قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر 140 مىڭدىن ئارتۇق چارۋىچى تاغدىن كۆچۈپ چۈشۈپ، مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ، كىرىم ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى

2018-11-26 11:38:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشتىن مۇقىم ئولتۇراق ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقىچە... ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر 140 مىڭدىن ئارتۇق چارۋىچى تاغدىن كۆچۈپ چۈشۈپ، مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ، كىرىم ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.
قىش كۈنى بولسىمۇ، بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرىنىڭ دوربارتوخا كەنتىدىكى ئۇلاننىڭ ئۆيى باھاردەك ئىللىق بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يەپ، پاراڭلىشىپ، ناخشا ئېيتىشىپ شادلىققا چۆمگەنئىدى. ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇلتۇر، ئۇلان پەقەت 20 مىڭ يۈەن خەجلەپلا 60 نەچچە كۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. يەنە توڭلاتقۇ، تېلېۋىزور قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالدى. ئۇلان مۇنداق دېدى: مۇقىم ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن كۆكتات قاتارلىقلارنى يېقىن جايدىنلا سېتىۋېلىپ يەيدىغان بولدۇق. ئىلگىرى تاغدا كۆچۈپ يۈرەتتۇق، ھازىر نۇرغۇن ئىشلارنى ئاسانلا پۈتتۈرەلەيدىغان بولدۇق، تۇرمۇشىمىز ياخشىلىنىپ كەتتى.
دوربارتوخا كەنتىدە 203 ئائىلىلىك چارۋىچى بار بولۇپ، ھازىر ئۇلار ئازادە، يورۇق، ئەسلىھەلىرى تولۇق ئەمىن ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان بولدى، ھەر بىر ئائىلىگە يەنە 100 كۋادرات مېتىرلىق ئىسسىق قوتان سېلىپ بېرىلدى. ئۇلان مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئوت- چۆپ قوغلىشىپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتۇق. ھازىر چارۋا- ماللارنى قوتاندا باقىدىغان بولغاچقا، شاخ- شۇمبا، يەم ـ خەشەك ۋە كۆممىقوناقلارنى تەييارلىساقلا قىشنى بىخەتەر ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. شىۋىرغان قاتارلىق ناچار ھاۋا رايىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق. ھازىر، شاخ- شۇمبىلارنى تەييارلاپ بولدۇق. كالا- قويلارغا توغراپ بەرسەكلا بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار چارۋىچىلارنىڭ كۆچۈپ چىقىپ مۇقىم ئولتۇراقلىشىشى ۋە بېيىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈر، مەبلەغ ۋە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، ھەمراھ زاۋۇت قۇرۇش، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىنكى چارۋىچىلارنى كۆپ خىل كىرىم مەنبەسىگە ئىگە قىلدى.
قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى شەرقىي شەھەر ئەتراپى تەرەققىيات رايونىدىكى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ئىچىدە، كۆچۈرۈلگەن چارۋىچى مەمەت يۈسۈپ موتوسىكلىت رېمونت قىلىۋاتاتتى. ئۇ مۇخبىرغا ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى رېمونت قىلىش تېخنىكا كۇرسىغا قاتنىشىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ موتوسىكلىت رېمونت قىلىش تېخنىكىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىگەنلىكى ھەمدە يەنە موتوسىكلىت رېمونت قىلىش ئورنى ئېچىپ، ھەر ئايدا مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەمەت يۈسۈپ مۇنداق دېدى: تاغدىن كۆچۈپ چۈشكەندىن كېيىن ئۆزۈمگە تەۋە بىر دۇكان ئاچتىم، ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلىۋاتىمەن.
يەرلىك ھۆكۈمەت تاغلىق رايوندىكى 483 ئائىلىلىك چارۋىچىنى شەرقىي شەھەر ئەتراپى تەرەققىيات رايونىغا كۆچۈردى. يەنە ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار، ئىگىلىك تىكلەش شارائىتىنى ھازىرلىغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەر بىرىگە 50 مىڭ يۈەندىن ئۆسۈمسىز قەرز پۇل بەردى. نۆۋەتتە، تەرەققىيات رايونىدا ماگىزىن، ئاشخانا، ساتىراشخانا، كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى، بەش خىل مېتال رېمونت قىلىش دۇكىنىدىن 17 سى ئېچىلدى. يەنە 100 دىن ئارتۇق ئادەم مەھەللىدىكى ئاممىۋى مۇلازىمەت خاراكتىرلىك ئىش ئورنى ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتى.
مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتلاق مۇھىتىنى ئاسراش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، يايلاق گۈزەللىكىنى ساقلاش، چارۋىچىلارنى بېيىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئاقتۇ ناھىيە قىزىلتو يېزىسىنىڭ قاراتاش كەنتىدە، ئىلگىرى چارۋىچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان چارۋىچى ئەرگەش ھازىر ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان زامانىۋى ئولتۇراق رايونغا كۆچۈپ كىردى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا تولۇقلىما بېرىش، مۇكاپاتلاش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلىشى بىلەن، ئەرگەش ئائىلىسىنىڭ 2 مىڭ مودىن ئارتۇق ئوتلىقى چارۋا- مال بېقىشنى چەكلەش رايونىغا ئايرىپ بېرىلدى. ئۇ ھەر يىلى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تولۇقلىما ئالالايدىغان بولدى. ئەرگەش مۇنداق دېدى: ھازىر پەقەت ياز پەسلىدىلا يايلاقتا مال باقىمىز. قالغان ئۈچ پەسىلدە قوتاندا باقىمىز. بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاقتۇ ناھىيەسى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن چارۋا بېقىش چەكلەنگەن يەر كۆلىمى 5 مىليون مو، ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كۆلىمى 4 مىليون 320 مىڭ مو بولۇپ، ئاقتۇ ناھىيەلىك ئوتلاق نازارەتچىلىكى پونكىتىنىڭ باشلىقى چېن شۇاڭشى مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۈنئىي ئۇسۇلدا ئوت- چۆپ ئۆستۈرۈش كۆلىمى 42 مىڭ مو ئاشتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما كۆپەيتىلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق ھازىرقى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بېقىشقا ئۆزگەرتىلىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئاكتىپلىقى ئاشتى.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى