قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىنى تېز يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى

2018-11-16 11:02:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئۆزگىچە بولغان تەبىئىي ۋە جۇغراپىيەلىك شارائىتنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازاردا كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسى مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، جۇغراپىيەلىك بەلگە ماركىسىنى يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، دېھقانلارنى دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇردى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرى قۇمتام دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى باغۋەن ۋاڭ جۇڭخې ئۆزى ئۆستۈرگەن ئالمىلارنى سېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ تەشۋىقات ئېڭى كۈچلۈك بولغاچقا، قىپقىزىل ئالمىلارنى سىنغا ئېلىۋېلىپ، ئۈندىداردا ئىچكىرىدىكى خېرىدارلارغا تەشۋىق قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، 34 مو يەردىكى ئالما تېزلا سېتىلىپ بولۇندى. ۋاڭ جۇڭخې مۇنداق دېدى: ئالما ئۆستۈرىۋاتقىنىمغا 17 يىل بولدى. ئاقسۇ ئالمىسىنىڭ ماركا ئۈنۈمىنىڭ گەۋدىلىنىشىگە ئەگىشىپ، سودىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. بۇ يىل، ھەر كىلوگىرام ئالمىنى 8 يۈەندىن ساتتۇق. دەسلەپكى ھىساباتقا قارىغاندا، 300، 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالىشىمىز مۇمكىن. ھازىر، كىشىلەرنىڭ ماركا ئېڭى كۈچەيدى، سېتىشتىن غەم قىلمايمىز.
2009-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئالمىچىلىق جەمئىيىتى «ئاقسۇ ئالمىسى» نىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى، «ئاقسۇ ئالمىسى» يەنە جۇڭگونىڭ مەشھۇر تاۋار ماركىسى دەپ بېكىتىلدى. 10 يىللىق يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئاقسۇنىڭ ئالما ئۆستۈرۈش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئالمىلار مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرگىچە سېتىلدى. ئاقسۇ شەھەرلىك بازار نازارەتچىلىكى ئىدارىسى قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى دەي مىڭ مۇنداق دېدى: بىز جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىدىن ياخشى پايدىلىنىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، «شىركەت، جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسى ۋە دېھقانلارنى بىرلەشتۈرۈش» تەك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدۇق. قۇمتام قاتارلىق ئالما ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلاردا، دېھقانلارنىڭ ئومۇمىي كىرىمى ئىچىدە، ئالما ئۆستۈرۈشتىن قىلغان كىرىم %70 نى ئىگىلىدى، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 7 مىڭ يۈەنگە يۈەنگە يېتىپ، جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتىن ئىلگىرىكىدىن 3 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى.
ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاقسۇ ئالمىسى، كورلا نەشپۈتى، چاقىلىق چىلىنىغا ئوخشاش جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسى 88 گە يىتىپ، بۇ ماركىلار مەملىكەت بويىچىمۇ داڭق چىقاردى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى دېھقانلارنىڭ باغۋەنچىلىك كەسپى ئارقىلىق ئېرىشكەن كىرىمى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمىنىڭ %40 دىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن؛ بايىنغۇلىن ئوبلاستىدىكى كورلا نەشپۈتى ئۆستۈرگەن 100 مىڭ ئائىلىلىكتىن ئارتۇق باغۋەننىڭ يىللىق كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشقان؛ چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ چىلان مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە، چىلان ئۆستۈرگۈچىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 30 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسى-- «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار» ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇھىم بىلىم مۈلۈك ھوقوقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى «ئالتۇن ئاچقۇچ» قا ئايلانغان.
ئاپتونوم رايونىمىز ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئېغىر نامرات رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نامراتلىقنى تۈگىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، تەسىر دائىرىسى كەڭ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلىمەكتە.
  گۇما ناھىيە پىيالما يېزىسىنىڭ قۇمبويى كەنتىدە، دېھقان قاۋۇز ئابدۇكېرىم ئانارلارنى يەشىكلەرگە قاچىلاپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مېۋە توپ سېتىش سودىگەرلىرىگە تارقىتىپ بېرىش بىلەن ئالدىراش بولدى. بۇ ئىككى يىلدا ئۇلار ئانار ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ يېڭى ئۆي سالدى، ئاپتوموبىل سېتىۋالدى. قاۋۇز ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، ئانار سېتىشقا تايىنىپ، بىر مو يەردىن 14 مىڭ يۈەندىن جەمئىي 75 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان ئىدۇق. بۇ يىل، بىر مو يەردىن 16 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدۇق. بۇ يىل 100 مىڭ يۈەنلىك ئانار سېتىشىمىزدا گەپ يوق.
پىيالما يېزىسى «پىيالما ئانىرى» دىن ئىبارەت بۇ ماركىنىڭ قىممىتىنى تولۇق قېزىپ، دېھقانلار ئانارچىلىق جەمئىيىتى ۋە كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى چاتاش، ئۇلاشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئىلمىي پەرۋىش قىلىپ، ئانار سۈپىتىنى ئۆستۈردى. پىيالما يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ ياجىڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يېزا بويىچە ئانارنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 93 مىليون يۈەنگە، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ساپ كىرىمى 15 مىڭ 21 يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاناردىن قىلىنغان كىرىم ئومۇمىي كىرىمنىڭ %80 نى ئىگىلىدى. مۆلچەرلىشىمىزچە، بۇ يىل ئانارنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 110 مىليون يۈەنگە يېتىشى، دېھقانلارنىڭ ئاناردىن قىلغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 16 مىڭ يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن.
بۇ يىل7- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق 18 تارماق بىرلىكتە «ئاپتونوم رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى» نى ئېلان قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جەي شاۋيۇڭ مۇنداق دېدى: جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا ياردەم بېرىمىز. 2020- يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايون بويىچە جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسى 150 تىن؛ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مىقدارى 10 دىن؛ ھەر بىر ئېغىر نامرات ناھىيەدە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسى بىردىن ئاشىدۇ. جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىنى يېتىشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى