قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار ئىزچىل كۈچەپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى

2018-11-19 11:17:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇلازىمەت تورىنى ئۇزارتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى.
چىرا ناھىيەسىنىڭ بوستان يېزا نەزەرباغ كەنتىدىكى ئاھالە ھۆرنىساخان قۇرباننىڭ ئۆيىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى نيەن زىلى بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئۇنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى. كۆپچىلىكنىڭ سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن ھۆرنىساخان قۇربان سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى قارار قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئېرىم بۇ يىل 8- ئايدا كورلىغا ئىشلىگىلى كەتكەن، ئايدا 3 مىڭ ئىش ھەققى ئېلىۋاتىدۇ، مەنمۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلىمەكچى بولۇۋاتىمەن. بۇنداق بولغاندا ئىككىمىز بىر ئايدا 5 مىڭ يۈەن مۇقىم كىرىم قىلالايمىز.
نەزەرباغ كەنتى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، كەنتتىكى 253 ئائىلىلىك ئىچىدە، نامرات ئاھالە 80 پىرسەنتتىن كۆپرەكنى ئىگىلەيتتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ ئەھۋالغا قارىتا كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن بىر تەرەپتىن دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بۆسۈش ئېغىزىنى تېپىپ چىقتى، يەنە بىر تەرەپتىن ئائىلىلەرگە كىرىپ نامرات ئاھالىلەر بىلەن سىردىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
«كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش- بېيىماسلىقىنىڭ مۇھىم ھالقىسى ياچېيكىدا». «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە، ھەر قايسى خىزمەت ئەترەتلىرى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مۇشۇ ئاساستا، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كۈچ چىقىرىپ، كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى.
شىنجاڭ تېببىي پەنلەر داشۆسىنىڭ قاراقاش ناھىيە زاۋا بازىرى يېڭى ئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى كارخانىلىرىنى باشلاپ كېلىپ، دېھقانلارنى 200 مودىن كۆپرەك يەرگە كەتىرا تېرىشقا يېتەكلەپ، ھەر مو يەردىن 6 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىشقا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش باغچىسى قۇرۇپ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئىشقۇل يېزىسىدىكى 1 مىڭ 200 دىن كۆپرەك دېھقاننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ پوسكام ناھىيەسىنىڭ سەيلى يېزا يىما كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، كەنتتىكى تۇنجى ئۆي جاھازلىرى ھەمراھ زاۋۇتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، تۇنجى تۈركۈمدە 56 كەنت ئاھالىسى ئىشقا ئورۇنلاشتى. كەنت ئاھالىسى پاتىگۈل تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بۇ زاۋۇت ئۆيۈمگە يېقىن، ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىم 2 مىڭ يۈەندىن چۈشمەيدۇ، يەنە پايدا ئايرىپ بېرىدۇ، ئۈچ ۋاق تامىقىمىز ھەقسىز. مەن بۇ زاۋۇتتا ياخشى ئىشلەپ، بىر يىلدا ئاز دىگەندىمۇ 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.
ئاساسىي قاتلامدا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش تورىنى كېڭەيتىش- «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتى. ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونى نەنۋەن كوچىسى شىمالىي مەھەللىسىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە ئۆي مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر باشلامچى بولۇپ، مەھەللە، ئاھالىلەر ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن ئالاقە سۇپىسى قۇردى ھەمدە بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ، خوجىلىق باشقۇرۇش شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، كونا ئولتۇراق رايونىدا خوجىلىق باشقۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شيا چىڭجۇ مۇنداق دېدى: ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئورتاق تەتقىق قىلىپ، ھەقىقەتەن يولغا قويۇشقا بولىدىغان بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ، ئاھالىلەرنى رازى قىلدۇق، مەھەللە خىزمىتىنىڭ يۈكى يېنىكلەپ، مەسىلىلەر ھەقىقەتەن ھەل بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جيې قانداق قىلغاندا خىزمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەتتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاققىچە ئۈنۈملۈك قىلىش، تۈزۈملەشتۈرۈش جەھەتتە داۋاملىق كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشى، ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار ئىزچىل كۈچەپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى