قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قىش پەسىللىك تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھىتىدىكى 3 لىنىيە يېقىندا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2018-11-22 16:12:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قىش پەسىللىك تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھىتىدىكى 3 لىنىيە يېقىندا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
بۇ ئۈچ لىنىيە ئايرىم ھالدا: ئالتاي-كۆكتوقاي، ئالتاي-قاناس، ئالتاي- قۇمقاناس لىنىيەلىرى بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئالتايغا ساياھەتكە بارىدىغان ساياھەتچىلەر شەھەر بىلەن شەھەر، شەھەر بىلەن مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە رايونلىرى بىلەن مەنزىرە رايونلىرى ئارىسىدا تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىش ۋە قىسقا مۇساپىلىك ساياھەت قىلىشتىن ھوزۇر ئالالايدۇ.
شىنجاڭ ھەممىباب ئاۋىئاتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان «كۆكتوقاي- ئالتاي» لىنىيەسىدە كۈنىگە بىر نۆۋەت ئايروپىلان ئۇچىدىغان بولۇپ، تاق يۆنىلىشلىك ئۇچۇشقا پەقەت 45 مىنۇتلا كېتىدۇ، تاق يۆنىلىشلىك بېلەت باھاسى 220 يۈەن بولىدۇ. غەربىي ئاسىيا ئاۋىئاتسىيەسى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئالتاي-قاناس، ئالتاي-قۇمقاناس لىنىيەسىدىكى ئايروپىلانلار ھەپتىنىڭ1-، 3-، 5-، 7- كۈنلىرى قۇمقاناسقا، ھەپتىنىڭ2-،  4-، 6- كۈنلىرى قاناسقا ئۇچىدۇ ھەمدە بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ۋاقىتلىق تەڭشىلىدۇ. سىناق تەرىقىسىدىكى قاتناش مەزگىلىدە، تاق يۆنىلىشلىك بىلەت باھاسى 300 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە بولىدۇ.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى