قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ «جۇڭشىن» ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى سۈپەت باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىچىن تۇرا

2018-11-15 12:50:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن سىچىن تۇرا شىنجاڭ «جۇڭشىن» ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى سۈپەت باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇنىڭ قولىدىن ئۆتكەن 40 مىڭ قېتىمغا يېقىن ئەدلىيىلىك باھالاشتىن بىرسىدىمۇ خاتالىق كۆرۈلمىدى. سىچىن تۇرانىڭ قارىشىچە، ئەدلىيىلىك باھالاش يەكۈنى قانۇندا بەلگىلەنگەن دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باھالاشنىڭ سۈپىتى ۋە توغرىلىقى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. ئەدلىيىلىك باھالىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى باھالاش نەتىجىسىنىڭ ئىلمىي، ئوبيېكتىپ، مۇستەقىل، ئادىل ۋە توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىدى.  
بۇ يىل 4- ئايدا سىچىن تۇرا ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت- تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇن دوختۇرلۇقىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى كەسپىي- تېخنىكا جەھەتتىن ئەدلىيىلىك باھالىغۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىندى. يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان سىچىن تۇرا پۇختا كەسپىي ئىقتىدارى، ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇشتەك خىزمەت پوزىتسىيىسى بىلەن، كەسپ ئىچى- سىرتىدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.
2000- يىلى 7- ئايدا سىچىن تۇرا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىخەنزە شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش پەن- تېخنىكا تەتقىقات ئورنىغا تەكلىپ قىلىنىپ، قاتناش ھادىسىسىدىكى شوپۇرنىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش ۋە قاتناش ھادىسىسىدىكى ماددىي ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. 2006- يىلى 3- ئايدا، شىخەنزە شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىلتىماسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ تەستىقى بىلەن شىنجاڭ «جۇڭشىن» ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزى قۇرۇلدى، سىچىن تۇرا بۇ مەركەزنىڭ تەجرىبىخانىسىدا ئىشلىدى.
سىچىن تۇرا ئەينى يىللاردىكى خىزمەت ئەھۋالىنى ئەسلەپ، مەركەز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، قوبۇل قىلىدىغان تەكشۈرۈپ باھالاش كەسپى ئانچە كۆپ ئەمەسلىكى، ئەمما قاتناش ھادىسىسىدىكى ماددىي ئىسپاتلارنى باھالاشقا چېتىلىدىغان كەسپىي بىلىملەر ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى باھالاش كەسپىنى نورمال قوبۇل قىلغاندىن سىرت، يەنە سىرتقا چىقىپ تەكشۈرۈش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش، ماددىي ئىسپات ئېلىش، تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئېيىتتى.
سىچىن تۇرا مۇنداق دېدى: «دۆلەتنىڭ ئەدلىيىلىك باھالىغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ھەر بىر قېتىملىق تەكشۈرۈپ باھالاشتا تەجرىبە قائىدىسى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلدىم، مۇشۇنداق قىلغاندىلا باھالاش نەتىجىسىنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ».
ھازىر شىنجاڭ «جۇڭشىن» ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ قانۇن دوختۇرلۇقىدىكى زەھەرلىك ماددىلار ۋە مىكرو ماددىي ئىسپاتلارنى باھالاش كەسپى دەسلەپكى بىر نەچچە قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىدىن 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 30 نەچچە ناھىيەگە كېڭەيدى، باھالاش تۈرىمۇ دەسلەپكى ئىككى- ئۈچ تۈردىن ئون نەچچىگە كۆپەيدى. بۇ مەركەز قوبۇل قىلغان مىكرو ماددىي ئىسپات ۋە قانۇن دوختۇرىنىڭ زەھەرلىك ماددىلارنى باھالاش سانى جەمئىي 70 مىڭدىن ئاشتى.
سىچىن تۇرا ئەدلىيىلىك باھالاش خىزمىتىنى تاماملاشتا، ئىزدىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئۆگەندى. ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «مۇلازىمەت ۋە تەمىنلەش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشنى كونترول قىلىش تەرتىپى»، «باھالاش ئۇسۇلىنى باشقۇرۇش تەرتىپى» قاتارلىق 20 نەچچە خىزمەت تەرتىۋى ھۆججىتىنى تۈزۈپ، باھالاش مەركىزىنىڭ ئەدلىيىلىك باھالاش سۈپىتى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈردى.
مىكرو ماددى ئىسپات ۋە قانۇن دوختۇرلۇقىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى باھالاشتىن ئىبارەت ئىككى كەسىپتىكى ھوقۇق بەرگەن ئىمزا قويغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۈگۈنكى كۈندە سىچىن تۇرانىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. ئۇ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان ھەر بىر باھالاشتا، باھالاشنى ھاۋالە قىلغان تۈرنىڭ ماس كېلىشى، تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇشى، باھالاش ئۇسۇلىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى ۋە باھالاش نەتىجىسىنىڭ توغرىلىقى قاتارلىق ھالقىلارغىچە ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، چىگىش، مۇرەككەپ ياكى باشقىچە پىكىردىكى باھالاشلارغا قارىتا، باھالىغۇچى بىلەن ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پىكىر- تەكلىپ بېرىپ، باھالاش تەرتىپىنىڭ قانۇنلۇق، نەتىجىسىنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
سىچىن تۇرا مۇخبىرغا ئىشەنچ بىلەن: كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەن باھالاش مەركىزىنىڭ تەرەققىياتىغا شاھىت بولغانلىقى، ئۆزىنىڭمۇ ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكى ۋە ئالغا ئىلگىرلىكەنلىكى، كەسپىي تېخنىكا جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش ۋە سوتقا قاتنىشىپ گۇۋاھلىق بېرىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئۇلارنىڭ چىقارغان نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.
نۆۋەتتە، شىنجاڭ «جۇڭشىن» ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزى چىقىرىپ بەرگەن تەكشۈرۈش باھالاش نەتىجىسى خەلقارادا 100 دىن ئارتۇق ئەزا دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى