قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاشتا دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش ئەندىزىسىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى

2018-11-21 10:50:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
ئاپتونوم رايونىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر مىللەت ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىۋاتقان «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، «ئاساسىي قاتلامدا تۇنجى دىئاگنوز قويۇش، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ داۋالاش، جىددىي، سوزۇلما كېسەللىكلەرنى ئايرىپ داۋالاش، يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش» تىن ئىبارەت دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش ئەندىزىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالدى.
فۇكاڭ شەھىرى گەنخېزا بازىرى جىنشيۇيۈەن مەھەللىسىنىڭ ئائىلە دوختۇرى شۈ شياۋيى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە ئۆزىنىڭ كېلىشىم ئىمزالاش ئوبيېكتى ۋاڭ يەنلىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ داۋالاش مۇلازىمىتى ئېلىپ باردى. ۋاڭ يەنلى يېقىندا يەڭگىدى. شۈ شياۋيى ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ داۋالاش مۇلازىمىتى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىللە، يەنە ئۇنىڭغا بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتتى. ۋاڭ يەنلى بۇنداق ئائىلە دوختۇرىنىڭ بولغانلىقىدىن ناھايىتى خاتىرجەم بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئائىلە دوختۇرۇم تۇغۇتتىن ئىلگىرى يېتەكچىلىك قىلدى، تۇغۇتتىن كېيىن بالا ئېمىتىش جەھەتتىمۇ ماڭا نۇرغۇن ياردەم قىلدى. بۇنىڭدىن كۆڭلۈم ئىللىقلىق ھىس قىلدى. ھۆكۈمەت بىزنى ئائىلە دوختۇرلىرى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، بۇ بەك قالتىس بولدى.
ھازىر «ئائىلە دوختۇرى» كېلىشىم ئىمزالاش مۇلازىمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. ئائىلە دوختۇرى كېلىشىم ئىمزالاش مۇلازىمەت ئۆمىكى سوزۇلما كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار، ھامىلىدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنى ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كېسەللەرنى سەييارە زىيارەت قىلىپ، ئۇلارغا يۆتكەپ داۋالاش تەكلىپى بەردى. قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى غەربىي ئۆستەڭ رايونى مەھەللە ئىش باشقارمىسى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئائىلە دوختۇرى سەي باۋلىڭ مۇنداق دېدى: ئائىلە دوختۇرلىرىنىڭ كېلىشىم ئىمزالاشتىكى مەقسىتى-- ئاھالىلەرنى تېخىمۇ قولاي، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئەتراپلىق داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان قىلىپ، ئادەتتىكى كېسەللەرنى مەھەللىلەردە، ئېغىر كېسەللەرنى دوختۇرخانىدا داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مەھەللىگە بېرىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇنداق كېلىشىم ئىمزالاش ئارقىلىق، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىيەلەيمىز.
ئاپتونوم رايون دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاشنى ئېنىق قىلىپ، كېسەلگە توغرا دىئاگىنوز قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تەشكىللەش رامكىسى ئورنىتىش، ئۇچۇر تېخنىكىسى تىرىكىنى كۈچەيتىش، نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەلەردە يىراقتىن داۋالاشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇردى. شاڭخەيدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن داۋالاش مۇتەخەسسىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك 2- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى سۈي يۇڭ مۇنداق دېدى: داۋالاش بىرلەشمە گەۋدە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتلىرى تېببىي خادىملارنى دوختۇرخانىمىزغا بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتتى. يىراقتىن دىئاگنوز قويۇش، يىراقتىن داۋالاش، يىراقتىن تەربىيەلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردۇق.
ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى %85 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دەرىجە بويىچە داۋالاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ناھىيە تەۋەسىدە كېسەل كۆرۈش نىسبىتىنى %85.09 كە يەتكۈزدى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يەنە «دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىپ، رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش رايونىنى ئايرىش؛ ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانا ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاشتا شەھەر- يېزىلارنى ئايرىش؛ ئېغىر كېسەللىكلەر يەككە تۈرىنى باشقۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاشتا يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى ئايرىش؛ ئۈچ دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ كۈندىلىك مۇلازىمىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاشتا جىددىي ۋە سوزۇلما كېسەللىكلەرنى ئايرىپ داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قۇيدى. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تېببىي مەمۇرىيەت تېببىي باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي پەنلەر داشۆسى قارمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك داۋالاش گۇروھىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، ھەر بىر ۋىلايەت، ئوبلاستتا 3 دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتىغا تايىنىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك داۋالاش گۇروھى قۇرۇپ، مەخسۇس ئىتتىپاقتىن 5 نى نۇقتىلىق قۇردى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا بىزنىڭ نىشانىمىز ناھىيە بويىچە داۋالاش ئورتاق گەۋدىسىنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى تۆۋەنگە يۈزلەندۈرەلەيمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تېببىي ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىدىن تېخىمۇ مەنپەئەتلەندۈرەلەيمىز.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى