قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چوڭقۇر قېرىنداشلىق مېھرى

2018-11-19 11:29:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
جىڭ ناھىيەسىنىڭ باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدا، بىر مانتىخانا سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ «مانتىپەز ئاكا- ئۇكىلار» غا بولغان تونۇشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. بۇ «مانتىپەز ئاكا- ئۇكىلار» نىڭ زادى قانداق ھىكايىسى بار؟ «مانتىپەز ئاكا- ئۇكىلار» نىڭ ئاكىسىنىڭ ئىسمى جۇ شۈمىڭ بولۇپ، جىڭ ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، ئىنىسى توختىباي ئېرسىيەت جىڭ ناھىيەسى باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمەتچىسى. 2016- يىلى، ئىككىيلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشتى. ئەينى چاغدا، توختىباي ئېرسىيەت دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىسى ئىدى. ئىككىيلەن تونۇشقاندىن كېيىن، جۇ شۈمىڭ تۇرمۇشتا دائىم ئىنىسى توختىباي ئېرسىيەتكە ياردەم قىلىدىغان بولدى.
توختىباي ئېرسىيەت تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، بۇ يىل 4- ئايدا، بىر ئاشخانا ئاچماقچى بولدى، ئەمما تەجرىبىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، جۇ شۈمىڭ بىلەن مەسلىھەتلەشتى. توختىباي ئېرسىيەت مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا مەن جۇ شۈمىڭ ئاكامدىن بۇ ئاشخانىنى ئاچسام بۇلىدىغان- بولمايدىغانلىقىنى سورىسام، ئاكام: بۇلىدۇ، چۇقۇم ئېچىڭ، دېدى.
توختىباي ئېرسىيەت جۇ شۈمىڭنىڭ قوللىشى بىلەن ئۈچ ئايدىن كېيىن، «ئالمىلىق تېز تاماقخانىسى» نى ئاچتى. ئاشخانا مانتا، ئەتكەن چاي قاتارلىقلارنى ئاساس قىلدى. جۇ شۈمىڭ ئىنىسىنىڭ تەجرىبىسىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئىنىسىنىڭ ئاشخانىنى باشقۇرۇشىغا ياردەملەشتى. جۇ شۈمىڭ مۇنداق دېدى: مەن ئاشخانىدا توختىماي ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش، ئۇششاق قورۇمىلارنى چىقىرىش، شوۋىگۈرۈچ قاينىتىش، تاماق تۈرىنى كۆپەيتىش تەكلىۋىنى بەردىم، بۇنداق بولغاندا ئاشخانىغا كېلىدىغان خېرىدارلارمۇ كۆپىيەتتى.
ھازىر ئاكىسى جۇ شۈمىڭنىڭ ئازراقلا ۋاقتى بولسا دوستلار چەمبىرىكىدە ئىنىسىنىڭ ئاشخانىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان؛ ئىنىسى توختىباي ئېرسىيەت تاماق سۈپىتىنى قانداق ياخشىلاش، قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ خېرىدار جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان بولدى. ئاكا- ئۇكا ئىككىيلەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، بۇ ئاشخانىنىڭ سودىسى بارغانسېرى جانلاندى. ھازىر، مانتىدىنلا بىر كۈندە 300، 400 يۈەن كىرىم قىلىنىدۇ. ئۇلارنى تونۇيدىغانلار ئۇلارنى سەمىمىي ھالدا «مانتىپەز ئاكا- ئۇكىلار» دەپ ئاتىشىدىغان بولدى. توختىباي ئېرسىيەت مۇنداق دېدى: ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى، بىز ياخشى قېرىنداشلاردىن بولۇپ قالدۇق.
جۇ شۈمىڭ مۇنداق دېدى: بىز ھازىر بىر تۇغقان ئاكا- ئۇكىلاردەك، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىۋاتىمىز. ئۇ قانداقلا ئىش بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىدۇ، بىز ھەر كۈنى ئۈندىدار ئارقىلىق پاراڭلىشىمىز، مەنمۇ ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىۋاتىمەن. 

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى