قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«دۇمباق چېلىش» بىلەن «سېگنال ياڭرىتىش»

2018-11-19 19:48:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  قىسىمنىڭ جەڭگە ئاتلىنىشى بىر خىل كوللېكتىپ ھەرىكەت، تەشكىلىي ئىنتىزامچانلىقى بولمىغان قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقى تەبىئىي ھالدا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ھېكايىلەردە دائىم ئىشلىتىلىدىغان «دۇمباق چېلىپ قوشۇن تارتىش»، «قوشۇننى سىگنال بىلەن ئۇرۇش سېپىدىن قايتۇرۇۋېلىش، ئۇرۇش توختىتىش سىگنالى چېلىش» نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدە جۇڭگونىڭ قەدىمكى لەشكىرىي قوشۇنلىرىدا پەقەت ھۇجۇم قىلىش ۋە ئارقىغا چېكىنىشتىن ئىبارەت ئىككى قوماندانلىق سىگنالىنى شەكىللەندۈرگەن. 
  بەزى قول ئۇچىدىلا ئىشلەنگەن كىنو- تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدە، جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى لەشكەرلىرىنىڭ ئۇرۇشتا ناھايىتى چېچىلاڭغۇ ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. يەنى، زور بىر تۈركۈم قىلچە تەشكىلىي ئىنتىزامچانلىقى بولمىغان لەشكەرلەرنىڭ ھەر خىل چالغۇلارنىڭ تەڭكەش قىلىنىشى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى، ئاقسۆڭەكلەر ئۇرۇشى ياكى ئاتلىق ئەسكەرلەر ئۇرۇشىدا يېڭىش- يېڭىلىشنى ئايرىلغاندىن كېيىن، ھەممە كىشىنىڭ گۈررىدە يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقى ياكى بىراقلا تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسىز. بۇ كىنو- تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدە زور تۈركۈمدىكى پىيادە لەشكەرلەر پەقەت ئۇرۇشتا كۆركەم قىلىپ كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئەمما، ئەتىياز ۋە كۈز مەزگىلىدىكى ئالتۇن دۇمباق تۈزۈمىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىپ باقساق، ئەمەلىيەتنىڭ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بايقايمىز.
  ئەمەلىيەتتە «دۇمباق چېلىپ قوشۇن تارتىش»، «قوشۇننى سىگنال بىلەن ئۇرۇش سېپىدىن قايتۇرۇۋېلىش، ئۇرۇش توختىتىش سىگنالى چېلىش» دېگەن بۇ سۆز پەقەت جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى قوماندانلىق سىستېمىسىنى ئاددىيلاشتۇرۇش خالاس. رېئاللىقتا، دۇمباق چېلىشنىڭ ئىشلىتىلىشى سان تۈرىدىكى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  بىرىنچى خىل: دۇمباقنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ۋە ئاۋازىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى قوماندانلىق ئۇچۇرلىرى يەتكۈزۈلىدۇ. «ھەمدەمبەگ لياۋ زى، لې سۈي بۇيرۇقى» دا: دۇمباقنىڭ ئاۋازىنى تەڭشەش دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى قوماندانغا قارىتا ئىشلىتىلىدىغان دۇمباق ئاۋازىنى قاتتىق پەرقلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. ئۇرۇش مەزگىلىدە، لەشكەرلەرگە ئوخشاش بولمىغان ئۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تاماملاشقا قوماندانلىق قىلىش ئۈچۈن، لەشكىرىي بۇيرۇقلار باش سانغۇننىڭ لەشكىرىي دۇمبىقىدىن تۆۋەنگە تەرتىپ بويىچە يەتكۈزۈلەتتى.
  ئىككىنچى خىل: دۇمباق چېلىشنىڭ ئوخشاش بولمىغان رىتىمى ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان ھۇجۇم سۈرئىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش. «ھەمدەمبەگ لياۋ زى، لې سۈي بۇيرۇقى» دا، ئۈچ خىل ئوخشاش بولمىغان رىتىمدىكى دۇمباق ئاۋازى تىلغا ئېلىنغان. بىر قەدەمدە بىر دۇمباق ئۇرۇشتا قەدەممۇ- قەدەم تەكشى بولۇش، ئاستا- ئاستا ئالغا ئىلگىرىلەش تەلەپ قىلىنىدۇ؛ ئون قەدەمدە بىر دۇمباق ئۇرۇشتا تېز ئىلگىرىلەش، دۇمباق ئاۋازى توختىماي ياڭرىغاندا ھۇجۇمغا ئۆتۈش تەلەپ قىلىنىدۇ.
  ئۈچىنچى خىل: ئوخشاش بولمىغان دۇمباق ئۇرۇش تەرتىپى ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان لەشكەر تۈرلىرىگە قوماندانلىق قىلىش. «سىما ئىدىيەسى-- ھەر خىل ئۇسۇلدا ئۇرۇش قىلىشتا» تىلغا ئېلىنغان دۇمباق ئۇرۇش ئۇسۇلى: «تۇغ دۇمبىقى، ھارۋا دۇمبىقى، ئات دۇمبىقى، شاگىرتلار دۇمباق ئۇرۇش، لەشكەرلەر دۇمباق ئۇرۇش، قولدا دۇمباق ئۇرۇش» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئۇرۇش قىلغاندا، باش سانغۇننىڭ ئوخشاش بولمىغان دۇمباق ئۇرۇش تەرتىپى ۋە ئالاھىدە دۇمباق ئاۋازى ئارقىلىق مەخسۇس بىر قىسىمغا قوماندانلىق قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ يەنە جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى لەشكەر تۈرلىرىدە قوشۇنلار ئارا ماسلىشىشنىڭ خېلى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
   تۆتىنچى خىل: دۇمباق ئارقىلىق لەشكىرىي تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىنى كونترول قىلىش. «ۋۇ زى-- لەشكەر ئىدارە قىلىش» تا: «بىر دۇمباقتا لەشكىرىي قورال- ياراغلارنى تەرتىپكە سېلىش، ئىككىنچى دۇمباقتا سەپ شەكلى بويىچە مەشق قىلىش، ئۈچىنچى دۇمباقتا تاماق يېيىش، تۆتىنچى دۇمباقتا تەكشۈرۈش، بەشىنچى دۇمباقتا سەپكە تىزىلىش» تەلەپ قىلىنغان. بۇ لەشكىرىي يۈرۈشتىكى نۇرغۇن ھالقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
  ئۇنىڭدىن باشقا دۇمباق ئاۋازى يەنە باشقا چالغۇلار بىلەن ماسلىشىپ تېخىمۇ مۇرەككەپ بۇيرۇقلارنى يەتكۈزگەن.
  «قوشۇننى سىگنال بىلەن ئۇرۇش سېپىدىن قايتۇرۇۋېلىش، ئۇرۇش توختىتىش سىگنالى چېلىش» تىكى «سېگنال» بەزى كىنو- تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدىكى مېتالغا قارىتىلمىغان. «جۇ لى-- دىگۇەن سىتۇ. دۇمباق ئۇرغۇچى» دا «ئالتۇن» دەپ ئاتالغان تۆت خىل چالغۇ ۋە ئۇلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەنى: «ئالتۇن چالغۇ ئاۋازى بىلەن دۇمباق ئاۋازىنى تەڭ ياڭرىتىش، ئالتۇن چالغۇ ئاۋازى بىلەن لەشكىرىي يۈرۈشتىكى دۇمباق ئاۋازىنى پەسەيتىش، ئالتۇن چالغۇ بىلەن لەشكىرىي يۈرۈشتىن توختاشنىڭ دۇمباق ئاۋازىنى ياڭرىتىش، بۇيرۇق چۈشۈرۈش دۇمبۇقى ئۇرۇش». ھەربىر چالغۇنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇيرۇقى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇمباق ئاۋازى بىلەن ماسلىشىش كېرەك. «جوۋ لى» دا يەنە جۇ سۇلالىسىدىكى دائىملىق لەشكىرىي مانېۋىرىنىڭ بىر يۈرۈش مۇقىم قائىدىلىرى خاتىرىلەنگەن. مەسىلەن: ئوتتۇرا قىسىمدىكى سەركەردىلەر دۇمباق ئۇرغاندا، ھەممە ئادەم بۇيرۇققا بىنائەن ئۈچ قېتىم دۇمباق ئۇرۇش، ئىككى سىما تەڭلا دۇمباق ئۇرۇش، توپ ئەمەلدارلار كەينى- كەينىدىن دۇمباق چالغاندا، لەشكەرلەر ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەش قاتارلىقلار. گۇڭ سىما ئالتۇن چالغۇ ئارقىلىق ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ يۈرۈش سۈرئىتىگە قوماندانلىق قىلغان. 
  مۇزىكا ئەسۋابلىرى ئارا ماسلىشىشتىن باشقا، ئالتۇن دۇمباق يەنە تۇغ بىلەن ئوخشاش بولمىغان بۇيرۇقلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان جەڭ سېپىگە قوماندانلىق قىلىدۇ. مەسىلەن: دۇمباق چېلىنغاندا، قىسىمدىكىلەر سەپكە تىزىلىدۇ.
  بۇ چالغۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشى قوماندانلىق سىگنالىنى تېخىمۇ مۇرەككەپ، ئىپادىلەش مەنىسىنى تېخىمۇ توغرا قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى قوشۇنلىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان ئالتۇن دۇمباق سىستېمىسىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان. جەنگو دەۋرىدە، گۇيداۋنىڭ لەشكىرىي ئىشلار تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى بارغانسېرى روشەنلەشكەن. نۇرغۇن چاغلاردا، سانغون قوماندانلىق ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق رەقىبىنى قايمۇقتۇرۇپ، جەڭ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتقان. مەسىلەن: ۋاقىتلىق ئالماشتۇرۇپ ھۇجۇم قىلىش، چېكىنىش سىگنالى بېرىش ئارقىلىق، دۈشمەن لەشكەرلىرى قارشى تەرەپنى چېكىندى دەپ قارىغان چاغدا ھۇجۇم قوزغاش قاتارلىقلار.
  مۇرەككەپ قوماندانلىق قورالى ۋە قوماندانلىق سىستېمىسى سانغۇننىڭ خېلى يۇقىرى سەۋىيەدە بولۇپ، مۇرەككەپ مەشغۇلات قىلىشىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، لەشكەرلەرنىڭ تېخىمۇ قاتتىق مەشىق قىلىشىنى تەلەپ قىلاتتى. جۇ سۇلالىسى دەۋردە ھەر يىلى ئەتىيازدا بىر قېتىملىق چوڭ مەشىقكە، قىشتا بىر قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىپلا قالماي، يەنە لەشكىرىي ئىنتىزامىغا بوي سۇنمىغان لەشكەرلەرگە «دەرھال ئۆلۈم جازاسى بېرىش» تەك قاتتىق جازا بېرىلەتتى.
  قوشۇن تەشكىلى تۈزۈمى ۋە قوماندانلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلگەچكە، جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان سەركەردىلىرى ئالتۇن دۇمباق تۈزۈمىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. ئاتالمىش «ھايات- ماماتلىق بىخەتەرلىكى دۇمبىقى چېلىش» دېگەن بۇ ئىدىيە ئالتۇن دۇمباق تۈزۈمىنىڭ ئىپادىسى. قوماندانلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، مۇكەممەل قوماندانلىق سىستېمىسىنى ھازىرلىغان، لەشكەرلەر قاتتىق مەشىق قىلدۇرۇلغان، ئۇرۇشتا تەجرىبىسى مول بولغان قوشۇن- مۇقەررەر ھالدا جەڭگىۋارلىقى تولۇق قوشۇن بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى