قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يۈرەك قېنى سەرپ قىلىنغان ۋە قايناق ھىسسياتقا تولغان بىر يۈرۈش كىتاب

2018-11-15 12:45:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

لى شياۋنا

بۇ يىل 8-ئايدا، خۇنەن مائارىپ نەشرىياتى نەشر قىلغان «20- ئەسىردىكى جۇڭگو ئىلمىي ئاغزاكى بايان تارىخى» ناملىق يۈرۈشلۈك توپلامدىن 54 خىل، 56 توم نەشىر قىلىندى. 2005- يىلى بۇ خىيال شەكىللىنىپ، تېما ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر 13 يىل ۋاقىت كەتتى. 13 يىللىق جاپالىق ئەجىر، ھەمدە بۇ جەرياندا يولۇققان جاپا- مۇشەققەت ۋە بېسىملارنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈش ناھايىتى تەس.
مەجمۇئەنىڭ سۆھبەت ئوبيېكتى جۇڭگونىڭ 20- ئەسىردىكى 3- ئەۋلاد ئالىملىرى (1915- يىلى ئەتراپىدا تۇغۇلغان، ئەينى چاغدا تېخى ھايات پېشقەدەم ئالىملار) دىن كېيىنكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ئەۋلادى بولغان چەتئەللىك ئاكادېمىكلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نوپۇزلۇق ئاكادېمىكلىرى، بەزى پەن- تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش ئورۇنلىرىدىكى ھالقىلىق شەخسلەر ھەمدە يېڭى جۇڭگو پەن- تېخنىكا تەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ۋەقەلەرنىڭ مۇھىم تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى، تەشكىللىگۈچىلىرى ۋە قاتناشقۇچىلىرى. مەجمۇئەنىڭ مەزمۇنى جۇڭگونىڭ بارلىق ئىلىم- پەن ساھەسىگە، بولۇپمۇ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساھەلەرگە شۇنداقلا يېڭى جۇڭگونىڭ زور ئىلىم- پەن تەدبىرلىرىگە چېتىلاتتى.
خۇنەن مائارىپ نەشرىياتىنىڭ بۇ مەجمۇئەسى نەشىر قىلىنغاندىن بۇيان، ئىلىم- پەن، مەدەنىيەت، نەشرىيات ساھەسى ۋە جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە كەڭ ۋە چوڭقۇر تەسىر قوزغىدى. بۇ كىتابلارنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا دۆلەت، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، شۇنىڭدەك مەملىكەت مىقياسىدا تونۇشتۇرۇلدى، دۆلەت، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك نەشرىيات فوندىدىن جەمىي 85 خىل مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
مەجمۇئەنى پىلانلاش ۋە تەھرىرلەشنى يولغا قويغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاخىر سۆھبەتكە قاتناشقان بارلىق ئالىملار ۋە ئىلىم- پەن ئىشلىرىغا مەسئۇل رەھبەرلەر، بولۇپمۇ ئالەمدىن ئۆتكەن ياشانغانلارغا تەسەللى بولدى دەپ ئويلايمەن. 13 يىل ھارماي- تالماي تىرىشىپ، يىل بويى ئېغىر كۆز كېسەللىكىنىڭ ئازابىنى تارتقان، كىچىك ھۈجەيرىلىك ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغان باش مۇھەررىر، مەشھۇر ئىلىم- پەن تارىخشۇناس فەن خۇڭيې ئەپەندىگە تەسەللى بولدى. 56 توملۇق شانلىق ئەسەر يېڭى جۇڭگونىڭ ئىلىم- پەن ئىشلىرىغا بىلدۈرۈلگەن ھۆرمەت. 20- ئەسىر، جۇڭخۇا مىللىتى قاراڭغۇلۇقتىن ئويغانغان ھەم ناھايىتى تەسلىكتە يورۇقلۇققا قاراپ ماڭغان ئەسىر. تارىخ 21- ئەسىرگە قەدەم قويغان چاغدا، كىشىلەر ئۆتكەن ئەسىرنى بىر پۈتۈن گەۋدە قاتارىدا ئەسلەش، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئەلۋەتتە ھەقلىق. ھالبۇكى، كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئەينى چاغدىكى تارىخشۇناسلار يەنىلا تارىخىي ئىنېرتسىيە بويىچە، سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، ئەدەبىيات- سەنئەت قاتارلىق جەھەتلەرگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولسىمۇ، 20- ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ ئىلىم- پەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كىتەلمىدى.
20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، مەن تۇ گۇاڭچى، چېن گودا، تاڭ ئاۋچىڭ قاتارلىق پېشقەدەم ئالىملار بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ ئىلىم- پەن تەرەققىياتىدىكى كىشىلەر بىلمەيدىغان بىر قىسىم تارىخنى چۈشەنگەن ئىدىم. ئەينى چاغدا يېقىنقى زامان جۇڭگونىڭ ئىلىم- پەن تارىخى توغرىسىدىكى سىستېمىلىق نوپۇزلۇق ئەسەر تېخى دۇنياغا كەلمىگەن. 20- ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ ئىلىم- پەن تەرەققىيات مۇساپىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئاساسىدا، جۇڭگونىڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان پېشقەدەم ئالىملارغا بولغان ھۆرمىتىم ئاساسىدا، قەلبىمدە جۇڭگونىڭ داڭلىق ئالىملىرىنى زىيارەت قىلىش نىيىتى پەيدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات كەچۈرمىشى ئارقىلىق 20- ئەسىردىكى جۇڭگو ئىلىم- پەن تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشلاپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم. تېما ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك نەشرىيات رەھبەرلىرى ۋە نەشرىيات ئاپپاراتلىرىنىڭ دىققىتىنى تېزدىن قوزغاپ، ئەسلىدىكى ئاخبارات- نەشرىيات باش مەھكىمىسىنىڭ «11- بەش يىللىق» نۇقتىلىق نەشر قىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلدى.
تېما تاللاش ۋە كېيىنكى تەھرىرلەش جەريانىدا، مەن دائىم ئالىملارنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە خارەكتىرى، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ئىلىم- پەن روھى ۋە كەڭ قورساقلىقىدىن تەسىرلىنەتتىم. بىئولوگىيە ئالىمى شېن شاڭجيوڭ نۇرغۇن ئالىملارغا ئوخشاش، «ۋەتەن ماڭا موھتاج» دېگەن ئىرادىنىڭ تۈرتكىسىدە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشنىڭ ئالدى- كەينىدە قاتمۇ- قات قىيىنچىلىقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، قەتئىيلىك بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. پاراۋۇز دىنامىكىسى مۇتەخەسىسى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكى شېن جىيۈن «شېن جەمەتى نەزەرىيىسى» نى بارلىققا كەلتۈرگەن كۈنلەردە، بەش كېچە- كۈندۈزنى تەجرىبىخانىدا ئۆتكۈزگەن، ئۇنى تىرەپ تۇرغىنى، بولكا، سۇ ۋە ئېتىقاد بولغان. گېئولوگ ۋېن شىشۈەن چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىنى ئىلمىي تەكشۈرۈشكە توققۇز قېتىم قاتناشقان. قەمەرىيە 7- ئاينىڭ 15- كۈنى كوئىنلۇن تېغىدا، ئاي يورۇتقان كېچىسى ئالىمنىڭ شېئىرىي ئىلھامى قوزغۇلۇپ: «جان كەتسە مەيلى دەيمەن مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا، بۇ جايدا باش قويۇپ، بولاي بىر ئەۋلىيا» دەپ يازغان. توپلامدا بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، خۇددى مەرۋايىتتەك چاقناپ تۇرىدۇ، دائىم كۆزلىرىمنى نەملەيدۇ.
13 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ كىتابنى ئىشلەش زادى ئەرزىمدۇ؟ مەن بۇ جەرياندا دائىم ئۆزۈمدىن سورىدىم. مەجمۇئەنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى، نەشىر قىلىنىش دەۋرىنى ئويلاشقاندا، كەسىپداشلار بىزگە كۆلەمنى كىچىكلىتىپ دەۋرىيلىكنى قىسقارتىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى. مەن بولسام: «بۇ بىر يۈرۈش يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىشقا ۋە قايناق ھېسسىياتقا ئەرزىيدىغان كىتاب!» دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭ قىممىتى ھېچ بولمىغاندا مۇنداق بىر قانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:
تارىخقا شاھىد بولۇش. مەجمۇئەگە جۇڭگونىڭ 20- ئەسىردىكى پەن- تېخنىكا تەرەققىيات تارىخىنى ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن داڭلىق ئالىملار، شۇنداقلا 20- ئەسىردىكى بولۇپمۇ يېڭى جۇڭگونىڭ ئىلىم- پەن تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشقا قاتناشقۇچىلار تاللىنىپ، سۆھبەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاغزاكى خاتىرىسى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ بىر ئەسىر، بولۇپمۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پەن- تېخنىكا تەرەققىيات تارىخىغا شاھىت بولدى. بولۇپمۇ «ئىككى بومبا، بىر سۈنىي ھەمراھ»، كۆك ئەمەن، شالغۇت شال، ئىنسۇلىن، ئېلېكترون سوقۇلۇش ماشىنىسى، يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يول قاتارلىق 20- ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ زور پەن- تېخنىكا قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەپ، نۇرغۇن يېڭى، جانلىق، تارىخىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى. بۇ مەجمۇئەنى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ۋە قىممەتكە ئىگە قىلدى.
مەدەنىيەتنى قۇتقۇزۇش. بۇ ئالىملار ۋە ئىلىم- پەن خادىملىرى جۇڭگونىڭ 20- ئەسىردىكى تىرىك تارىخى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ قەلىمىمىز ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا ناھايىتى ئاز سىڭىپ كىردى. مەسىلەن: ئەينى چاغدا زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن داڭلىق ئالىم بېي شىجاڭ، چيەن شۆسىن قاتارلىقلار 90 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، كۆپ ساندىكىلىرى كېسەل كارىۋىتىدا ئىدى. مەجمۇئە باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 10 دىن ئارتۇق داڭلىق ئالىم ئالەمدىن ئۆتۈپ، مەڭگۈلۈك ئەپسۇسلىنىش بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ 20- ئەسىردىكى ئىلمىي تارىخى ۋە پەن- مەدەنىيەتنى قۇتقۇزۇش ئىنتايىن جىددىي خىزمەت.
خەلقئارالىق ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگونىڭ 20- ئەسىردىكى پەن- تېخنىكا تەرەققىيات تارىخى ۋە ئالىملىرى جۇڭگونىڭ ئوخشاشلا دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشتى. لېكىن، خەلقئارا پەن- تېخنىكا تارىخى ساھەسىدىكىلەر نۇرغۇن كىشىلەرگە ناتۇنۇش، جۇڭگونىڭ دۇنيا پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە بولغان تونۇشىمۇ ئىنتايىن چەكلىك. بۇ دۇنيانىڭ ھازىرقى زامان پەن- تېخنىكا تارىخىنى مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. مەجمۇئەنىڭ نەشىر قىلىنىشى خەلقارا پەن- تېخنىكا تارىخى تەتقىقاتىنى مۇھىم، جانلىق خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ، كەم بولسا بولمايدىغان بىر بابنى تولۇقلاپ، جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان پەن- تېخنىكا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىدىكى مۇھىم ۋاستىغا ئايلىنىدۇ.
نەشر قىلىشنىڭ مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە مەدەنىيەت تارقىتىش رولىغا كۆپ گەپ كەتمەيدۇ. تېز رېتىمدىكى دەۋردە بۇ كەسىپنى قەدىرلەش تېخىمۇ زۆرۈر. مەجمۇئەنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى، سۆھبەت، ئۆزگەرتىش قاتارلىق جەھەتلەردە، مەجمۇئە تۈزۈش ھەيئىتى دەسلىپىدىلا بىر تۇتاش سۆھبەت ۋە تۈزۈش ئۆلچىمىنى بېكىتتى ھەمدە نەشر بۇيۇملىرىنىڭ كەسپىيلىكى، قېلىپلىشىش ئۆلچىمىنى مەملىكەت ئىچىدە ئالدى بىلەن تۇرغۇزۇشقا تىرىشتى. بۇ مەجمۇئەنىڭ مەزمۇنىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە كەسپىيلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەپسىلىي تەھرىرلەش ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقتۇق. كىتاب ئورىگىنالىنى تەھرىرلەشتىن بۇرۇن، تارقاتقۇچىنىڭ پەن تۈرلىرى، ئىگىسىنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي ئورنىنى تەپسىلىي ئىگىلەش تەلەپ قىلىندى. چۈنكى، مەلۇم كەسپىي ئاساسىي بىلىمگە ئىگە بولغاندىلا، پەنلەر تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالنى تەتقىق قىلغاندىلا، ئاندىن مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاپتورلار بىلەن سۆزلەشكىدەك «سۆز قىلىش ھوقۇقى» بولاتتى. ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ئىلمىي ئورگان، تارىخىي كىشى ئىسىملىرىنى تېپىپ چىقىش تەلەپ قىلىناتتى، ھەر بىر پارچە سۈرەتنى سۈرەتكە ئېلىش ۋاقتى، ئورنى، پېرسوناژ ئورنىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، كىتابتىكى ماتېرىياللارنى ئېھتىيات بىلەن تاللاپ، ئىمكانقەدەر نۇقسانسىز قىلىش كېرەك. بىز قاتتىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقتۇق ھەمدە قاتتىق ئىجرا قىلدۇق. دەسلەپكى تەكشۈرۈش مۇھەررىرلىرى ماقالىنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇشى، كورىكتور ئادەتتىكى كورىكتور ئورگىنالى ئاساسىدا يەنە بىر نوپۇزلۇق ئۆتكەلنى ئىگىلەيدىغان كورىكتوردىن ئۆتكەن نۇسخسىىنى كۆپەيتىشى كېرەك. قايتا تەكشۈرۈش ۋە ئاخىرقى تەكشۈرۈشتە خەتلەرنى بىرمۇ بىر ئوقۇپ چىقىش تەلەپ قىلىناتتى. مەن قايتا تەكشۈرگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كىتاب ئورىگىنالىنىڭ ئومۇمىي سۈپىتى، مەزمۇن قۇرۇلمىسى ۋە بىلىم خاراكتېرىدىكى مەسىلىلەرگە قارىتا، سۈرەت شەكلى، كىتاب ئورىگىنالىنى مىسال قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئۆتكەلنى ئىگىلىدىم. مەجمۇئەنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر خىل تىپتىكى رەسىملەرنىڭ ئۆلچىمى توغرىسىدا تەپسىلىي بەلگىلىمە چىقاردىم. رەسىم بىلەن يېزىقنىڭ ئارىلىقىغا بولغان تەلەپ ئىنتايىن ئىنچىكە ئىدى. مەزمۇننىڭ بىر تۇتاش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەش، قاتتىق بولغان مۇھەررىرلىك، كورىكتورلۇق ھالقىسى، ئىنچىكە خىزمەت ئىستىلى ۋە ھۈنەۋەن كەسپ روھى بۇ مەجمۇئەنى ھەر قېتىملىق تۈزۈش، تەكشۈرۈشتىكى «ئەلاچى ئوقۇغۇچى» غا ئايلاندۇردى.
ھازىر مەجمۇئەلەرنىڭ ھەممىسى پۈتتى. شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمىزكى، بۇ مەجمۇئەنىڭ ئىلمىي قىممىتى، تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ قىممىتى ۋە تونۇش قىممىتى، شۇنداقلا ئاغزاكى بايان قىلىش تارىخى ساھەسىدىكى ئىزدىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، كۈنسايىن گەۋدىلىنىدۇ ھەمدە تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى