قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرپان شەھىرى ئالتە چوڭ باش تېمىلىق ساياھەت لىنىيەسىنى ئېچىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈچلۈك جەلپ قىلدى

2018-11-17 21:39:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  بۇ يىل قىشتا تۇرپان شەھىرى ئادىمىيەت مەنزىرىسى فوتو سۈرەت ساياھىتى، مېۋە- كۆكتات ئۈزۈش، كۈتۈنۈش ساياھىتى، تارىخى مەدەنىيەت تەتقىقاتى ساياھىتى قاتارلىق ئالتە چوڭ ساياھەت لىنىيەسىنى ئاچتى.
  قىشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدا، تۇرپان شەھىرى يارغول قەدىمى شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ ھەممىلا يېرىدە توپ- توپ يۈرگەن ساياھەتچىلەر قوللىرىدىكى فوتو ئاپپاراتلىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ، تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىلەرنى خاتىرىلەپ، تارىخنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئادىمىيەت مەنزىرىسىنى سۈرەتكە ئېلىش ساياھىتىنىڭ خۇشاللىقىدىن ھوزۇرلاندى. خۇبېيلىك ساياھەتچى شيۇڭ جىخېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ ئىككىنچى قېتىم تۇرپانغا ساياھەتكە كېلىشىم. بۇ يىل قىشتا ئادىمىيەت مەنزىرىسى سۈرەتكە ئېلىش ساياھىتى يولغا قويۇلغانلىقىنى ئاڭلىدىم. غەلىتە تاش ئورمىنى، قىزىل دەريا جىلغىسى، يارغول قەدىمى شەھىرى ۋە بۇيلۇق قاتارلىق چوقۇم ساياھەت قىلىدىغان جايلار تۇتاشتۇرۇلىدىكەن. ئۇ فوتو ئاپپاراتىنى ئېلىپ يولىنى داۋاملاشتۇرغاچ مۇنداق دېدى: تۇرپاننىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئادىمىيەت ئەھۋالىنى مەخسۇس سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن كەلدىم، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا كارىز، بۇيلۇق ۋە يالقۇنتاغقا باردىم، يەنە يارغول قەدىمى شەھىرىگە باردىم، ھەممىسى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن، مېنى تولىمۇ جەلپ قىلدى.
  تۇرپاندا قىش پەسلىدە مەيىن شامال چىقىپ مەنزىرىسى تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. تۇرپان يىپەك يولى تارىخىدىكى ئىزنالارنى تەكشۈرىدىغان، تەبىئىي ئېكولوگىيەنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىدىغان ياخشى جاي. ئادىمىيەت مەنزىرىسى فوتو سۈرەت ساياھىتى، مېۋە- كۆكتات ئۈزۈش، كۈتۈنۈش ساياھىتى، تارىخ، مەدەنىيەت تەتقىقاتى ساياھىتى قاتارلىق ئالتە چوڭ ئاساسىي تېمىدىكى ساياھەت لىنىيەسى ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ جەلپ قىلدى، ساياھەتچىلەر ئادىمىيەت مەنزىرىسىدىن قانغىچە ھوزۇرلانغاندىن باشقا، يەنە ئەل ئارىسىدىكى ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئەتلەس توقۇش، قوۋزاقتىن قەغەز ياساشنى سىناپ باقالايدۇ؛ دېھقانلار ئائىلىسىگە كىرىپ، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلالايدۇ. قۇمتاغ قۇملۇقى مەنزىرە رايونى ئىككى پارنىكنى ئىجارىگە ئېلىپ قىشلىق ئۈزۈشنى يولغا قويدى، سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىشتى. ئۈرۈمچىدىن بارغان ساياھەتچى پەن جۈن مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىدە قار يېغىشقا باشلىدى، بىراق تۇرپاننىڭ ھاۋاسى ئىللىق، كۆكتاتلىرى ياپيېشىل ئىكەن، كۆكتاتلارنى ئۈزۈپ، ئۆزىمىزنى ئازادە قۇيۇۋېتىپ، سەھرا تۇرمۇشىنى ھېس قىلدۇق، بەك كۆڭۈللۈك بۇلىدىكەن.
  تۇرپان شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئەن جىنچياڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۇرپان شەھىرىمىز ساياھەت لىنىيەسى تۈرىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ساياھەتچىلەرگە سەپىرىنىڭ بىھۇدە بولمىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، تۇرپان قىشلىق ساياھىتىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى ھەقىقىي نامايەن قىلىدۇق. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: مىللىي ئۆرپ- ئادەتتىكى نان يېقىش، پېچىنە- پىرەنىك پىشۇرۇش، لەغمەن ئېتىش قاتارلىقلارمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىگە كىرگۈزۈلدى. ساياھەتچىلەر ياتىقىدا يەنە توي مۇراسىمى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇڭلاشقا ھەر قايسى ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىز بىلەن بەس- بەستە ئالاقىلىشىپ، كۆپچىلىكنى تۇرپاننىڭ كۆرگىلى، ساياھەت قىلغىلى ۋە قاتنىشىشقا بۇلىدىغان بارلىق تۈرلىرىگە قاتناشتۇرۇپ، تۇرپانغا ھەقىقىي قىزىقتۇرماقچى بولدى.
تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى