قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قاراشەھەر ناھىيەسى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

2018-11-18 21:02:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، 2015- يىلى 11- ئايدا، قاراشەھەر ناھىيەسىنى «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش بويىچە سىناق ناھىيە» قىلىپ بېكىتتى ھەمدە ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش بويىچە سىناق قىلىنىدىغان ناھىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ تۈرنى يولغا قويدى. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، قاراشەھەر ناھىيەسى ئۈزلۈكسىز تۈزۈلمە- مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر قاتار يانداش سىياسەتلەرنى تۈزدى. ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.
  نەچچە كۈندىن بۇيان، ھاۋا گەرچە سوغۇق بولسىمۇ، قاراشەھەر ناھىيەسى مەدەنىيەت كەسىپلەشكەن باغچا رايونىدا ساياھەتچىلەر يەنىلا ئىنتايىن كۆپ بولدى. ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەردە تالدا توقۇلغان بۇيۇملارنى كۆرگەچ، خۇشال كەيپىياتتا كاۋاپ، پىنتاڭ قاتارلىق ئالاھىدە يېمەكلىكلەرگە ئېغىز تېگىشتى. ساياھەتچى لى يۆ مۇنداق دېدى: بۇ يەر ھەم گۈزەل ھەم ئۆزگىچە تۈسكە تولغان ئىكەن. بولۇپمۇ، قومۇش رەسىم ۋە تالدا توقۇلغان سېۋەتلەر كىشىنى بەكمۇ جەلپ قىلدىكەن. مەن بۇلاردىن سېتىۋېلىپ دوستلىرىمغا ئالغاچ كېتىمەن. بۇ يەرنىڭ تائاملىرىمۇ بەك يېيىشلىك ئىكەن. مەن بۇ يەرگە چوقۇم يەنە كېلىمەن. 
  ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن تەرىپلەنگەن قۇمۇش رەسىمنى دېڭ سۇخۇا ئىسىملىك سەنئەتكەر سىزغان ئىدى. دېڭ سۇخۇا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كەسىپلەشكەن باغچا رايونىدا تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيلەنگەچكە، ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلىيەلىدىم. قومۇش رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، دەسلەپتە ئاددىي رەسىملەرنى سىزدىم، بۇ جەھەتتە تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن تېخىمۇ مۇرەككەپ رەسىملەرنى سىزىشقا باشلىدىم. قومۇش رەسىملەرنىڭ سېتىلىشى ناھايىتى تېز بولىۋاتىدۇ.  
  قارشەھەر ناھىيەسى مەدەنىيەت كەسىپلەشكەن باغچا رايونى بۇلتۇر 4- ئايدا رەسمىي سىرتقا ئېچىۋېتىلدى. كەسىپلەشكەن باغچا رايونى ئۆزگىچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپى بىلەن مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ئىشلەش، مەززىللىك يېمەكلىك، ئائىلىۋى ياتاق، يېزا ئىگىلىك ئىستىراھەت ساياھىتى بىر گەۋدە قىلىنغان ئالاھىدە ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بەرپا قىلىپلا قالماي، «شىركەت بىلەن دېھقانلار ئائىلىسى» ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىل ئارقىلىق ئەتراپتىكى يۈزدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. كەسىپلەشكەن باغچا رايونىنىڭ مەسئۇلى چېن جىڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىر قانچە يىلدا، دۆلىتىمىز ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇشقا ئائىت نۇرغۇن يېڭى سىياسەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. بىز يەنە ئىگىلىك تىكلەش ياردىمى تولۇقلىمىسى، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش تولۇقلىمىسى، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 200 مىڭ يۈەنلىك تولۇقلىمىغا ئېرىشىپلا قالماي، 1 مىليون يۈەنلىك ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلىنى قولغا كەلتۈردۇق.   
  قاراشەھەر ناھىيەسى مەدەنىيەت كەسىپلەشكەن باغچا رايونى شۇ جاينىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بەرگەنلىكىنىڭ كارتىنىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراشەھەر ناھىيەسى ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش خاراكتېرلىك مەبلەغ تەسىس قىلىپ، «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» نى تۈزۈپ تارقىتىپ، مېھمانخانا، يېمەك- ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، ساياھەت كەسپىدىكى ئىگىلىك تىكلەش ئەمەلىي گەۋدىلىرىگە ئۆي ئىجارىسى تولۇقلىمىسى، بېزەش تولۇقلىمىسى بېرىپلا قالماي، بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ناھىيە بازىرىدىن يېزىلارغىچە، باغچا رايونىدىن مەھەللىلەرگىچە ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى چوڭ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. قاراشەھەر ناھىيەلىك ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ لىپىڭ مۇنداق دېدى: 2015- يىلىدىن بۇيان، ناھىيەيىمىز 2 مىڭ 870 ئىگىلىك تىكلىگۈچىنى يۆلەپ، 5 مىليون 30 مىڭ يۈەن ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش تولۇقلىما مەبلىغى تارقاتتۇق. ياخشى سىياسەتنىڭ ئۈنۈم يارىتىشقا يېتەكلەش رولى گەۋدىلىك بولدى. قارا شەھەر ناھىيەمىزدە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %25 تىن يۇقىرى بولدى، 7 مىڭ 263 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن بىز تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆپچىلىكنى ئىگىلىك تىكلەپ يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھاملاندۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىمىز. 
  تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى