قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

داچېننىڭ شامىلى

2018-11-15 12:35:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چېن جيابىن

شامال چىقتى، شامال مېنىڭ يۇرتۇمغا بولغان سېغىنىشىمنى كۈچەيتتى.
ئۆتكەن ئىشلار خۇددى شامالغا ئوخشايتتى، يۇرتۇم داچېننىڭ تۆت پەسىلى شامالغا ئوخشايتتى.
داچېندا بۇرۇن شامال ناھايىتى ئاز چىقاتتى. ياز كۈنلىرى، خوۋلۇڭدىكى تاتلىق ياڭيۇ ئېتىزلىرىنىڭ توپىسى ھالرەڭدە بولۇپ، خوۋلۇڭنىڭ ئالدىدىكى سۇ ئېتىزلىقلىرىدىكى كۆلچەكتە ئاق رەڭلىك لايلار تۇراتتى. ئۆسمۈرلۈك چېغىمدا كۆۋرۈكنىڭ ئۇ بېشىدىن، بۇ بېشىغىچە يۈگۈرۈپ، ئۇسساپ، گاللرىم قۇرۇپ كېتەتتى. شامال خۇددى قەدەملىرىنى توختىتىۋالغاندەك، يەنچۈەن ئېرىقىدا سوم بېلىقى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئۈزۈپ يۈرەتتى، ئەمما ئۆستەڭنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سۆگەتلەرنىڭ مىدىرلىغىنىنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئانام دائىم: «مىۋە دەرەخى بار يەردە قولنى ئېگىز كۆتۈرۈشكە بولمايدۇ، سۇ ياڭىقى كۆلچىكىدىكى سۇدا قولنى يۇغىلى بولمايدۇ.قولۇڭنى كۆتۈرسەڭ، سېنى مىۋىنى ئوغۇرلايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ؛ قولۇڭنى يۇساڭ، سۇ ياڭىقىنى ئۈزۈۋالىدۇ دەپ ئويلايدۇ» دەيتتى. ئۇ چاغدا مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە ئوت يۇلۇش «ئائىلە تاپشۇرۇقى» ئىدى. كىچىك ھەمراھلار دائىم  «ئورغاق تاشلاش» ئويۇنىنى ئوينايتتى. سىۋەت تولمىسا، ئانىمىزنىڭ ئەيىپلىشىدىن قورقۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ گۈل- گىياھلىرىنى ئازراق ئۈزۈپ، سىۋەتنىڭ ئاستىغا قويۇپ سىۋەتنى تولدۇراتتۇق. ئانام بۇنى بايقىغاندىن كېيىن بامبۇك سېۋەت بىلەن قوشۇپ دەسسەپ ياپىلاق قىلىۋېتىپ، شەمشادنىڭ تىكىنى بار شېخى بىلەن مېنى قاتتىق ئۇردى. ئانامنىڭ چىرايى ئەزەلدىن مۇنداق سۈرلۈك بولۇپ باقمىغان، مېنى ئەزەلدىن مۇنداق قاتتىق تىللاپ باقمىغان ئىدى.
12، 13 ياش چاغلىرىم مەن ئانام بىلەن تاغقا چىقىپ ئوتۇن كەستىم. ئانام چىگە ئارقان بىلەن قانداق باغلاش، بالداق تۈۋرۈكىنى مۈرىگە قانداق ئىلىش قاتارلىق ئىش ھالقىلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆگىتەتتى، گەرچە ئانام «يەرگە جوتۇ چاپقاندا بولغانتى چىڭقى چۈش، تەرلەر ئاقاتتى تۇپراققا سىڭىپ» دېگەن شېئىرى مىسرالارنى بىلمىسىمۇ، لېكىن «كىم بىلەر قاچىدىكى ھەر بىر ئاشلىققا، سىڭگەن قانچىلىغان ئەجىر مېھنەتنى» دېگەن داۋلىنى چوڭقۇر چۈشىنەتتى. «تېزلىك بىلەن تېرىش ۋە يىغىش» ۋاقتىدا، ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىدىكى قۇرداش ياشلاردىن 20 نەچچەيلەن شال ئورۇشتا مۇسابىقىلەشتۇق، ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرالمىدىم، ئانام مېنى ئويغاتقاچ: «كىچىك بالىلارنىڭ كۈچى خوراپ كەتمەيدۇ، بىر ئۇخلاپ ئويغانسا يەنە ماغدۇرغا كېلىدۇ» دېدى. مەن «يامغۇر ياغىدىغان تۇرسا» دېدىم قوپقۇم كەلمەي. ئانام: «چۈشتە يامغۇر ياغسا، كۈنلۈك تۇتمىسىمۇ بولىدۇ» دېدى، ئۇ نىيىتىدىن يانىدىغاندەك قىلمايتتى. ئانامنىڭ سۆزى ماڭا تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ «رەھىمسىزلىكى» نى ھېس قىلدۇردى. يۈز جىڭ ئەپكەش كۆتۈرۈشكە توغرا كەلسە بىر جىڭمۇ كەم كۆتۈرمەسلىك، ئوتۇن باغلاش، جۇكېڭ سۇ ئامبىرى توسمىسىنىڭ ئاستىغا قۇم- شېغىل ياتقۇزۇش، شال ئاقلاش، سۇ توشۇش، قوتاندىن قىغ چىقىرىش قاتارلىق ئېغىر ئەمگەكلەرنىڭ ھەممسىدە شۇنچىلىك ئەستايىدىل ئىدى. ئانامنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆيدىن چىقسىلا بىر كۈن ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىدىكەن، بىرىپ- كېلىش بىر قېتىمغا ھېساپ بولىدىكەن. شۇڭا، ھەر قېتىمدا كۆپرەك توشۇشقا تىرىشىش لازىم ئىكەن. بەلكىم مېنىڭ بەل مۇسكۇلۇم شۇ ۋاقىتتىكى ئېغىر ئەمگەكلەر سەۋەبىدىن زەخمىلەنگەن بولىشى مۇمكىن، لېكىن، قەيسەر پەزىلەتمۇ شۇنىڭدىن باشلاپ يېتىلگەن ئىدى. كىچىك تاغلىق كەنتتە تۇرمۇش رېتىمى ئاستا بولسىمۇ لېكىن ئانامنىڭ تۇرمۇش رېتىمى ئەزەلدىن تېز ئىدى. شاماللار ئارىسىدا يامغۇردىن ھاسىل بولغان بىر پارچە بۇلۇت بار ئىدى. ئۇ ئانامنىڭ كۆزى بولۇپ، بۇ بىر جۈپ كۆز ئوغلىنىڭ ئاياق ئىزلىرىغا تىكىلگەن بولۇپ، ئۇ ئوغلىغا ئادەم بولۇشنى ئۆگىتەتتى.
داچېندىكى شامال كېيىن كۈچىيىپ كەتتى، باھار كۈنى، پەنلۇڭ جىلغىسىدىكى كاككۇك گۈللىرى بالىلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ھەممە يەرنى قىزىل تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى. خۇجۈ بوغۇزىدىكى بۇلاق سۈيى كەنتنىڭ جەنۇبىدىن ئېقىپ ئۆتەتتى، لۇڭخۇاڭتاڭ دەرياسىنىڭ سۈيى شىيا جىلغىسىدىن ئۆتۈپ، جىمجىت ھالدا كەنت مەركىزىدىن ئېقىپ ئۆتەتتى. بىر كېچىدىلا باھار شامىلى كەلگەندەك، يېزا يەر ھۆددىگەرلىك مەسۇلىيەت تۈزۈمى ئائىلىلەرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، يۇرتىمىزدا قىزغىن كەيپىيات كۆتۈرۈلۈپ، «شۇاڭچىڭ» دىكى ئېقىنلارمۇ باھار ۋالىسىغا جۆر بولدى. ئۇ چاغلاردا ئۆيدىكى مومام، ئانام، سىڭلىم، ئىنىم تۆت نوپۇسنىڭ تۆت مو تىرىلغۇ يىرى ئالتە- يەتتە جايغا چېچىلىپ كەتكەن ئىدى. ئانام سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ، كېچە- كۈندۈز ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە، سۇ ئىچىدىغانغىمۇ ۋاقىت چىقىرالماي قالاتتى. ئەتىيازدا يامغۇر كۆپ ياغاتتى، ئېتىزدا دائىم ئانام بىلەن ئىككىمىز چىغ قالپاق كىيىپ يۈرەتتۇق. ئانامنىڭ ئېيتىشىچە، كۈن نۇرى بىلەن يامغۇر گۆھەر ئىكەن، ئېتىزدىن قىرغاققا چىققاندىكى تۇنجى ئىش بولسا چاپلىشىۋالغان سۈلۈكلەرنى تارتىپ چىقىرىۋېتىش ئىدى. ھەر بىر سۈلۈكنى تارتىپ چىقارغاندا قان چىقىپ كېتەتتى. كەچلىك تاماق يېگەندە، ئانام دائىم قاچىنىڭ ئاستىدىكى مايلىق قۇرۇتۇلغان كۆكتاتنى مېنىڭ قاچامغا سېلىپ قوياتتى.
كىچىك تاغلىق كەنتنىڭ باھار كېچىسى ناھايىتى جىمجىت ئىدى. ئەمما، ئانام دائىم يامغۇر يېغىپ قالسا، دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى رېمونت قىلىش- قىلماسلىق، ھاۋا ئوچۇق بولسا قايسى ئېتىزغا بېرىپ ئوت ئوتاشنى ئويلايتتى. «كۈندۈزى ھاۋا ئوچۇق بولسا، كېچە يامغۇر ياغسا پۇقرالار باي بولىدۇ» دەيتتى. بوران- چاپقۇنلاردىمۇ، ئانامنىڭ كۆزىدە مول ھوسۇل ئېلىش ئىستىكى جىلۋە قىلاتتى. قوشنىمىز شالنى بۇغداي، كەندىر، ئۇنغا ئالماشتۇرغاندا، ئانام: «تاماق بىلەن قورساقنى تويغۇزۇش، ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك» دەيتتى. ئانام تىرىشچان- ئىقتىسادچىل بولغاچقا، ئۆينىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدىكى ئاشلىق ئىشكاپلىرى دائىم لىق تولۇپ كېتەتتى، ئەزەلدىن باھار كېلىپ ئاشلىق تۈگەپ باقمىغاچقا، قوشنىلارغا دائىم ئاشلىق ئۆتنە بېرەتتۇق.
ئېسىمدە قېلىشىچە، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئۈچىنچى يىلى، 16 ياشقا كىرگەن مەن كەنتتىكى تۇنجى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدىم، ئانامنىڭ چىرايىدا كەم ئۇچرايدىغان تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. مەن رەھبەرلىك ئورنىغا چىققاندا، ئانام ياشىنىپ قالغان ئىدى. ئانامنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر سىياسەت ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ، غەللە- پاراقنى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدىكەن، لىشەن تېغى باغرىدىكى قالدۇرۇق يەرگە 50 نەچچە تال چارتال دەرىخى تىكىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈشكە تەييارلىق قىلىپ قويۇپتۇ. مەن ھەيران قالدىم. بىر ئۆمۈر بەدەل تۆلەپ جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدىغان ئانامنىڭ يۈرەك ساداسى مېنىڭ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلدى. ئانام يەنە «ياخشىلىققا ئۆزى جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك. چۈنكى، ياخشىلىقنى باشقىلار بىلمەيدۇ ھەم ساڭا ياردەم قىلمايدۇ، ئىنتىقام بولسا باشقىلار ئالسۇن. ئەگەر ئۇ ئادەم كۆپ يىل ئەسكىلىك قىلسا، يول بويىدىكى تاش بولسىمۇ، ھامان يۆتكەيدىغان ئادەم چىقىدۇ» دەيتتى. كەنتتە بىر ئادەم مەندىن ئىش بېجىرىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئانام: «كىچىك بالىنىڭ ئوقۇش ئىشىغا كۆپرەك ياردەم قىل، كەنتنىڭ ئىشلىرىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆل، باشقا ئىشلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن» دەيتتى. مەن «ئانامنىڭ چوڭ پىرىنسىپى» غا ئەمەل قىلىپ، داچېن «دوكتورلار كەنتى» دىكى تۆت نەپەر دوكتورغا ئىلگىرى ـ كېيىن ئۇستاز بولغان ئىدىم.
باھار شامىلى شاپتۇللارنى، نەشپۈتلەرنى يەلپۈپ، ئېچىلدۇردى، ئانامنىڭ سۆزى مېنى كېچە- كۈندۈز تىرىشىشقا ئۈندەيتتى.
داچېنىڭ شامىلى بۈگۈنكى كۈندە ناھايىتى راھەت بىلىنىدىغان بولدى. كۈز كۈنلىرى، كەنتنىڭ غەربىدىكى يۈز يىللىق گۇيخۇا گۈلى دەرىخى خۇددى ئېچىلغان چوڭ كۈنلۈككە ئالتۇن رەڭلىك گۇيخۇا گۈلىنى چاچقاندەك، ئۇنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپنى بىر ئالغان بولۇپ، تاش كوچىدىكى ئۆيلەرگە خۇشپۇراق تارقىتاتتى. چوڭ ئۆينىڭ يۈز يىللىق ئارقا ھويلىسىدىكى «يىجىپەن» چوڭ جۈزە دەرىخى مېۋە بىلەن لىق تولدى. ھويلىنىڭ غەربىدىكى ئىككى تۈپ 50 نەچچە يىللىق نەشپۈت دەرىخىدە قۇشقاچلار توپ- توپ بولۇپ سايرىشىپ تۇراتتى، يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئاق رەڭلىك قۇش مايىقى چاپلىشىپ قالغان نەشپۈتلەر ناھايىتى تاتلىق ئىدى. كەنتنىڭ شەرقىي تەرىپىدە مىڭ يىللىق قەدىمىي كامفورا دەرىخىنىڭ شاخلىرى بۈك- باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، ئۇلار خۇڭيۇ كۆۋرۈكى، يەنچۈەن ئېرىقىدىكى قىزىل كارپ بېلىقى بىلەن تىنچ ھەم مەردانە قارشى ئېلىش كۆرۈنىشى ھاسىل قىلغان ئىدى.
داچېننىڭ كۈز پەسلى كەنت ئاھالىلىرى ئەڭ خۇشال بولىدىغان پەسىل. ئانام ماڭا: «كەنتتىكىلەر تۈكلۈك كولكازنى سېتىۋالغىلى كەلگەن ئىكەن، ياپونىيەگە سېتىلىدىكەن، مەن دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتمەي، ئوت- چۆپ كۈلىنى چېچىپ تىككەن ئىدىم، گەرچە ئازراق قۇرت دېغى بولسىمۇ، لېكىن قانچە تەبىئى بولسا شۇنچە ياخشى دىيىشتى» دېدى. مەن ئانامنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا سېتىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن بىر ئەپكەش تۈكلۈك كولكازنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىزلا ئانامنىڭ «ۋىجدان كولكازى» تېرىغانلىقى، «ئۇزۇن ئۆمۈر مېۋىسى» سېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. كەنت مۇدىرىنىڭ ئېيتىشىچە، داچېن كەنتىدە نۇرغۇنلىغان كولكاز تېرىيدىغان ئاياللار «شۈنيۈ» كولكازنى تېرىغان بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان، نامى سىرتلارغا تارالغان ئىكەن. كەنتتە بىر كۈندە نەچچە ئون توننا تۈكلۈك كولكاز سېتىلىدىكەن. شاڭخەيلىك ساياھەتچىلەر كەنتتىكى تۈكلۈك كولكاز، تۇرۇپ، زەنجىۋىل، دادۇر، گۈرۈچ، بۇغداي نېنى، دۇفۇ قېقى، مازى، پىنتوزا، يەرلىك چۆپ، يەرلىك تۇخۇم قاتارلىقلارنى ياخشى كۆرىدىكەن، ھەممە نەرسىنى ئېلىپ كەتكۈسى كېلىدىكەن. كۈندە نەچچە ئون مىڭ جىڭ ئۈزۈم سېتىلىدىكەن.
چۇڭياڭ بايرىمىدا ئۆيگە قايتقاندا، ئۆيىمىزنىڭ كەينىدىكى دەرەخلىق ئارىسىدا ئايلانما سېمونت يولىدا ماڭغاندا، ئوت- چۆپنىڭ ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، بىر خىل تونۇش پۇراق خۇددى مېنى ئاشۇ يىللارغا قايتۇرۇپ كەلگەندەك قىلاتتى. ئانام يەرلىك ئوچاق، ئوتۇن، كۆكتات، بۇلاق سۈيى بىلەن كەچلىك تاماق تەييارلاپ قويغان ئىدى، مەھەللىنى ئىس- تۈتەك قاپلاپ كەتكەن چاغدا، قوتاندىكى چارۋىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، توخۇنىڭ كاتەكلىرىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، بىر خىل تونۇش بولغان ئۆينىڭ يېقىنلىق تۇيغۇسى پەيدا بولغان ئىدى. كەنت مۇدىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مېھمانلار كەنتتىكى تاش- توپا قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرگە بەك ئامراق ئىكەن، «مىس ھويلىدىكى» بەش ئېغىز ئۆينىڭ بىر كېچىلىكىنى بەش مىڭ يۈەنگىمۇ  زاكاز قىلغىلى بولمايدىكەن.
«كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭىلىرىنى يارىتىش» داچېندىكى مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ دەۋر ئېھتىياجى. يېڭى شامال يېتىپ كەلدى. «كەنت ئىككى كومىتېتى» بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى گۈزەل يېزا- كەنتنىڭ يېڭى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ بەردى. «نىيۇلەن قەھۋەسى»، بەش خىل مېتال ھۈنەرۋەن ئىجادىيەت ئىشخانىسى، ئەنئەنىۋى رەخت بوياش ھۈنەر- سەنئەت دۇكىنى قاتارلىقلار بارلىققا كېلىپ، ئىبادەتخانا مەدەنىيەت زالىغا، مەنىۋى ماكانغا ئايلاندى، «داشېنتىڭ زالى» ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالاقە تورىدا ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشىدىكى يېڭى بوشلۇققا ئايلاندى. ئائىلىۋى ياتاقخانا بىلەن ساياھەتچىلىك، ساياھەتچىلىك بىلەن ئىنتېرنېت تورى بىرلەشتۈرۈلۈپ، يىراق جايلاردىن ساياھەتچىلەر ئارقا- ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى. گۈزەل يېزا- كەنتلەرنىڭ «گۈزەل ئىقتىسادقا ئايلىنىشى، داچېندىكى ئۆزگۈرۈشلەر» دەل «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار زور بايلىق» دېگەن ئىلمىي ھۆكۈمنى ئىسپاتلىماقتا ئىدى.
مۇساپىر قايتىپ كەلگەندە، يۇرتقا بولغان مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ. مەدەنىيەت زالىغا كۆپلىگەن ئادەملەر توپلانغان ئىدى. مەن پەخىرلەنگەن ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا: «يۇرتىمىز داچېن ئەڭ گۈزەل، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان داچېن كەنتىدە چوڭ قىلىپ يېزىلغان «چۇەن» دېگەن خەتنى سۈرەتكە تارتىپتۇ، ئۇنىڭدىكى «پې بىخۇاسى بۇ كەنتنىڭ شىمالىدىكى لىشەن ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ جۇكېڭ دەرياسى، ئوتتۇرىدىكى تىك سىزىق كەنتنىڭ مەركىزىدىكى يەنچۈەنشى بۇلىقى، ئوڭ تەرىپىدىكى «شۇ» بىخۇاسى كەنتنىڭ جەنۇبىدىكى ئېقىپ تۇرغان بۇلاق سۈيى، بۇ بۇلاق سۈيى مەڭگۈ قۇرۇپ قالمايدۇ» دېدىم.
داچېندىكى شامال كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈپ كەتتى، شامال ماڭا، يەنىلا يۇرتىمىزنىڭ سۈيىنىڭ سۈپسۈزۈك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. داچېندىكى شامال يۈرىكىمدە توختاپ قالدى، شامال ماڭا يەنىلا يۇرتىمىزدىكى ئاينىڭ يورۇقلىقىنى ئېيتىپ بەردى. داچېندىكى شامال ئېتىز- قىرلارنى يەلپۈپ ئۆتتى. ئۇ ماڭا لەگلەك قانچە ئىگىز ئۇچسىمۇ لېكىن يىپىنىڭ يەنىلا  ئۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئىيتىپ بەردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى