىرىنچى قەۋىتى، يەنى مۇنارنىڭ ئاستى بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى كۈندىلىك پائالىيەتلەردىن تەركىب تاپقان. مەسىلەن، يول مېڭىش، پەلەمپەيگە چىقىش، ئۆي ئىشلىرى ۋە سەيلى قىلىش قاتارلىقلار. بەزىلەر«مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ چېنىقسا بەك چارچاپ كېتىدۇ» دەپ قارايدۇ. شۇڭا، كۈندىلىك پائالىيەتلەردىنمۇ ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئولتۇرۇش يېتىپ ئۇخلىغاندىن ياخشى، ئۆرە تۇرۇش ئولتۇرغاندىن ياخشى. شۇڭا، كۆپچىلىككە ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 6 مىڭ قەدەمدىن 10 مىڭ قەدەمگىچە پىيادە مېڭىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
«ھەرىكەت پىرامىداسى» نىڭ ئىككىنچى قەۋىتى-- كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى تۆۋەن ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش ھەرىكەتلىرىدىن تەركىب تاپقان. بۇ ھەرىكەتلەر ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە ئېلىپ بېرىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتلەر قان تومۇر ساغلاملىقى ۋە يۈرەك- ئۆپكە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ھەرىكەت سىجىللىقىنى ياش، جىنىس ۋە بەدەن ساپاسى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن تاللاش، تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۆۋەن كۈچلۈكلۈكتىكى ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت: يۈگۈرۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش، سۇ ئۈزۈش ۋە تېز مېڭىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ كۆڭۈل ئېچىش ھەرىكىتى بولسا، ۋاسكېتبول، چويلا توپ، تاغقا چىقىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەرىكەتنىڭ كۆپ خىل بولۇشى ھەرىكەتتىن بىزار بولۇش ياكى بېشى بار، ئايىغى يوق بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياخشى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
«ھەرىكەت پىرامىداسى» نىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدە كۈچ مەشىقى ۋە جانلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەر بىرى يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ھەرىكەتلەرنى ھەر ھەپتىدە 2- 3 قېتىم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. كۈچ مەشىقى مۇسكۇل كۈچى ۋە سۆڭەك زىچلىقىنى ئاشۇرۇپ، تاسادىپىي يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. جانلىق ھەرىكەتلەر مۇسكۇل جىددىيلىكىنى پەسەيتىپ، بەدەننىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ. يەر بېغىرلاش، قورساق قاتلاش، تورنىك تارتىش قاتارلىق كۈچ مەشىقلىرى ۋە قول سىلكىش، تىنچ ھالەتتە سوزۇلۇش ۋە يوگا قاتارلىق جانلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى تاللاش بولالايدۇ.
«ھەرىكەت پىرامىداسى»نىڭ تۆتىنچى قەۋىتى يەنى پىرامىدانىڭ ئۇچى تىنچ ھالەتتىكى پائالىيەتتىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ. مەسىلەن، تېلېۋىزور كۆرۈش، تورغا چىقىش ۋە ئۇزاق ئولتۇرۇش قاتارلىقلار. كۈندىلىك پائالىيەتلەردە بۇ قىسىمنىڭ نىسبىتى ئەڭ كىچىك بولۇشى كېرەك. مۇۋاپىق ئارام ئېلىش زۆرۈر بولسىمۇ، ئەمما تىنچ ھالەتتىكى پائالىيەتلەرنى ھەر كۈنى ئىككى سائەت ئىچىدە كونتىرول قىلىش كېرەك.ئۇنداقتا سىز «ھەرىكەت پىرامىداسى» نىڭ قايسى قەۋىتىدە تۇرىدىكەنسىز؟ ئەگەر مۇمكىن بولسا، ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ھەرىكەتلەرنى تاللاپ، ساغلام بەدەنگە ئىگە بولۇڭ!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى