قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 خوتەن ۋىلايىتى ئەنەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا يۆلەك بولدى

2018-11-23 11:23:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

خوتەن ۋىلايىتى زامانىۋى تېخنىكا، ئىدىيەسىنى ئەنەنىۋى كەسىپلەرگە سىڭدۈرۈپ، ئەتلەس، ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى قاتارلىق ئەنەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا يۆلەك بولدى.

بۇ ئىككى كۈندە، خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىدىكى «ئاپام توقۇغان ئەتلەس» يىپەكچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى «جوۋدافۇ» ئۈنچە- مەرۋايىت گۇرۇھىنىڭ بىر تۈركۈم زاكاز تالونىنى تاپشۇرۇۋالدى. كوپىراتىپنىڭ شياڭگاڭ كارخانىلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتالىشى، جىيا يېزىسى ئىزدىنىپ يولغا قويغان «ھۆكۈمەت، كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى» بىرلەشكەن ئەندىزىنىڭ تۈرتكىسىدىن بولدى، ھۆكۈمەتنىڭ كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشى نەتىجىسىدە كارخانىلار دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاشقا جەلپ قىلىندى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئابلەت مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، ھەمكارلاشقۇچى سودىگەرلەردىن تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئىشلەپچىقىرىۋاتىمىز، ئۇلارنىڭ سۇپىسى ئارقىلىق سېتىپ چىقارغاندىن كېيىن، تونۇلۇش دەرىجىمىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، سېتىش نىسبىتىمىز 40، 50 پىرسەنت يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى.

جىيا يېزىسى- خوتەندىكى داڭلىق ئەتلەس يۇرتى. بۇ ئەنئەنىگە تايىنىپ، شۇ جايدىكىلەر نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، 50 نەچچە يىپەك زاۋۇتى ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. بۇ زاۋۇت ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى خوتەن شەھىرىدىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ يىراققا سېتىپ چىقاردى، ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. خوتەن «بالىم» سودا شىركىتى جىيا يېزىسىنىڭ ئەتلەس يىپەك مەھسۇلاتلىرىنى يەنە پىششىقلاپ ئىشلەپ، كىيىم- كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرىغا ئايلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ساتتى. خوتەن «بالىم» سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلى ۋاڭ ئېنمىڭ مۇنداق دېدى: ئەسلىدىكى كىيىم- كېچەكلەرنىڭ بازار باھاسى 150 يۈەندىن 160 يۈەنگىچە ئىدى، بۇنىڭغا ئەتلەس ئېلېمېنتى قوشۇلغاندىن كېيىن، باھاغا 210 يۈەن قوشۇلدى، بۇنىڭ كارخانىمىزنىڭ پايدىسىنى ئاشۇرۇشتا زور ياردىمى بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، جىيا يېزىسىنىڭ ئەتلەس يىپەكچىلىك كەسپى شۇ جايدىكى 60 پىرسەنت ئايالنىڭ ئۆيىگە يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 10 مىڭغا يېقىن ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. يېقىندا «دۆلەتنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزىنىڭ يەرلىك ئۆلچىمى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى خوتەن ۋىلايىتىدىكى يەنە بىر ئەنئەنىۋى مەھسۇلات- ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. قاراقاش ناھىيەسى ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى ياساش ھۈنەر- سەنئىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى كوچىسى قۇرۇپ، ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتى سالمىقىنى زورايتتى. خۇبېي سىفەن داشۆسى گۈزەل- سەنئەت يۇرتىدىكى خادىملار يېقىندا يەنە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىغا مەخسۇس كېلىپ ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى زاكاز قىلدى. جۇڭگو گۈزەل- سەنئەت جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، خۇبېي سىفەن داشۆسى گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى لى يېچىڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا، ئالىي مەكتەپتە كېڭەيتىمىز. بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلساق، يەنە بىر تەرەپتىن قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزىنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىتىمىز.

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خوتەن گىلىمىدىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىۋى ھۈنەر كەسىپ يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولدى. خوتەن «نەقىشۋەن» قولدا توقۇلغان گىلەم تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئون يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى 60 نەچچە كۋادرات مېتىرلىق كۆلەمدىن كېڭىيىپ 12 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق كۆلەمگە كېڭىيىپ، شۇ جايدىكى مىڭغا يېقىن نامرات ئايالنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، يىللىق گىلەم ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 40 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئېشىپ، مەھسۇلات قىممىتى 20 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇلتۇر، شىركەت يەنە خوتەن گىلىمى كۆرگەزمە سارىيى قۇردى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى مەۋلان مۇختەر مۇنداق دېدى: ھازىر شىركىتىمىزنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە 10 ھەمراھ زاۋۇتى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، 4 ئى بۇ يىل يېڭىدىن قۇرۇلغان مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش سېخى، قەشقەر، ئۈرۈمچى، ئىلىدا مەخسۇس سېتىش دۇكىنىمىز بار، شاڭخەي، جېجياڭ، بېيجىڭدا ۋاكالەتچى سودىگەرلىمىز بار.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى