قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مۇقەددەس زىمىن

2018-11-19 19:47:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ زىمىننىڭ ھەر بىر قىسمى بىزنىڭ مىللىتىمىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇقەددەس. ھەر بىر پارچە قۇملۇق، ھەر بىر پارچە تېرىلغۇ يەر، ھەر بىر تاغ تىزمىسى، ھەر بىر دەريا- ئۆستەڭ، ھەر بىر تال پارقىراپ تۇرغان قارىغاي يوپۇرمىقى، ھەر بىر تال ھاشارەت، يەنە ئاشۇ قويۇق ئورمانلىقتىكى تۇمان ۋە كۆك ئاسماندىكى ئاپئاق بۇلۇتلار بولسا مىللىتىمىزنىڭ خاتىرىسى ۋە تەسىراتىدا ھەممىسى مۇقەددەس.

بىز زىمىننىڭ بىر قىسمى، زىمىن بولسا بىزنىڭ بىر قىسمىمىز. ئوت- چۆپ، يېشىل يوپۇرماق ۋە گۈل- گىياھلار بولسا بىزنىڭ ھەدە- سىڭىللىرىمىز، قانداغاي، ئارغىماق، بۈركۈتلەر بىزنىڭ قېرىنداش ئىنىلىرىمىز. دەرەخ يىلىمىنىڭ دەرەخ غولىدىن ئېقىپ چىقىشىخۇددى قېنىمىزنىڭ تومۇرلىرىمىزدا ئاققىنىغا ئوخشايدۇ. بىز زىمىندىكى تاغ- دەريا، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئورتاق بىر ئائىلىگە تەۋە.

دەريا ئېقىنلىرىدا ئېقىۋاتقىنى سۈپسۈزۈك سۇ بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەجدادلىرىمىزنىڭ قېنى. سۈزۈك كۆل سۈيىدىكى ئەكسىمىز بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىز ۋە خاتىرىمىزنى ئەكس ئەتتۈرسە، سۇلارنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازلىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ سەمىمىي ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

دەريا سۈيى بىزنىڭ ئۇسسۇزلىقىمىزنى قاندۇرۇپ، قەلب ئېتىزىمىزنى سۇغۇرۇپ، ئەۋلادلىرىمىزنى تەربىيەلەيدۇ. دەريا سۈيى يەنە ياغاچ كېمىلىرىمىزنى توشۇيدۇ، ياغاچ كېمىلىرىمىز مەڭگۈ ئېقىپ تۇرىدىغان ئاشۇ دەريا سۈيىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، ئەنە شۇ ياغاچ كېمىلەرگە بىزنىڭ ئارزۇلىرىمىز قاچىلانغان.

ئەگەر بىز بۇ زىمىننى تاشلاپ، سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرسەك، شۇ يادىڭلاردا بولسۇنكى، بۇ زىمىن مۇقەددەس زىمىن. دەريا سۇلىرى بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ھەم سىلەرنىڭمۇ قېرىندىشىڭلار. شۇڭا، ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارغا ۋاپا قىلغاندەك، دەريا سۇلىرىغىمۇ ۋاپا قىلىشىڭلار كېرەك.

ئىندىئانلار يامغۇردىن كېيىنكى مەيىن شامالدىن ھوزۇرلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ سۇ يۈزىنى سىپاپ ئۆتكەندىكى ئاۋازىنى، مەيىن شامال ئېلىپ كەلگەن دېۋىرقاي ھىدىنى ياخشى كۆرىدۇ. ھاۋا ئۇلار ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك. چۈنكى، بارلىق ھاياتلىق ئۇنىڭغا مۇھتاج.

ئەگەر بىز بۇ زىمىننى تاشلاپ، ئۇنى سىلەرگە ئۆتكۈزىۋەتسەك، شۇ يادىڭلاردا بولسۇنكى، بۇ زىمىن ئىنتايىن مۇقەددەس. ھاۋا ۋە ئۇ ئوزۇقلاندۇرغان ھاياتلىق بىرلىككە ئىگە بولۇپ، مەيىن شامال ئەجدادلىرىمىزغا ھاياتلىق نەپىسى ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ئاھلىرىنىمۇ ئېلىپ كەتتى. ئوخشاشلا، ھاۋا بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزغا ۋە بارلىق جانلىقلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. سىلەر ئۇنى ياخشى قوغدىساڭلار، ئۇ سىلەرگە يايلاقلاردىن ئۆتكەندىكى شېرىن نەپەستىن بەھىرلەندۈرىدۇ.

ئەگەر بىز بۇ زىمىننى تاشلاپ، سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرسەك، چوقۇم شۇ يادىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر چوقۇم بۇ زىمىندىكى ھايۋاناتلارغا ئوبدان قارىشىڭلار لازىم. ھايۋاناتلار بولمىسا، ئىنسانلار قانداق بولۇپ كېتەر؟ ئەگەر بارلىق ھايۋاناتلار ئۆلۈپ كەتسە، ئىنسانلارنىڭمۇ ھاياتلىقى ئااخىرلىشىدۇ. ھايۋاناتلار بېشىغا كەلگەن قىسمەت ئىنسانلارنىڭمۇ ئوخشاشلا بېشىغا كېلىدۇ.

بالىلىرىڭلارغا شۇنى ئەسكەرتىڭلاركى، ئۇلار دەسسەپ تۇرغان زىمىن ئاستىدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ جىسمى بار. زىمىن يېقىنلىرىمىزنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ كەلگەن. بىز پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيەلىگەنگە ئوخشاش، سىلەرمۇ پەرزەنتلىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىڭلاركى، زىمىن بولسا بىزنىڭ ئانىمىز.

زىمىن دۇچ كەلگەن ھەرقانداق ئىش، زىمىن بالىلىرىنىڭمۇ بېشىغا كەلگەن بولىدۇ.

خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاق ئانىسىنىڭ ئىللىق قوينىدىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەندەك، بىز زىمىننى ياخشى كۆرىمىز. سىلەرمۇ بىزگە ئوخشاش ئۇنى قىزغىن سۆيۈڭلار، ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭلار. كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن، سىلەر پۈتۈن كۈچۈڭلار ۋە بارلىق مېھرىڭلار بىلەن زىمىننى قوغداڭلار.

مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، زىمىن ئىنسانلارغا تەۋە ئەمەس، بەلكى ئىنسانلار زىمىنغا تەۋە ئىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى