قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سەمىمىيلىك بىلەن قىلىنغان كىچىك ئىشلارمۇ كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدۇ

2018-11-16 11:57:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى كەنتنى ئۆز يۇرتى، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆز تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.
مۇشۇ ئاينىڭ 10- كۈنى، مۇخبىر مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاقساقمارال يېزا ئاققۇم مازار كەنتىدىكى دېھقان ۋۇ خۇەيجۇڭنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ مۇخبىرغا بىر خاتىرە دەپتەر بەردى، ئۇنىڭدا قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئەنۋەر كېرەمنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان ھەر بىر ئىشى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن ئىدى. ۋۇ خۇەيجۇڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ يىل 72 ياشتا بولۇپ، ئايالى ئىككىسى يالغۇز تۇرىدىكەن، ئۇ كەنتتىكى نامرات ئائىلە ئىكەن. قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن كېيىن، تۇغقىنى ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى توپىلىق يولنى ئوڭشاپ بەرگەن، يەنە ئۇنىڭ ھويلا- ئارام باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ياردەم بەرگەن. ۋۇ خۇەيجۇڭ مۇنداق دېدى: بۇلارنى خاتىرلىشىمدىكى مەقسەد، ھەر ۋاقىت تۇغقىنىمنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئۆزەمنى بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا ئەسكەرتىش ئۈچۈن. تۇغقىنىم بىزگە 90 چۈجە ئېلىپ بەردى، توپىلىق يولنى ئوڭشاپ بەردى. تۇرمۇشىمىز تەدرىجىي ياخشىلاندى. ئەنۋەر ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇنىڭغا رەھمەت.
ۋۇ خۇەيجۇڭنىڭ يۈرەك كېسىلى بار ئىدى. ئەنۋەر كېرەم ھەر قېتىم تۇغقان يوقلاپ بارغاندا، ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ كېسىلىنى كۆرسىتەتتى. يەنە ئۈرۈمچىدىن دورا ئېلىپ باراتتى. ئەنۋەر كېرەم مۇنداق دېدى: ئەر- ئايال ئىككىسى ئىچىدىغان دورىلارنى مارالبېشى ناھىيەسىدىن تاپماق تەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تۇرىدىغان كەنت بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 80 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ، دورا سېتىۋېلىش بەك قولايسىز. شۇڭا، مەن ئۇلارغا دورا ئالغاچ بارىمەن، بارالمىسام، ئىدارىمىزدىكى كادىرلارغا قەرەللىك دورا ئاپىرىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىمەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدە ئەنۋەر كېرەمگە ئوخشاش قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىرلار خېلى كۆپ. كۆپچىلىك ئەتىيازدا ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا ئوغۇت ئاپىرىپ بەرسە، يازدا تۇغقانلىرىنى ئېلىپ سىرتلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى، كۈزدە تۇغقانلىرىغا ياردەملىشىپ زىرائەت يىغىدى، قىشتا تۇغقانلىرىغا كۆمۈر ئاپىرىپ بەردى. ئۇلار تۇغقانلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يەنە تۈرلۈك تۈر مەبلىغىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كەنتتىكى تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلارنى ئۆزگەرتىپ، ئېكولوگىيەلىك يېشىل باغ بەرپا قىلدى؛ 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يول، يول چىرىغى، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى رېمونت قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇڭ شيۇخۇڭ مۇنداق دېدى: ئىدىيە جەھەتتىن تۇغقانلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەھەتتىن ياردەم بەردۇق. بىز مۇشۇنداق ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش ئارقىلىق، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چېچىپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى