قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋاڭ شياۋچىن خىزمەتكە قاتناشقان سەككىز يىلدىن بۇيان، خىزمەت ئورنىدا ئەستايىدىل، قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، ئىككى قولى بىلەن ئاجايىپ نەتىجىلەرنى ياراتتى

2018-11-21 11:28:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
شىنجاڭ «تيەنيې» گۇروھى (چەكلىك) شىركىتى تۈر تېخنىكا گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ شياۋچىن خىزمەتكە قاتناشقان سەككىز يىلدىن بۇيان، شىركەتنىڭ نۇرغۇن نۇقتىلىق تۈرىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىگە قاتناشتى. ئۇ ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئەستايىدىل، قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، ئىككى قولى بىلەن ئاجايىپ نەتىجىلەرنى ياراتتى.
باش قىش مەزگىلىدە، شىخەنزە شەھىرى شىخۇتەن بازىرىغا جايلاشقان شىنجاڭ «تيەنيې» گۇروھى (چەكلىك) شىركىتىنىڭ شىخۇتەن يېڭى ماتېرىيال سانائەت رايونىدا، تۈر قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى جىددى، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. ۋاڭ شياۋچىن شىركەتتىكى تۈر تېخنىكىسىغا مەسئۇل ئاز ساندىكى ئايال مەسئۇل خادىملارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇرۇلۇش ئورنىدا ئەر خىزمەتداشلىرى بىلەن تەڭ ئىشلىدى. ۋاڭ شياۋچىن مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇشقا تەييارلىق كۆرۈش تۈرى نەق مەيدانىدا ئادەتتە ئەرلەر بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ. لېكىن، كۆپ يىللىق كېڭەيتىش ئەمەلىيىتى مېنى تۈر قۇرۇلۇشى ۋە سۈپەت باشقۇرۇش جەھەتتە ئالاھىدە تەجرىبىگە ئىگە قىلدى. ئاياللارغا خاس ئىنچىكىلىك ۋە كۆڭۈل قويۇش ئالاھىدىلىكىم خىزمەتتە كارامىتىمنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولدى.
 1986- يىلى تۇغۇلغان ۋاڭ شياۋچىن، 2010- يىلى لەنجۇ نېفىت- خىمىيە كەسپى شۆيۈەنىنى پۈتكۈزۈپ «تيەنيې» گۇروھىغا ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئۇستىسى ئۇنىڭ ئىشچان، جۈرئەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى «تيەنيې» خىمىيە سانائىتى تۈر سىستېمىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورنى بولغان تەجرىبىخانىدا خىزمەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ۋاڭ شياۋچىن بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن، چوقۇم خىمىيىلىك تەكشۈرۈش تېخنىكىسىنى ياخشى ئۆگىنىش، جەۋھىرىنى ئىگىلەش نىيىتىگە كەلدى. ۋاڭ شياۋچىن نۇرغۇن كېچىنى چىراق تۈۋىدە ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرۈش، خاتىرە قالدۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزدى. نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ 9 ئۈگىنىش خاتىرىسى يېزىپ بولدى. ۋاڭ شياۋچىن مۇنداق دېدى: تەجرىبىخانا زاۋۇتنىڭ كۆزى، خىمىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىدە «پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ، مۇمكىن» دېگەن سۆز ھەرگىز بولمايدۇ. ئۇنىڭدا چوقۇم، توغرا بولسا «توغرا»، خاتا بولسا «خاتا» دېگەن سۆزلا ئىشلىتىلىدۇ.
ۋاڭ شياۋچىن تەجرىبە تېخنىكىسىنى ھەقىقىي ئىگىلەش ئۈچۈن چوقۇم ئەمەلىي تەجرىبە توپلاش كېرەكلىكىنى ھىس قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ نۇرغۇن جاپا تارتتى. ئۇ تۇنجى قېتىم ئېتىل ئالكوگول مەھسۇلاتىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان ئىمپورت خروماتوگرافىيەسى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئېنىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، تەجرىبىخانىدا سەككىز، توققۇز سائەت ئىشلىدى. باشقىلار ئىسمېنا ئالمىشىپ تاماق يېگەندە، ئۇ ھەر قېتىم تەييارلاپ قويغان تەييار چۆپنى يىدى. ۋاڭ شياۋچىن مۇنداق دېدى: باشقىلار بىر- ئىككى قېتىم مەشىق قىلغاندا، مەن تۆت- بەش قېتىم مەشىق قىلدىم. باشقىلار بىلمىگەننى مەن ئىگىلىدىم، باشقىلار ئىگىلىگەننى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشكە تىرىشتىم.
8 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ۋاڭ شياۋچىن «تيەنيې» گۇروھىنىڭ 400 مىڭ توننىلىق PVC تۈرى، تيەنجى چېنيې 1-، 2- باسقۇچلۇق ئېتىل ئالكوگول قاتارلىق چوڭ تۈرلەرنىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە قاتناشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە باشقا كارخانىلار ۋە تۈرلەرنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنىمۇ ئۆگەندى. شىركەتكە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆمۈر سۈپىتىنى تەكشۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈش قاتارلىق تېخنىكىلارنى كىرگۈزدى. ھازىر، ۋاڭ شياۋچىنغا ئوخشاش ياش تېخنىك تايانچلارنىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسىدە، «تيەنيې» گۇروھىدىكى زور بىر تۈركۈم ياش ئىشچى- خىزمەتچىلەر خىزمەت ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق باھارىنى بېغىشلىماقتا. ۋاڭ شياۋچىن مۇنداق دېدى: بۇنداق چوڭ تۈرلەرگە قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھىس قىلىمەن. ئۆزۈم ۋە كوللېكتىپنىڭ كۈرەش قىلىشى ۋە تىرىشىش نەتىجىسىدە، كۆپ تۈرلۈك تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق خىمىيەلىك تەكشۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئەندىزىسىنى تېپىپ چىقتىم. باشقۇرۇش تەۋەلىكىمدە ئىمارەتلەرنىڭ قەد كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرگەن ۋاختىمدا قەلبىمدە بەخت تۇيغۇسى ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ئۇرغۇيدۇ. بۇ نەتىجىلەر كۆپ يىللىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلدى. بۇ مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈرەش نىشانىم ۋە ئېتىقادىمنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى