قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، «سوغۇق بايلىق» نى «قىزىق ئىقتىساد» قا ئايلاندۇردى

2018-11-18 21:59:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  قىش كىرگەندىن بۇيان، سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى زور بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئېسىل ساياھەت لىنىيەسى ۋە ساياھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، «سوغۇق بايلىق» نى «قىزىق ئىقتىساد» قا ئايلاندۇرۇپ، قىشلىق ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇردى.
  جىمىسار ناھىيەسىدىكى ۋۇسەيۋەن«گۇخەي» ئارشىڭى ساياھەت ئارامگاھىدا، ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان دالىدا، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئارشاڭغا چۈشۈپ، چەكسىز خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولدى. شەنشىلىك ساياھەتچى ۋاڭ جيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم ساياھەتكە كېلىشىم. بۇ يەردە ئارشاڭغا چۈشۈپ، نەچچە كۈندىن بۇيانقى ھارغىنلىقىم پۈتۈنلەي تۈگىدى.
  ئىگىلىنىشىچە، سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يولغا قويغان ئۆزگىچە ساياھەت پائالىيىتىدە ئارشاڭ ئەۋزەللىكى نامايان قىلىنىپ، «چاڭغا تېيىلىش بىلەن ئارشاڭ ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن» ساياھەتچىلىكنىڭ يوشۇرۇن كۈچى قېزىپ چىقىلىپ، بوغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، شەھەر مۇز ھەيكەللىرى قار- مۇز ئويما تەنھەرىكىتى قاتارلىق قىش ۋە ئەتىيازلىق قار-مۇز ساياھەت كەسپلىرىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش بىلەن بىللە، «گۇخەي» ئارشاڭ ئارامگاھى ۋە «ۋۇجياڭ» ئارشاڭ ئارامگاھى قاتارلىق ئارشاڭ ئىستىراھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش ئىلگىرى سۈرۈلدى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى جايلار قىش ۋە ئەتىيازلىق ساياھەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. مورى ناھىيەسىنىڭ مىڭشا تېغى، گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى جانبۇلاق مەنزىرە رايونى، ماناستىكى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى قاتارلىق 100 مەنزىرە نۇقتىسىمۇ كەينى- كەينىدىن كۆپ خىل ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. فۇكاڭ شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يەن سۇڭمىي مۇنداق دېدى: بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى كىرىش بېلىتى ئالغاندىن باشقا بارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋەتتى. ھەر قايسى مەنزىرە نۇقتىلىرى ئۆزگىچە پائالىيەت ۋە ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. مەسىلەن، ۋۇجياڭ ئارشاڭ ئارامگاھى بىر تەرەپتىن ئارشاڭنى ئاساسىي تېما قىلغان ساياھەت تۈرىنى ياخشى ئىشلىگەندىن سىرت، يەنە قار باغچىسى ئۆزگىچە تۈرىنى لايىھەلىدى. ۋاڭمۇ شاپتۇللۇق پارنىكىدا مېۋە ئۈزۈش تۈرى يولغا قويۇلدى.
  سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قىش ۋە ئەتىيازلىق ساياھەتچىلىكتىن تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، ۋۇجياچۈ شەھىرى بىلەن بىرلىشىپ، «تۇغقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، تۆت جايدىكى قوشماق تۇغقانلارنى«غەربىي يۇرتقا قايتىش» ناملىق چوڭ تىپتىكى ناخشا- ئۇسسۇل كېچىلىكىنى ھەقسىز كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى. بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىل 4- پەسىلدە، سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 3 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىشى مۇمكىن. سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ زىبىڭ مۇنداق دېدى: جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پەرقلىق ماركا يارىتىپ، «چاڭغا تېيىلىش بىلەن ئارشاڭ ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن»ساياھەتچىلىكنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قازىمىز.«شېچېڭ» تورى بىلەن ھەمكارلىشىپ،مىڭ ساياھەت كارخانىسىنىڭ شېچىڭ تورىغا چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆپ مەنبەلىك سۈپەت تەسىراتىنى يولغا قويۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان باھا بىلەن ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىمىز. 

 تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى