قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

فۇكاڭ شەھىرى ئۆز يېرىنىڭ ساياھەت بايلىقىنى تولۇق قېزىپ، بىر تۈركۈم ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈردى

2018-11-21 11:32:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:   
بۇ يىل قىشتا، فۇكاڭ شەھىرى ئۆز يېرىنىڭ ساياھەت بايلىقىنى تولۇق قېزىپ، بىر تۈركۈم ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈردى.
يېقىندا، فۇكاڭ شەھىرى تيانشان بوغدا كۆلى خەلقارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، ۋاڭمۇتاۋ باغچىسى، بىڭخۇ ھاراق قورۇقى قاتارلىق قىشلىق ساياھەت نادىر لىنىيەلىرىنى ئاچتى. ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ قار- مۇزدىن ھوزۇرلىنىپ، ئېسىل ھاراقلارنى تېتىپ، يېڭى مېۋە- چىۋىلەرنى ئۈزۈپ، ئۆزگىچە قىش خۇشاللىقىنى ھىس قىلالايدۇ.
تىيانشان بوغدا كۆلى سەيلىگاھىدا، يىراقتىكى بوغدا چوققىسى قار- مۇز بىلەن قاپلانغان بولۇپ، كۆپكۆك سۇ، ياپيېشىل قارىغاي ۋە ئارچىلار گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى. داليەندىن كەلگەن ساياھەتچى يىن خۇيخۇي خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىشىم. بۇ يەردىكى قارلىق تاغ ۋە بوغدا كۆلىنىڭ سۈيى مەندە ناھايىتى ياخشى تەسىر قالدۇردى. قۇياش نۇرىدا كۆل سۈيى ئىنتايىن سۈزۈك كۆرۈنىدىكەن.
تيەنشان بوغدا كۆلى ئېتىكىدىكى تيانشان بىڭخۇ ئۈزۈم ھارىقى قورۇقىدا، ساياھەتچىلەر ساياھەت يېتەكچىسىگە ئەگىشىپ، ئۈزۈم ھارىقى مەدەنىيىتى كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئۈزۈم تېرىشتىن ئېچىتىشقىچە بولغان پۈتكۈل تېخنىكىلىك ماھارەت جەريانىنى چۈشىنىپ، ئۈزۈم ھارىقى مەدەنىيىتىنى ھىس قىلدى. شەنشىلىك ساياھەتچى خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم ھاراق قورۇقىغا كېلىشىم. بۇ يەردە يەيدىغان، ئوينايدىغان، قونىدىغان جايلار بار ئىكەن. بايا ھاراقنى تېتىپ باقتىم، بۇ ھاراقنىڭ تەمى بەك ياخشىكەن.
شىنجاڭ تىيانشان بىڭخۇ ئۈزۈم ھارىقى قورۇقى شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۈزۈم ھارىقى قورۇقى بولۇپ، نۆۋەتتە يىلىغا 50 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالماقتا. كېيىنكى قەدەمدە، ھاراق قورۇقى 130 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن ئېكولوگىيەلىك ئاشخانا ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىشنى پىلانلىدى. ھاراق قورۇقىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى جۈەن مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىك بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، 1-، 2-، 3- كەسىپلەر بىرىككەن سىستېمىنى شەكىللەندۈردۇق. يىللىق ساياھەت كىرىمىمىز مۇقىم 10 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ.
نۆۋەتتە، فۇكاڭ شەھىرىدە قىش ۋە ئەتىيازلىق ساياھەت ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نوقتىلىرىمۇ ئارقا- ئارقىدىن ئاۋاز قوشتى. ھازىرغىچە، فۇكاڭ شەھىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى يىغىش- تارقاقلاشتۇرۇش مەركىزى جياڭسۇ، ئەنخۇي، خۇنەن، سەنشىدىن 16 ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ ئۆمەك بولۇپ تەشكىللىنىپ، بوغدا كۆلىنى ساياھەت قىلىشقا كەلگەن 307 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى ھەمدە 18 مىليون 200 مىڭ يۈەنلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى. بۇ بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 121.5 پىرسەنت ئاشتى. فۇكاڭ شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يەن سۇڭمېي مۇنداق دېدى: سوغۇق ۋە ئىسسىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۆزگىرىشتىن بازار ئېچىپ، ساياھەتچىلەرنى فۇكاڭغا كىلىپ يەپ- ئېچىشكە، فۇكاڭدا تۇرۇشقا، فۇكاڭدا ئويناشقا جەلپ قىلىۋاتىمىز.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى