قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئورمان دېڭىزى

2018-11-15 12:43:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مەن چوڭ ھىنگان تېغى چوققىسىدىكى غەلىتە تاشلارنىڭ ئېگىزلىكىدە، ئۇنىڭغا يامىشىپ چىققىلى بولمايدۇ دەپ قارايتتىم. بۇ قېتىم ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىدە ئىپتىدائىي ئورمانلىقتىكى ناھايىتى قېلىن قارىغاي يوپۇرماقلىرىنى دەسسەپ مېڭىپ، قەدىمىي دەرەخلەرنى تۇتۇپ كۆرۈپ، ئاندىن ئاشۇ يېقىملىق ئىسىمنىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى يېقىشلىق ۋە راھەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
چوڭ ھىنگان تېغىدىكى «چوققا» چىڭلىڭ «چوققىسى» غا ئوخشىمايدۇ. بۇ يەردە ئىگىز- پەس ھەر خىل شەكىلدىكى «چوققى» لار ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، كىشىگە «بۇلۇتلۇق چىڭلىڭ» چوققىسىدەك خەتەرلىك بىلىنمەيتتى. تېز سۈرئەتلىك پويىزدا نەچچە سائەت كۆرسىمۇ كۆرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ھەم كۆرۈپ زېرىكمەيدىغان نېمىدېگەن جىق چوققىلار بۇ- ھە! ھەر بىر چوققا شۇنچىلىك يېقىشلىق بولۇپ، تاغ ئېتىكىدىن چوققىسىغىچە قىممەتلىك دەل-دەرەخلەر بىلەن ئورالغان ئىدى. ھېچقايسىسى تەنھا چوقچىيىپ تۇرمايتتى. بۇ مەنزىرە ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالاتتى.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ھەممە يەر يېشىلچىلىققا تولغان يېشىل دېڭىزنىڭ ئۆزى ئىدى. ئېگىز پەس ئورمان دېڭىزى دولقۇنلىناتتى. بۇ يەردىكى يېشىل رەڭنىڭ تۈرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، قېنىق، سۇس يېشىل، يورۇق ھەم تۇتۇق يېشىل قاتارلىق ئىپادىلەش قىيىن بولغان تۈرلۈك يېشىل رەڭلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەردىن تېپىلاتتى. بەلكىم پەقەت رەسساملارلا بۇ تۈرلۈك يېشىل رەڭلەرنى بوياپ كۆرسىتىپ بېرەلىشى مۇمكىن.
ھىنگان تېغىدا مىڭلىغان بايلىقلار بولۇپ، ئەڭ ئاۋۋال تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى يوپۇرماق تاشلايدىغان قارىغاي دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداق، بۇ يەر بولسا يوپۇرماق تاشلايدىغان قارىغاي دېڭىزى ئىدى. قاراڭ، دېڭىز گىرۋەكلىرىدە ئاق رەڭلىك بۇژغۇنلار چاچرىۋاتمامدۇ؟ بۇ چىرايلىق ئاق قىيىن دەرىخىنىڭ كۈمۈش رەڭ كۆينىكى دېڭىز گىرۋەكلىرىدىكى بۇژغۇنلارغا ئوخشىمامدىكەن؟
ئىككى تاغ ئارىسىدىن سۈزۈكلىكىدىن تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كىچىك دەريا ئېقىپ ئۆتەتتى. يەنە دەريا قىرغاقلىرىدا نۇرغۇن ياۋا گۈللەر ئېچىلغان. مەن گۈلگە ئاشىق كىشى تۇرۇپمۇ، بۇ يەردىكى گۈللەرنىڭ نامىنى ئېيتىپ بېرەلمەيتتىم. ھىنگان تېغى نېمىدىگەن ياسىنىشنى بىلگەن- ھە! يېشىل قارىغاينى كوپتا، ئاق قىيىن دەرىخنى يوپكا قىلغان، يەنە تېخى گۈللۈك ئاياق كەيگەن. ھەتتا دەرەخلەر ئارىسىدىكى بوشلۇقلارمۇ رەڭگدارلىقتىن مۇستەسنا ئەمەس.
قارىغاي سايىلىرىدە ئېچىلغان رەڭمۇ- رەڭ گۈللەر چىرايلىق كېپنەكلەرنى ئۆزىگە جەلب قىلغان ئىدى، بۇ كېپىنەكلەر تېخى ساياھەتچىلەرنىڭ مۈرىلىرىگە قىزغىنلىق بىلەن قونۇپمۇ قوياتتى. يەنە تېخى گۈللەر ئارىسىغا مارجاندەك قىزىل پۇرچاقلارمۇ يوشۇرۇنغان بولۇپ، ھىنگان تېغىدىكى ھاراق زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان شېرىن تەملىك قىزىل پۇرچاق ھارىقى مۇشۇ ئۇششاق ياۋا مېۋىلەردىن ئىشلەپ چىقىرلاتتى.
سانسىز يېشىل قارىغاي، ئاق قىيىنلارنى كۆرگەندە، كىممۇ ھەر تەرەپكە بۇيۇنداپ قارىمىسۇن؟ نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەرلەر بۇ يەرنىڭ ياغاچ ماتىرىياللىرىنى ئىشلىتىپ، چوڭ قۇرۇلۇشلاردىن كان قۇدۇقى، تۆمۈر يول ياسىسا، كىچىك ماتېرىياللاردىن لىم- تۈۋرۈك، جوزا- ئورۇندۇق ياسايدۇ. ياپيېشىل تاغ- دەريالار ناھايىتى ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش ۋە ئېسىل ماتىرىياللار بىلەن باغلىنىپ كەتكەن. شۇڭا، ھىنگان تېغىغا قارىغانسېرى كىشى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭ گۈزەللىكى قۇرۇلۇشلار بىلەن ئەنە شۇنداق بىرلىشىپ كەتكەن، گۈزەللىكىگە قىل سىغمايدىغان بولۇپ، كىشى قەلبىدە ئاجايىپ يېقىشلىق ۋە راھەتلىك پەيدا قىلاتتى.
ئورمانچىلىق مەيدانىغا كەلگىنىڭىزدە بولسا، بۇ خىل يېقىشلىق تۇيغۇ تېخىمۇ ئۇلغىيىپ باراتتى. دەرەخ كېسىپ ياغاچ ماتېرىيالى قىلدۇق، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلدۇق. بىر قولىمىزدا كەسسەك، بىر قولىمىزدا تىكتۇق. بىز بايلىققا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە ئىلىم- پەن تەتقىقاتىمۇ ئېلىپ باردۇق. ئورمان دېڭىزى قەدىمدىن تارتىپ مۇشۇنداق ياشىرىپلا تۇرماستىن، يەنە ئونىۋېرسال پايدىلىنىلدى. تاغ ئورمىنىدىكى نۇرغۇن شەھەر- بازارلار ھىنگان تېغىغا يېڭىچە ھۆسىن قوشقان بولسا، شاد- خوراملىققا تولغان ئەمگەكچىلەر ناخشىسى بۇ يەردە ياڭرىماقتا. ئادەم بىلەن تاغنىڭ مۇناسىۋىتى كۈندىن- كۈنگە مۇشۇنداق يېقىنلىشىۋاتقان تۇرسا بىز قانداقمۇ يېقىنلىق، راھەت ھېس قىلماي تۇرالايمىز؟ مەن ئەينى چاغدا ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ھىنگان تېغى دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. بۈگۈن بىلدىمكى، ئۇ ھەقىقەتەن دۆلەتنى گۈللەندۈرۈپ، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇش مەنىسىگە ئىگە ئىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى