قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش» ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى

2018-11-16 11:06:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ئۇدا ئۈچ يىل قانات يايدۇرۇلغان ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭلىق شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىگە ساغلاملىق ئېلىپ كەلدى، ھەر مىللەت ئامما ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئارقىلىق، «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىئاگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساغلام تۇرمۇش ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.
مۇشۇ ئاينىڭ12- كۈنى ئەتىگەندە، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ بوستان مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق خەبەر مەتروزى شۇ جايدىكى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش نۇقتىسىغا بېرىپ، سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتناشتى. بىر سائەتتىلا قان تەكشۈرۈش،B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرۈش، ئېلېكترو كاردىئوگراممادا تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈرلەرنى تاماملىدى. خەبەر مەتروزىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ھەر يىلى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتنىشىش ئۇلارنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى خادىملار ئاھالىلەرگە ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئارقىلىق سالامەتلىك ئەھۋالىمىزنى تەكشۈرتۈپلا قالماي، يەنە ساغلاملىققا بولغان قارىشىمىز ئۆزگەردى.
ئاپتونوم رايونىمىز داۋالاش- ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى «ساغلاملىق پايدىسى» ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن، 2016- يىلى 9- ئايدىن باشلاپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭلىق شەھەر- يېزا ئاھالىلىرى ھەر يىلى بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولدى. بۇ يىل قانات يايدۇرۇلغان 3- قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتە، يەنە 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۆكرەك قىسمىنى X ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش، شۇنىڭدەك دىئابېت، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كېسەللەرنىڭ ساغلاملىقىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق تۈرلەر كۆپەيتىلدى. مۇشۇ ئاينىڭ 13- كۈنىگىچە، 3- قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتناشقانلار 17 مىليون 257 مىڭ 200 ئادەمگە، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش نىسبىتى %98.14 كە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 8 مىليون 841 مىڭ 800 ئادەم سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش نىسبىتى %97.05 كە يەتتى. جايلاردىكى سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنىڭ ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشى، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى. بورتالا شەھىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى ۋە شۇ جايدىكى داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىدىن مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، قېرى، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ، ھامىلدار قاتارلىق ھەرىكىتى قولايسىز ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلدى؛ ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىلەر ساغلاملىقى بويىچە ئەپ دېتالىنى يولغا قويدى. ئاھالىلەر يان تېلېفون بىلەن ساغلاملىق ئارخىپىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرەلەيدىغان ھەم توردا ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئالالايدىغان بولدى؛ جىمىسار ناھىيەسى دوختۇرخانا تور سۇپىسى قۇرۇپ، مەھەللىدە «ساغلاملىق ئۆيى» تەسىس قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش، داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشنىڭ كېيىنكى مۇلازىمىتىنى ئاھالىلەر ئەتراپىغا يۈزلەندۈردى. جىمىسار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شۆشېڭ مۇنداق دېدى: ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىدىن ئۆتكەن ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ساغلاملىق ئۆيىدىن ئىبارەت تور دوختۇرخانىسى سۇپىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئۇلارنى ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزۇش، سالامەتلىك ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش، سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز بۇ خىل داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ھەر بىر ئائىلىگە يەتكۈزىمىز.
  ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە تەخمىنەن 3 مىليارد 190 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 78 مىڭدىن ئارتۇق تېببىي خادىمنى يۆتكەپ سەپلىدى؛ سالامەتلىك تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن تەخمىنەن 2 مىڭ 800 نى تەسىس قىلىپ، جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا تەخمىنەن 6 مىڭ 600 يۈرۈش چوڭ تىپتىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى سەپلەپ بېرىپ، يېزا- بازار شىپاخانىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئاساسىي قاتلام سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گو ۋېيجياڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا- بازار شىپاخانىلىرىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى نىسبىتى %88.17 كە يېتىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتاللىرىنىڭ قوش ئۆسۈشى ئەمەلگە ئاشتى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئىلگىرى تولۇق ئاپتوماتىك بىئوخىمىيىلىك قان دانچىلىرىنى ئانالىز قىلىش ئەسۋابى، تولۇق ئاپتوماتىك بىئوخىمىيە، DR ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئۈسكۈنە يېزا- بازار شىپاخانىلىرى ۋە مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزىدە بىر قەدەر ئاز بولغاچقا، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشتە، بىر تەرەپتىن مۇلازىمەت ئىقتىدارى يېتىشەلمىسە، يەنە بىر تەرەپتىن پۇقرالاردىن بۇ تۈرلەر بويىچە كېسەل كۆرسىتىدىغانلارمۇ ئاز ئىدى. ھازىر، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى كاپالەتكە ئىگە بولغاچقا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى يېزا- بازار شىپاخانىلىرىدا بۇ ئۈچ چوڭ ئۈسكىنە بار بولدى. يەنە بىر جەھەتتىن، ئومومىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش خادىملىرىنى تەربىيلەش سالمىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارى بارغانسېرى ئۆسۈپ، ئاممىنىڭ ئىتىراپ قىلىش دەرىجىسىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى