قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ۋاڭسەن كوچىسىدىكى سودىگەرلەر شىڭلۇڭ كوچىسىدىكى سودىگەرلەر بىلەن ئۆزئارا قوشماقلىشىپ تۇققان بولۇشتى

2018-11-18 21:32:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ۋاڭسەن كوچىسىدىكى سودىگەرلەر شىڭلۇڭ كوچىسىدىكى سودىگەرلەر بىلەن ئۆزئارا قوشماقلىشىپ تۇققان بولۇشتى. ئۇلار ئۆزئارا بېرىش- كېلىش قىلىش، ئۆزئارا ياردەملىشىش داۋامىدا مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنلاشتى، سودىسىمۇ بارغانسېرى روناق تاپتى.
  ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شىڭلۇڭ كوچىسىدىكى ياڭراتقۇ- ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ياڭ چىڭخۇا ۋاڭسەن كوچىسىغا كېلىپ، بۇ يەردە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئاچقان قوشماقلاشقان تۇققىنى مەمەتجان قاسىمنى يوقلىدى. بۇ ئىككەيلەن قوشماقلىشىپ تۇققان بولغاندىن بۇيان، ياڭ چىڭخۇا مەمەتجان قاسىمنىڭ دۇكىنىنىڭ سودىسى كاساتلاشقاندا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا چارە- تەدبىر كۆرسىتىپلا قالماي، دۇكىنىدىكى خېرىدارلىرىغا ئۇنىڭ دۇكىنىنى تونۇشتۇردى. مەمەتجان قاسىم مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ دوستلىرى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىۋالماقچى بولغاندا، ئۇ تۇنجى بولۇپ ماڭا تېلىفون قىلىدۇ. دەسلەپتە سودام ئانچە ياخشى بولمىغانىدى، كېيىن ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە سودام تەدرىجىي روناق تاپتى.   
  ياڭ چىڭخۇا مۇنداق دېدى: ئادەتتە تۇققىنىم مەمەتجان قاسىممۇ خېرىدارلىرىنى دۇكىنىمغا تونۇشتۇرۇپلا قالماي، تۇرمۇشتىكى ھەر بىر ئىشلىرى ئۈستىدە مېنىڭ بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. ھازىر مەمەتجان قاسىم بىلەن خۇددى قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتىمىز. ئاكام مەمەتجان قاسىم بىلەن قوشماقلىشىپ تۇققان بولغاندىن كېيىن بىز تۇرمۇش ۋە تىجارەت جەھەتتە ئۆزئارا ياردەملىشىپ كەلدۇق. تىجارەتتە كىشىلەرگە مۇلايىم بولۇپ، ماھىرلىق بىلەن تىجارەت قىلىپ، سودىمىزنى تەدرىجىي روناق تاپقۇزدۇق.  
  ئىككى كوچىدىكى سودىگەرلەر بىرگە- بىر قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن باشقا يەنە كوللىكتىپ كۈچ چىقىرىپ، ئەڭ يېڭى ئاممىۋى مەبلەغ توپلاپ ئىگىلىك تىكلەش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى. ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق قاتارلىق يەتتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان 88 تىجارەتچى بىرلىشىپ مەبلەغ چىقىرىپ ۋاڭسەن كوچىسىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئاشخانىسى ئاچتى. كۆپچىلىكنىڭ پۇلى بارلىرى پۇل قوشتى، كۈچى بارلىرى كۈچ چىقاردى. ھازىر، بۇ ئاشخانىنىڭ سودىسى بارغانسېرى قىزىپ كەتتى. كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈتۈۋېلىنىدىغان خېرىدار 200 كىشىدىن ئاشتى. ئاشخانىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى ئايشەمگۈل تۇنىياز مۇنداق دېدى: ئاشخانىمىزغا كادىرلار بىلەن ئۇلارنىڭ قوشماقلاشقان تۇققانلىرى كېلىپلا قالماي، يەنە ئىچكىرىدىن نۇرغۇن ساياھەتچى كەلدى. ئاشخانىمىزنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» نى نامايەن قىلىدىغان سۇپا قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، خېرىدارلارغا مەززىلىك تائاملىرىمىزنى چىقىرىپلا قالماي، قويۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتىنى ھىس قىلدۇرىمىز.
  ھازىرغىچە، ۋاڭسەن كوچىسى بىلەن شىڭلۇڭ كوچىسىدىكى قوشماقلىشىپ تۇققان بولغان تىجارەتچىلەر 107 جۈپ، 214 كىشىگە يەتتى. بۇ يىل 10- ئايدا، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ۋاڭسەن كوچىسىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى» گە رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى خې شيۇخۇا مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دائىرىمىزنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ تىجارەتچىنى قوشماقلىشىپ تۇققان بولۇش پائالىيىتىمىزگە قاتناشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقلىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز ھەمدە كوللېكتىپنى جايلارغا بېرىپ ھال سوراش ۋە نامراتلارنى يۆلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ھەممە جايدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرىمىز.         

 تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى