قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ساغلام تۇرمۇش ئادىتى

2018-11-19 19:46:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇ يۈ

 بىر يىلنىڭ ئالدىدا بەدەن ئېغىرلىقىم گەرچە 85 كىلوگرام كېلىدىغان بولسىمۇ، ئۆزۈمنى يەنىلا شۇنداق ئورۇق ھېس قىلاتتىم. ئۇزۇن مەزگىل تەرتىپسىز ئوزۇقلىنىش ۋە مايلىق تاماقلار ھەزىم قىلىش سىستېمامنى قالايمىقان قىلىۋەتكەنىدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بەدىنىم خۇددى «ماي تۇڭى» غىلا ئوخشاپ قالغانىدى.
    سالات بەدىنىمدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاشتىن ئىلگىرى، ئىزچىل «بۇنداق نەرسىنىمۇ ئادەم يەمدۇ» دەپ ئويلايتتىم. ئەمما، ھازىر ھەر بىر كەچلىك ئىسمېنا ئىشلىگىنىمدە، خىزمەت ئۈستىلىمدە سۇلياۋ قاچىغا قاچىلانغان سالاتنى كۆرىسىز. سۇلياۋ قاچىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ۋىلكا بىلەن بىر تەرەپتىن بۇنىڭغا قاچىلانغان ھەر خىل مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى يىگەچ يەپ بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىمەن.
  جۇ شىغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ ياشلار ھازىر تاماق ئۈستىلىدە سالاتنى ئاساس قىلماقتا. بۇ خىل تۇرمۇش ئادىتى كىشىلەر تەرىپىدىن «ئوت- چۆپ يېيىش»؛ تېخىمۇ مودا بولغان ئۇسۇلدا «يېنىك تاماق يېيىش» دەپ ئاتالدى. ھازىرقى شەھەر تۇرمۇشىنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك ياشلار ئاددىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللىماقتا، «يېنىك تاماق يېيىش» ياشلارنىڭ ھەر جەھەتتىكى بېسىمىنى يېنىكلەتمەكتە.
  يېمەكلىك ئادىتى ۋە گۈزەللىك.
  خوجايىنىم بەش يىل ئىلگىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر چوڭ كارخانىدا مالىيە ئىشلىرىنى قىلغانىدى. خىزمەت ئالدىراش بولغاچقا، ئۇ دائىم كەچ سائەت 8، 9 لارغىچە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيتتى. ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەندە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇ دائىم سىرتتىن تاماق بۇيرۇتۇپ يەتتى.
  ئۇ قورسىقىنىڭ تېز سۈرئەتتە سىرتقا تومپىيىپ چىقىپ قالغانلىقىنى بايقىدى. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ قاملاشقان ياش خوجايىنىم  مايلىق تاماقنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان، ئېغىرلىقى تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان سېمىز كىشىگە ئايلىنىپ قالدى. يېشىنىڭ چوڭىيىشى بىلەن تەڭ سەمىرىش ئۇنى كېچىلىرى ئۇخلىيالمايدىغان، ئاشقازىنى قاتتىق ئاغرىيدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايدىغانلىقى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چوقۇم ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.  
  قىز دوستىنىڭ تەسىرىدە، خوجايىنىم سالات يېيىشكە باشلىدى. داۋاملىق سالات ئىستېمال قىلىش نەتىجىسىدە، خوجايىنىم ئىككى ئاي ئىچىدە بەش كىلوگرامدىن ئالتە كىلوگرامغىچە ئورۇقلىدى، بەدەن ساپاسىمۇ ئاشتى.
  نۇرغۇن سەمىرىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئۇنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بارلىق «ئوت- چۆپ يەيدىغانلار»نىڭ مەقسىتى ئورۇقلاش. 
  ليۇ شىن ئىلگىرى ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ئائىت: «ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەلەلا بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق تۇرمۇش سۈپىتىنى ئاشۇرۇشقا ھېرىسمەن كەلمەيدۇ، قورسىقى ھەميانىدىنمۇ بەكرەك تومپىيىپ كەتكەنلەر تېخىمۇ بەكرەك بەدەن چېنىقتۇرۇشى كېرەك. بەدەن سۈپىتىنى بۇزۇۋالغانلار پەقەت تەر ئاققۇزۇپ چېنىقىش، موسكۇل چىقىرىش جەريانىدا ئاغرىقنى ھەقىقىي ھېس قىلىش ئارقىلىقلا بەدەن شەكلىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. تەن ساقلىق زور بايلىق» دىگەن بىر ئابزاس سۆز يازغانىدى.
  شۇنىڭدىن باشلاپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشتا سالات ئۇنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىكىگە ئايلاندى.
  جۇ يۈ: «تاماق يېيىش ياشاش ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەر قېتىم سىرتتىن تاماق بۇيرۇتۇپ يېگەندە ئۆزۈمنى ئەپلەپ- سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم»، دېدى . ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، بېيجىڭغا كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئەپلەپ- سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشتەك تۇرمۇش ئۇسۇلۇم تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنىدى. ھەر قېتىم ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيۈمگە قايتىپ، ھېرىپ كەتكەچكە يۈزىمنىمۇ يۇيماي ئۆزۈمنى كارىۋاتقا ئاتاتتىم، ھېچقانداق ئىش قىلىشمۇ خوشياقمايتتى. ئەمما، ئورنۇمدىن تۇرۇشدىكى بىردىنبىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يەنىلا «مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ» بولۇپ قالغانىدى. بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ مەزىللىك يېمەكلىك شۇنداقلا «ھاياتلىق نۇرۇم» ئىدى. بۇ خىل تۇرمۇش ئادىتىم «يېنىك تاماق يېيىش» كە باشلاشتىن تارتىپ ئۆزگەردى. مەن توردىن بىر كىچىك تارازا سېتىۋالدىم، بۇ تارازا 0.01 گرامغىچە ئىنچىكە ئۆلچەيدىغان بولغاچقا، تۇرۇپ يېسەممۇ تارازىغا قويۇپ ئۆلچەيدىغان بولدۇم.
  تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئاتالمىش «يېنىك تاماق يېيىش»، «ئۇششاق بۇرژۇئازىيە»، «ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە» نىڭ ئورنىنى بېكىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ.  
  مەن شۇلاردەك ئادەم بولۇشنى ئويلايمەن.
  تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، «يېنىك تاماق يېيىش» ساغلام تاماق دائىرىسىدىن ھالقىپ چىقىپ، بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئايلاندى. بېيجىڭ خەلقئارا سودا سارىيىدا، يىراق- يېقىنغا داڭلىق بىر يېمەكلىك دۇكىنىدا ئادەملەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى. دۇكاننىڭ لايىھەلىنىشى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، سېمونت رەڭلىك تام يۈزىگە بىر نەچچە ۋاراق ئاق قەغەزنىڭ ئېسىلغانلىقىنى، قەغەز يۈزىگە قارا رەڭلىك قەلەمدە بۈگۈن چىقىرىلىدىغان سالات تۈرلىرىنىڭ ئېنىق يېزىلغانلىقىنى كۆرىسىز. يېڭى يېمەكلىك ماتېرىياللىرى ئەينەك ئىشكاپنىڭ ئىچىگە رەتلىك قويۇلغان بولۇپ، كىشىلەر خالىغىنىچە تاللاپ سېتىۋالسا بولىدۇ.
  ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرغان مېھمانلار ۋىلكىسى بىلەن تەخسىدىكى يېشىل سالاتلارغا ئېغىز تەگمەكتە. خېرىدارلارنىڭ يېرىمى چەتئەللىك ئىدى. دۇكاندا ئولتۇرۇپ دېرىزە سىرتىدىكى قىستا- قىستاڭ سېلىنغان ئېگىز بىنا ۋە پاكىز كىيىنگەن ياش مائاشلىقلارنى كۆرگىلى بولاتتى.
  جۇ يۈ: «شۇ چاغدا مېنىڭمۇ شۇلارغا ئوخشاش ئادەم بولغۇم كەلدى» دېدى. ئۇلار قابىلىيەتلىك كىشىلەر، مودا، شەھەرلەرنىڭ كەلگۈسى ۋە ياشلارنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. جۇ يۈ بۇنىڭدىن تەخمىنەن 10 يىل بۇرۇن، دەسلەپتە «يېنىك تاماق يېيىش» قارارىغا كېلىشتىكى بىر قىسىم سەۋەبنىڭ يېمەكلىك ئارقىلىق مەۋھۇم شەھەرگە كىرىش بېلىتىگە ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
  ئون يىلدىن كېيىن، جۇ يۈ «ئۇلار» نىڭ بىر ئەزاسىگە ئايلانغاندىن كېيىن، ئۇلارغا ھەۋەس قىلمايدىغان بولدى. «ئوت- چۆپ يېيىش» تىمۇ ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسىغا ئىگە بولمايدىغان بولدى، خۇددى كاستۇم- بۇرۇلكا ئوخشاش بولمىغان كىشىلەردە ئوخشاش بولمىغان قىياپەت ھاسىل قىلغانغا ئوخشاش.
  ھازىر مەن «سالات ۋاقتى» دىن يالغۇز بەھرىمەن بولىمەن. ھېچكىم ئاۋارە قىلمايدىغان ۋاقىت قىممەتلىك ۋاقىت. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىممەتلىك ۋاقىتتىن مەن ناھايىتى ياخشى ھوزۇرلىنالايمەن. دېرىزە سىرتىدىكى ئالدىراپ- تېنەپ مېڭىۋاتقان ئادەملەر ۋە ئاپتوموبىللارغا قاراپ خىيال سۈرۈپ كېتىمەن، بىر سائەتتىن كېيىن يەنە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلىمەن.
  سالات ئۆزىنى تىزگىنلەشنىڭ ۋىكليۇچاتېلى.
  ئەگەر يېمەكلىككە نومۇر قويۇشقا توغرا كەلسە، مەن ئەڭ يېيىشلىك سالاتقا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئالتە نومۇر قويىمەن. ھەر كۈنى گۇگۇم چۈشكەندە، خىزمەت ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ تاماق توشۇيدىغانلارنىڭ تېلېفونىنى ئالغىنىمدا، كۆڭلۈم يەنە بىئارام بولىدۇ. ئامالسىزلىقتىن، يەنە بىر قېتىم غەيرەتكە كېلىپ، كۆكتات سالات ۋە توخۇنىڭ كۆكرەك گۆشىنى يەيمەن. 
  سالات ئۆزۈمنى تىزگىنلەش ۋىكليۇچاتېلى بولۇپ، سالات يېيىش- يېمەسلىك بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورنىغا بېرىش قېتىم سانىم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
  نەچچە ئاي ئىلگىرى ئورۇقلاشتا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ترېنېر ماڭا كېيىنكى باسقۇچتىكى نىشاننىڭ مۇسكۇل چىقىرىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. دېمەك، مەن ئەمدى ھەر كۈنى سالات يېمىسەممۇ بولاتتى. ھازىر، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى كەچلىك تاماق ئۈستۈلۈمگە قايتىدىن چىقتى.
  بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، مەن ئېغىرلىقنى ئۆلچەش تارازىسى ئۈستىدە تۇرۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىمنىڭ 90 كىلوگرامغا چىققانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى. بىرنەچچە ئاينىڭ ئالدىدا، كېچىلىرى ئۆزۈمنى تۇتالماي مايدا پىشۇرۇلغان توخۇلارنى يېۋالغىنىمنى ئەسلىگىنىمدە، سالاتنىڭ خۇددى قوڭغۇراقلىق سائەتكە ئوخشاش، ماڭا تۇرمۇش رېتىمىمنى تەڭشەشنى ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. بۇ قوڭغۇراقلىق سائەت سايرىمىسىلا، مەن ئۆزۈمنى كونترۇل قىلالماي قالىمەن.    
  ليۇ شىن: «سىز خىزمىتىڭىزنى كونترول قىلالمايسىز، باشقىلارنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان- كۆرمەيدىغانلىقىنىمۇ كونترول قىلالمايسىز، نۇرغۇن ئىشلارنى سىز ئەسلا كونترول قىلالمايسىز» دېدى. ئۇ يەنە: «شۇڭا تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئۆزىڭىزنى ساغلام ياشاش ئىمكانىيىگە ئىگە قىلىش ھازىرقى ياشلارنىڭ بىردىنبىر كونترول قىلالايدىغان ئىشى» دېدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى